‏كەپتۇدەك

(ساتىرا)

بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،

پۇل خەجلىسەك «ئىلغار» دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.

پىچىرپىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى،

ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.

 

‹ مۇپەتتىش›كەن ئاتىقى، مېھمانخاناياتىقى،

قانمىغۇچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى،

ئىچىۋالسا ئاز ئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،

ئۇنىمىسا ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.

 

كىمدە بولسا ئەمەلتاج، شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،

ئوينايدىغان مەشرىپى، چالىدىغان دېپى بىر،

تارتىدىغان ئوغلىقى، مىنىدىغان ئېتى بىر،

شۇلار بىلەن يەپئىچىپ ئوينىغىلى كەپتۇدەك.

 

بىزنىڭ باشلىق چىڭ چىقتى: باشلىۋېتىپ سەيلىنى 

قوشۇپ بېرىپ قىزچوكان، تارتىۋالدى مەيلىنى،

(ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى)،

ماراپ يۈرۈپ قىزجۇۋان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.

 

شەنبە كۈنى يېشىل باغ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەتتە،

قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە،

قاتارلىشىپ پىكاپلار تاغقا ماڭدى رەترەتتە،

چۈنكى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يېگىلى كەپتۇدەك.

 

تىلى بارۇ، سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،

ئۆزى بارۇ، كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك،

لازىملىقنى ئۆزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،

بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.

 

قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئەرز، ئىنكاس تىڭشىماس،

ئون كەلسىمۇ نامراتنىڭ ھالكۈنىنى ئوڭشىماس،

تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،

خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.

 

يالغان قايسى، راست قايسى؟ بىلىپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،

قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس.

ئەگىز سۇدا كۈندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،

ئۆزگىنىمۇ ئۆزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.

 

ساھىبخاننى قىستاركەن قىشتا قىمىز تاپقىن، دەپ،

بايتاللىرىڭ بولمىسا، ئاتلىرىڭنى ساغقىن، دەپ،

بۇيرۇيدىكەن ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن، دەپ،

بىزنى سېلىقئالۋاڭغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.

 

ياخشىلارنى ماختىماس، يامان بىلەن كارى يوق،

دۇتار ئىكەن گويا بىر، قۇلىقى بار، تارى يوق،

تۈگىتىدۇ «تەكشۈرۈپ»، تەدبىرى يوق، چارە يوق،

بىزنى كالۋادۆت كۆرۈپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.

 

كۆپ كۆرگەنمىز بۇ يەڭلىغ تەكشۈرگۈچى ئۆمەكنى،

تەڭلەپ قويۇپ قايتىشار ئاغزىمىزغا جۈمەكنى،

بۆلەپ قويۇپ بۆشۈككە، سېلىپ قويۇپ شۈمەكنى،

چىداملىقنى بىز كەبى خىللىغىلى كەپتۇدەك.

 

قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىقىغا نېمە دەر؟

بۇ يەردىغۇ كۈندە گۆش، ئۆيلىرىدە نېمە يەر؟

مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى ئاران ئىشلەپ ئالتە سەر،

شەرەپشاننى، دەيۈزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.

(ئاپتور:غۇلجا ناھىيە دۆڭمەھەللە 1يول 351قورۇدا)


ixCyL&D i'73)gf)lof : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks