جەننەت
مۇكاپاتى
تۈن
يېرىم
بولغان چاغ
ئىدى،
روبېرت
كومپيۇتېر
بىلەن
ھەپىلىشىپ
ئولتۇراتتى.
توساتتىن
پەرىشتە
ئەرشتىن
ئۇنىڭ
ئالدىغا
چۈشتىدە،
دېدى:
ياخشىمۇسىز
ئەپەندى،
مۇنداق بىر
ئىش بىلەن
ئالدىڭىزغا
كەلدىم:
ئاللاتائالا
توساتتىن
ئۆزىنىڭ
پانىي
ئالەمدىكى ھەربىر
كىشىگە
بۆلۈپ
بەرگەن
نېسىۋىسىنىڭ
ئاز بۆلۈپ
قالغانلىقىنى
ھېس قىلىپ
قالدىدە،
تولۇقلاپ
بېرىش
قارارىغا
كېلىپ،
جەننەتتە
مۇكاپاتلىق
چەك تارتىش
چارىسىنى
ئويلاپ
چىققانىدى.
مۇكاپاتقا
ئېرىشكۈچىلەرنىڭ
مۇكاپاتى
ئاللانىڭ
ھەربىر
كىشىگە
قىلغان
ئىنئامى
بولىدۇ.
ئەمدى
نۆۋەت
سىزگە
كەلدى،
ئەپەندىم.
روبېرت
قولىنى
ئۇزىتىپ
پەرىشتە
ئېلىپ
كەلگەن
خالتىدىن
قولىغا
چىققان بىر
نەرسىنى
ئالدى، ئۇ
پارقىراپ
نۇر چېچىپ
تۇرغان،
ھەرقانداق
كىشىنىڭ
زوقىنى
تارتىدىغان
نەرسە ئىدى.
مۇبارەك
بولسۇن،
ئەپەندىم،
سىز
بىرىنچى
دەرىجىلىك
مۇكاپاتقا
ئېرىشتىڭىز،
سىزنىڭ
تەلىيىڭىز
بەك ئوڭ
ئىكەن.
بىرىنچى
دەرىجىلىك
مۇكاپات؟
ئۇ نېمە؟
روبېرت
خۇشاللىقىدىن
ئۆزىنى
باسالمىغان
ھالدا
سورىدى.
‹ ئەقلىي
كامالەت ›
ئەپەندىم،
سىز بۇ
خالتىدىكى
نەرسىنى
ئىچىۋەتسىڭىز،
شۇ زامات
ئەقىلپاراسىتى
كامالەتكە
يەتكەن
ئۆلىماغا
ئايلىنىسىز.
پاھ، بەك
ياخشى
بولدى،
مېنىڭمۇ
باشقىلاردىن
ئۈستۈن
تۇرىدىغان
چاغلىرىم
ئاخىرى
يېتىپ
كەپتۇدە،
دەپ
ۋارقىرىۋەتتى
روبېرت.
مەن
سىزگە
ئازراق
چۈشەنچە
بېرىپ
قوياي،
ئەپەندىم،
دېدى
پەرىشتە،
سىز بۇ «ئەقلىي
كامالەت»
دېگەن
نەرسىنى
ئىچىۋەتكەندىن
كېيىن،
سىزنىڭ
ئەقىلپاراسىتىڭىز
ئادەتتىكى
كىشىلەردىن
زور
دەرىجىدە
ئېشىپ
كېتىپلا
قالماستىن،
بەلكى سىز
ياشاۋاتقان
مۇشۇ
دەۋردىنمۇ
ھالقىپ
كېتىدۇ.
شۇڭلاشقا،
سىزنىڭ
ئىدىيىڭىزنى
بۇ دەۋر
كىشىلىرى
چۈشىنەلمەيدۇ،
سىزنىڭ
يېتىملىك
ئىچىدە
ياشىشىڭىزغا
توغرا
كېلىدۇ.
ئەتتەڭ،
روبېرتنىڭ
قاپىقى
تۈرۈلدى.
چۈشىنىشكە
نائىل
بولالمىغانلىقىڭىز
ئۈچۈن،
سىزنىڭ
مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىز
ئېتىراپ
قىلىنمايدۇ،
سىز
ھاياتلىق
مۇساپىڭىزنى
داۋاملاشتۇرۇشتىمۇ
مۈشكۈلاتلارغا
يولۇقىسىز.
ئەتتەڭ،
روبېرت
چاشقان
دورىسى
يەۋالغاندەك
ئازابلىق
ۋارقىرىۋەتتى.
بەلكى،
دېدى
پەرىشتە، سىز
بەلكىم بۇ
جەمئىيەت
تەرىپىدىن
بىدئەتچى
دەپ
قارىلىپ،
تىرىك
تۇرغۇزۇپ
كۆيدۈرۈلۈشىڭىز
ياكى سۇغا
غەرق
قىلىنىپ
ئۆلتۈرۈلۈشىڭىز
مۇمكىن.
دەرۋەقە،
دېدى
پەرىشتە
سۆزىنى
داۋاملاشتۇرۇپ،
سىز چىڭ
تۇرغان
ھەقىقەت
ئاخىرى بىر
كۈنى
ئېتىراپ
قىلىنىدۇ.
سىز
دۇنيادىن
ئۆتۈپ 50 ياكى
100 يىلدىن
كېيىن،
دۇنيا
ئاخىرى
سىزنىڭكىنىڭ
توغرا
ئىكەنلىكىنى
بايقايدۇ،
سىز بىر
ئۇلۇغ
تالانت
ئىگىسى دەپ
قارىلىسىز.
سىزنىڭ
تۇغۇلغان
كۈنىڭىز
خاتىرە
كۈنى قىلىپ
بېكىتىلىدۇ؛
تۇغۇلغان
يۇرتىڭىزدا
سىزنىڭ
ھەيكىلىڭىز
تۇرغۇزۇلىدۇ؛
سىز
ئىنسانىيەت
تارىخىدا
مەڭگۈلۈك
ئابىدىگە
ئايلىنىسىز
پەرىشتىنىڭ
سىماسى
ئاستائاستا
غۇۋالىشىپ،
ئاخىرى
كېچە
ئاسمىنىدا
غايىب
بولدى.
روبېرت
قولىدىكى «ئەقلىي
كامالەت»كە
قارىدى، ئۇ
ھەر خىل
رەڭدە
ئۆزگىرىپ،
كىشىدە
چۈشىنىش
قىيىن
بولغان
سىرلىق تۈس
پەيدا
قىلاتتى.
روبېرت
ئەتراپقا
كۆز
يۈگۈرتۈپ
چىققاندىن
كېيىن،
ئىشىكنى
ئاستاغىنە
ياپتىدە،
يۈگۈرۈپ
ئوبۇرنىغا
كىرىپ، بىر
خالتا «ئەقلىي
كامالەت»نى
تەرەت
تۇڭىغا
تۆكۈۋەتتى.
(بۇ
ھېكايە «بۈگۈن
ۋە ئۆتمۈش
ئەپسانىلىرى»
ناملىق
ژۇرنالنىڭ2003-يىللىق
9-سانىغا
شاۋفىڭ
ۋۇخىڭ
نامىدا
بېسىلغان،
ئىدرىس
بارات
تەرجىمە
قىلىپ
تۈزدى)
|