‏رۇبائىيلار

ۋىجداننى قۇم باسسا روھىڭ سەرساندۇر،

غەپلەتكە يەم بولساڭ قەھرىڭ نىمجاندۇر،

لەززەتنى ئىزدىسەڭ ئىشرەت باغرىدىن،

چېكەڭگە قادالغان تىغلىق گۈلخاندۇر.

*   *    *

پاكلىقتىن قاچقاننى دىلدار دېمەڭلار،

ۋىجداننى ساتقاننى دوست، يار دېمەڭلار،

قەلبىنى تاڭ بىلەن يۇغاننى ئەمما

بەختنىڭ شەھرىدىن بىدار دېمەڭلار.

*   *    *

يىگىتنىڭ قەھرىنى جەڭگاھ تاۋلايدۇ،

غۇرۇرنىڭ تىغىنى قۇياش چاقلايدۇ،

خەلقىگە ئاسىيلىق قىلمىغان ئەرنى

كۈمۈش تاڭ باغرىدا مەڭگۈ ساقلايدۇ.

 

غالچىلىق ياراشماس يىگىتكە زىنھار،

ياش تۆكۈپ قالسىمۇ ھاياتتا زارزار،

نەپ ئۈچۈن نامەردكە قۇل بولغان ئەرنى

ئۆلتۈرەر بىر كۈنى چوقۇم نومۇسئار.

*   *    *

ياخشىنى ياخشى دە، ياماننى يامان،

مېھمانغا ھالۋا بەر، ئېشەككە سامان.

چاياننى سارايغا باشلىساڭ ئەگەر،

شورايدۇ قېنىڭنى سەزدۈرمەي ھامان.

*   *    *

شائىرلىق ئالەمدە ئەڭ ئالىي ئۇنۋان،

ئالالماس ئۇنۋاننى ھەقنى يازمىغان.

خەلقنىڭ دىلكىشى بولساڭ قەدىناس،

قېنىڭنى پاكىزلاپ يازغىن بىر ئوبدان.

*   *    *

قۇياش ئۇز كۆرۈنمەس زۇلمەت بولمىسا،

سۆيگۈنىڭ قەدرى يوق نەپرەت بولمىسا؛

ئالەمنىڭ زىننىتى بولارمۇ ئادەم،

كۆڭلىدە دوستلارغا شەپقەت بولمىسا؟

*   *    *

ئەقىلسىز ئادەمنى دوست تۇتما زىنھار،

ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ۋىجداننى ساتار،

ئالىمغا ئەقىدە قىلساڭ بىر ئۆمۈر،

يۇلتۇزلار مەڭزىڭدە كۈلۈپ نۇر چاچار.

*   *    *

پۇشايمان قىلمىغىن ئۆتكەن كۈنلەرگە،

نۇر بەرگىن ئەر بولساڭ زۇلمەت تۈنلەرگە؛

قەددىڭنى تىك تۇتۇپ سۆيسەڭ بۈگۈننى،

كۆمۈلۈپ كېتىسەن ياڭراق ئۈنلەرگە.

*   *    *

ياز كەتسە خازانغا كۆمۈلەر باغلار،

جىم ياتساڭ توزۇيدۇ ئالتۇندەك چاغلار.

خەجلىسەڭ قەھرىڭنى سېتىپ ئاقچىغا،

تولىدۇ بۆرىگە چىمەنزار باغلار.

(ئاپتور: گۇما ناھىيىلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)


/oDo3 i'73)g@)" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks