‏رەڭدار سەترىلەر

(نەسرلەر) 

يېڭى يىل تەلقىنى

 

مىنۇتلار سائەتلەرنى، سائەتلەر كۈنئايلارنى، كۈنئايلار يىللارنى ياساپ خۇددى قايتىلانماس دەريا دولقۇنلىرىدەك تۈرۈلۈپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن 

مەن تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، ئويناپ يۈرگەن سەبىي چاغلىرىمدا كۈنلەرنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ، بۇرۇتلىرىمنىڭ بۇرۇنراق خەت تارتىشىنى  دەرھال چوڭ بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ ۋەجىدىنمىكىن يېڭى يىل كېلىپ، يېشىمغا يېڭى بىر ياش قوشۇلغاندا، ھاياجانلانغىنىمدىن ئۆزۈمنى قويغىلى جاي تاپالماي قالاتتىم. شۇ چاغلاردا يېڭى يىلىمنى، يېڭى يېشىمنى مۇبارەكلىگەن كىشىلەر كۆزۈمگە خۇددى خىزىرپەرىشتىلەردەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى.

رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ، قىممەتلىك ھاياتنىڭ ئاچچىقچۈچۈك قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ پىشقان، ساقاللىرىم ئالا غازاڭ بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە سائەتنىڭ ئاستا مېڭىشىنى، كۈن، ئايلارنىڭ توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم  چۈنكى، نادانلىقتا ئويۇنتاماشا بىلەن بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمنى قايتۇرۇۋېلىش، ھاياتىمنىڭ كېمىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، چۈمۈلىدەك تىنىمسىز ئىشلەيدىغان، مىنۇتسېكۇنتنى قولۇمدىن بەرگۈم كەلمەيدىغان، قىسقىسى، چەكلىك ھاياتىمدىن ئاز بولسىمۇ ئىز قالدۇرۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم 

يۈرەكلىرىمگە بازغان ئۇرۇپ، يېڭى يىل يەنە يېتىپ كەلدى. مەن پارقىراپ تۇرغان پىچاق ئالدىدا جان قايغۇسىدا قالغان بىچارە ئۆچكىدەك تېپىرلاپ كەتتىم. تۈنۈگۈنكى تۈسۈمنى ئۆزگەرتمەي، روھىمنى ئۆيگە سولاپ دوپپامنى ئالدىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا قىلغان بارلىق ئىشلىرىمنى بىرمۇبىر ئەسلەپ، ئەجىر تەخسىسىگە تىزىپ چىقتىم. مىڭ ئەپسۇس، ئۈنۈمسىز يەر دېھقانغا ھوسۇل بەرمىگەندەك، ھېچقانچە تۆھپە يارىتالماپتىمەن 

باشقىلارنىڭ ‹ يېڭى يىلىڭغا مۇبارەك بولسۇن! › دېيىشىدىن قورقۇپ، ئۆزۈمنى ئۆيگە بەند قىلىپ بىر كۈن ئولتۇرغىنىم بىكار كەتتى. 2كۈنى ئادىتىم بويىچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىم سېلىنغان قول سومكامنى كۆتۈرۈپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم. تېخى ۋاقىت توشمىغاچقا، سىنىپتا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم بىردىن، ئىككىدىن چىقىپ: «مۇئەللىم، يېڭى يىللىرىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ يېڭى يىلىمنى مۇبارەكلەشتى. ياتاقلىرىدىن، تاماقخانىلاردىن كەلگەنلەرمۇ شۇنداق قىلىشتى. ھەربىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ «مۇبارىكى» خۇددى يۈرىكىمگە قامچىدەك ئۇرۇلۇپ، يىلان چاققاندەك تولغىنىپ كەتكەن بولساممۇ، ئەدەپ يۈزىسىدىن تەبەسسۇم قىلىپ، باش ئىرغىتىپ قويدۇم  ئىچىمدە: «ئاھ، كەلمەسكە كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىم  ئاھ، ياشلىقىم!» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

بىردەمدىن كېيىن دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. سىنىپقا كىردىمدە، ئوقۇغۇچىلىرىمغا خىتاب قىلىشقا باشلىدىم: ۋاقىت قىممەتلىك، ياشلىق قىممەتلىك، ياشلىقىڭلارنى قەدىرلەڭلار! ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت  قولىدىن ئىش كەلمەسلىك. ئەڭ قىممەتلىك ئىش  بىلىم ئىگىلەش. ئەڭ زور بايلىقمۇ بىلىم. شۇڭا، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، مىنۇتسېكۇنت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەڭلار!  بولمىسا ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىڭلار يېقىنلاشقانسېرى، پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىلەر 

 

دوستۇمغا

 

1

دوستۇم، بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىلا قول بېرىشكەن ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. تارىخ چاقى تىنىمسىز پىرقىراپ، ئاي، يىللار توختاۋسىز ئۆتۈش بىلەن، بىزنىڭ ئارىمىزدا چوڭقۇر بىر ھاڭ پەيدا قىلىپ، كۈندىنكۈنگە يىراقلاشتۇرۇۋەتتى 

شۇنداقتىمۇ مەن پەيتنى كەلتۈرۈپ، ساڭا بىرقانچە قېتىم دوستلۇق قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئەمما، سەن مەندىن خۇددى مەرەزدىن قاچقاندەك قاچتىڭ. مەن ئويلاندىم: «قايسى ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇم؟ قاچانلاردا دوستۇمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىم؟ » مېنىڭ خاتا قىلغان يېرىم، ساڭا دىلئازار قىلغان ۋاقتىم يوق ئىكەن. خاتا قىلدىم دېيىشكە توغرا كەلسە، پەقەت دوست تاللاشتا خاتا قىلغان ئىكەنمەن. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھاڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، سېنىڭ ھاراقشارابقا زىيادە ئامراقلىقىڭ، ئەمەل تەمەسىدە لالما ئىتتەك ئۆيمۇئۆي قاتراپ يۈرۈشلىرىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

مەن ئاخىرى تونۇپ يەتتىم: دوستلۇقساداقەتمەنلىك، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، پىكىرداشلىقتىن چاچرىغان نۇرلار ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەككەنكى، ئەكسىچە پايدامەنپەئەت، قۇۋلۇقشۇملۇق، ئالا كۆڭۈللۈك ئۈستىگە قۇرۇلسا ھەرگىز بولمايدىكەن.

