تۇرپاندا
بەش كۈن
تۇرپانلىق
تۇرپاندەك
قىزىقسەن،
تۇرپاندەك
ئوچۇق،
ئەي
قېرىندىشىم،
سەن
بىر تۈز
سىزىقسەن
يا سەن بىر
پاي ئوق!
گەپنى
تۇغدۇرمايسەن
بوغۇزۇڭدا
بېقىپ
بىمەھەل.
ماگمىسەن
ئېتىلىپ
تۇرغان،
چاقماقسەن
چېقىلىپ
تۇرغان،
بۆرەسەن
ھەر
تەرەپكە
ئېتىلىپ
تۇرغان
ئۈزۈمىڭدە
ئۇرۇق
كۆرۈنمەس
مىجەزىڭدە
ھىيلەمېكىر
ھەم.
ئاگاھ
بولغىن
لېكىن،
ئاگاھ بول،
ئويناۋاتسا
موللاقچى
كەپتەر
پايلىغاندەك
ئۇنى
سالاچىن
يولۇقمىسۇن
شەيتان،
مۇتتەھەم.
ئوتتۇز
ئىككى ياش
كۈلگەندە
شېئىردەك
تاتلىق بىر
ئويمان،
ئابدۇخالىق
ئۇيغۇر
بولۇپ
كۆرۈندى
تۇرپان.
شۇ
دەم ئەي
قېرىندىشىم
تۇرپان
شىۋىسىدە
پىچىرلاپ
ئاستا
ئارمىنىمغا
ئۇزاتتىڭ
ئارمان.
ئوتتۇز
ئىككى
ياشتا،
بىر
تال سېسىق
سۆڭەك
ئۈچۈنلا
خەجلىدى
خائىنلار
ئالتۇن
جېنىڭنى.
ئوتتۇز
ئىككى
ياشتا،
يېتىمئوغلاق
تەتۈر
مۇددىئا
ئىچتى
ھەقىقەتتەك
ئىسسىق
قېنىڭنى.
دۇربۇن
ئىدى
يۈرىكىڭ
كۆرۈنگەن
ئۇنىڭدىن
نى پاتقاق،
داۋان.
جاھاننەما
قىلىپ
قەلەمنى
يايدىڭ
ئۆتمۈش،
بۈگۈن،
ئەتىنى،
ئىشتتى
سەندىن بۇ
يۇرت يېڭى
پەدىنى،
ئوتتۇز
ئىككى
يىللا
ياشىدىڭ
ئاران.
«ياخشىغا
كۆرۈم يوق،
يامانغا
ئۆلۈم»
قەبرەڭگە
مۇڭ تۆكۈپ
تۇرىمەن
ئۆزۈم.
سوئاللار
قولىنى
تەڭلايدۇ
ماڭا،
سوئالسىمان
بىر قۇلۇپ
بولۇپ
ئېلىندىم
كۆزلەرنىڭ
بوسۇغىسىغا:
نېمە
قىلدىم
ئوتتۇز
ئىككى
يېشىمدا؟
نېمە
قىلدىڭ
ئوتتۇز
ئىككى
يېشىڭدا؟
2003-يىل 8-ئاي،
تۇرپانكورلا
(ئاپتور: «كىروران»
ژۇرنىلى
تەھرىر
بۆلۈمىدە)
|