دوستۇم، ساڭا «خەير» دېيەلمەيمەن. چۈنكى ئالدىڭدا تەگسىز ھاڭلار بار. دەرھال ئارقاڭغا يېنىپ، بىزنىڭ قوينىمىزغا قايتىپ كەل  !

2

بىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدىن تارتىپلا دوست ئىدۇق. قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىشىپ، مەرىپەت بۇلىقى، گۈلغۇنچىلارنىڭ باغۇبوستانى  مەكتەپكىمۇ تەڭ بېرىپ، ئىلىمپەن گۈلزارلىقىدىن شىرنە يىغقۇچى بىر جۈپ ھەسەل ھەرىسىگە ئايلاندۇق. ئاتائانا، مەھەللەكوي، چوڭكىچىكلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قېلىشتى 

بىز ھەممە ئىشتا بەسلىشەتتۇق. مەن ھەردائىم ئۇتۇپ چىقاتتىم. شۇ تەرىزدە ئاي، يىللار يېڭىلىنىپ، چوڭ بولدۇق. مەن سەندىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتىم. ياراتقان ئىگەم ئىلكىمگە ئۇپرىماس قەلەم ئاتا قىلدى. مەن تىرىشتىم، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جاپالىق ئەجىر قىلىش ئارقىلىق بىرنەچچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولدۇم. لېكىن، سېنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭگە ئايلاندىم. سەن خېلى ۋاقىتلارغىچە ماڭا قاراپمۇ قويمىدىڭ. ئارىمىزدا بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قاتمۇقات توساقلار پەيدا بولۇپ قالدى. مەن چىن دوستلۇق بىلەن ساڭا قول سۇندۇم. سەن قوللىرىمنى ئىتتىرىۋېتىپ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدۇڭ 

3

مەن، سەن، ئۇ  ھەممىمىز ئۆز ئېغىرلىقىمىز بىلەن تەڭ ئالتۇن، دۇرگۆھەرلەرنى يۈدۈپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان سائىللاردۇرمىز 

ئاڭلا دوستۇم، تەپەككۇر قۇشلىرىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان، ئەجىرمېھنەت ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقان چاغلىرىڭدا پېشانەڭدىن سىرغىپ چۈشكەن ئۈنچە تەر  سەن يۈدۈپ يۈرگەن ئالتۇن، دۇرگۆھەرلەرنىڭ ئېرىپپارچىلىنىپ ئىلكىڭگە ئۆتۈشىدۇر.

لايپاتقاقلارغا مىلىنىپ جاپالىق ئىشلىگىنىڭ  كەلگۈسى ئىقبال قۇياشىنىڭ ساڭا ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشىدۇر 

دوستۇم، ياتقان بولساڭ، قوپ؛ قوپقان بولساڭ، ماڭ؛ ماڭغان بولساڭ، يۈگۈر! سەنمۇ رىقابەت مەيدانلىرىدا بەيگىگە چۈش! ۋۇجۇدۇڭدىكى پۈتمەستۈگىمەس ئالتۇن، دۇرگۆھەرلەر بىلەن ھەميانىڭ لىق تولسۇن!

 

ھايات ھېكمەتلىرى

 

بىز كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىنى بىرلىكتە بېسىپ، ئېگىز تاغقا دۇچ كېلىپ قالدۇق. مەنزىلىمىز ئاشۇ تاغ چوققىسى ئىدى. بىربىرىمىزنى يۆلىشىپ، قوللىرىمىزنى تارتىشىپ، مەنزىلگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇق. ئالدىمىزدا ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، لېكىن بىتۇن تامدەك سىلىق بىر دوقال بار ئىدى. ئاشۇ يەردىن ئۆتسەكلا، پارلاق مەنزىلگە يېتىپ باراتتۇق. مەن سېنى يامىشىشقا دەۋەت قىلدىم ھەم ئىككى پۇتۇڭنى مۈرەمگە ئېلىپ، بار كۈچۈم بىلەن كۆتۈردۈم. سەن چوققىغا چىقتىڭ. مەن بار ئاماللارنى قىلىپ، تىك يارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقتىمدە، ساڭا قول سۇندۇم. ئەمما سەن قاراپمۇ قويمىدىڭ. تىرىشىپتىرمىشىپ يۈرۈپ سەن تۇرغان چوققىغا چىقاي دېگەندە بولسا، مەيدەمگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىڭدە، چوڭقۇر ھاڭغا دومىلىتىۋەتتىڭ (بۇ يەردىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ، كۆزۈڭ قىزارغانىدى).

مەن قاتتىق ئۆكۈندۈم. ھايات ھېكمەتلىرىنى بىربىرلەپ خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

ئېگىز تاغقا چىققاندا،

قولىڭىزنى مەن تارتاي.

بار ئويۇننى سىز ئويناڭ،

دەردىڭىزنى مەن تارتاي. دېگەن قوشاق ئېسىمگە كەلگەندە، ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندەك بولدۇمدە، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يەنە تاغ چوققىسىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدىم 

(ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىتژۇرنال تەھرىراتىدا)


iojoE hymtDoC+'" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks