مەستنىڭ
قىسمەتلىرى
(فېليەتون)
1
سەن
تەلمۈرۈپ
كۈتكەن
يېڭى يىل
ئاخىرى
يېتىپ
كەلدى. ئاھ
يېڭى يىل!
تەستە
كەلگەن بۇ
يېڭى يىلنى
ئوبدان بىر
تەبرىكلىمەي
بولمايدۇ.
توغرا،
رېستوراندا
ئولتۇرۇش
كېرەك.
بىراق،
بۇنداق
چاغلاردا
ئۈچتۆت كۈن بۇرۇن ئورۇن
زاكاز
قىلىپ
قويمىساڭ،
تەبرىكلىگۈچىلەرنىڭ
كۆپلۈكىدىن
يېڭى يىلغا
مەست
پېتىڭچە
كىرىش
شەرىپىدىن
مەھرۇم
قالىسەن.
ھاراققۇ
نەدە ئىچسە
مەست
قىلىۋېرىدىغان
نەرسە.
بىراق
ۋاقىت،
سورۇن
ئوخشىمايدۇدە.
نەچچە
ۋاقىتتىن «شوپاڭ»دا
ئىچكەن
بولساڭ،
ئەمدى يېڭى
يىلدا
يېڭىچە
بىرەر
قېتىم
ئولتۇرمىساڭمۇ
سەت تۇرار.
كادىرلىقىڭنى،
ھېچ
بولمىغاندا
ئۈستۈڭدىكى
مۇنۇ
كاستۇمبۇرۇلكا،
گالىستۇكنىڭ
ئىناۋىتىنى
دېمىگەندىمۇ
شۇنداق
قىلىپ،
يېرىم كۈن
سوكۇلداپ
يۈرۈپ
قايسى بىر
كاتتا
رېستوراندىن
بىر «خالىي
ئورۇن»
ئۇقۇشتۇڭدە،
مەردانىلارچە
ھەر
تەرەپكە
چاقىرغۇ ۋە
تېلېفون
قىلىشنى
باشلىۋەتتىڭ
بىچارە
ئىككى
بالاڭ ئوت
قالاقسىز
ئۆيدە
تىترەشكىنىچە
ئولتۇرغان
دەقىقىلەردە،
سەن ھېلىقى
«لازىلىقتا
ئۆلگەن
توخۇ»
قاتارلىق
يېسە
ئېغىزنى،
چىقارسا
كۆتنى
ئېچىشتۇرىدىغان
قورۇمىلاردىن
لەززەتلەنگەچ
ھاراق
ئىچىۋاتاتتىڭ. قۇلاقنى پاڭ
قىلىۋەتكۈدەك
مۇزىكىلار
ئالايېشىل
چىراغلار
ئاستىدىكى
كىچىككىنە
دائىرىدە
بىر توپ
ئەرئاياللار
بىربىرىنى
يۆلەشكىنىچە
زېرىكمەستىن
بىر خىل
ھەرىكەتنى
تەكرارلىماقتا
رومكا
ئايلانماقتا سەنمۇ
مەستخۇشلۇق
ئىلكىدە
قايسىدۇر
بىر قىز
بىلەن
ئىككىئۈچ
مەيدان
تانسا
ئوينىغاندەك
قىلدىڭ. سەن
تانسا
ئويناۋېتىپ،
ئايالىڭنىڭ
سېمىز بىر
ئەر بىلەن
تانسا
ئويناۋاتقانلىقىنى
كۆرۈپ
قېلىپ،
ئازراق
سەگەكلەشتىڭ.
بىراق،
سېنىڭمۇ
قۇچىقىڭدا
بىر قىز
باردە. سەن
ئايالىڭنى
مىنۇت
ئىچىدە
كەچۈرۈۋەتتىڭ:
ئېھتىمال
بىرەر
مۇھىم
كىشىدۇر،
توغرا
چۈشىنىش
كېرەك.
ئىلمىيلىك
ھەممىدىن
مۇھىم،
ئوقۇغاندە
بىز
ھەر
كۈنى
ئىچىۋېرىپ
مەستلىك
رېفلىكىس
بولۇپ
كەتكەن
نېرۋاڭ،
ھەتتا
سوغۇق سۇ
ئىچسەڭمۇ
ئۈچتۆت
رومكىدىن
كېيىنلا
ئاينىشقا
باشلايتتى.
سەن يەنە
مەست بولۇپ
قالدىڭ.
كۆزلىرىڭ
توختىماي
ئايالىڭنى
ئىزدەيتتى،
لېكىن
تاپالمايتتى.
كۆزلىرىڭ
غۇۋالىشىشقا
باشلىدى،
يىغلىدىڭمۇ
ياكى
ھەقىقەتەن
ئېغىر مەست
بولۇپ
قالدىڭمۇ،
بىلەلمىدىڭ.
ئۆزۈڭگە
سۆزلىدىڭ:
بۇ يەرنىڭ
شوپاڭدىن
نېمە پەرقى؟
ئۇ يەردە
تىزىمىزغا
قونۇپ
ئولتۇرۇپ
ھاراق
قۇيۇپ
بېرىدىغان
«تومۇچۇقلار»
بار، بۇ
يەردە
ئۆيدىن
ئەگىشىپ
كەلگەن «پاختەكلەر»
ئىشلىرىمىزغا
نازارەتتە
بۇ يەرنىڭ
زادى
نېمىسىنى
ئارزۇلايمىز؟
توغرا، بۇ
يەرنى «زامانىۋى
شوپاڭ!» دەپ
ئاتاش
كېرەك. ھا
ھا ھا
زامانىۋى
شوپاڭ
كارامەت
ئىسىم
بولدى
خىياللىرىڭدىن
لەززەتلىنىپ
قايسىدۇر
بىر پەدىگە
خىرقىرىغىنىڭچە
ئۆيگە
قايتماقچى
بولدۇڭ.
پاتەم
شوينا،
ئايىم
لەڭپۇڭ
ياكى غوپۇر
قۇسۇقلارنىڭ
شوپاڭخانىسىدىغۇ
پۇلنى
قاچان
تۆلىسەڭ
بولىدىغان
گىگانت
خۇمپەر
ئىدىڭ.
بىراق،
تۈمەنلەپ
پۇل خەجلەپ
رېستوران
ئاچقانلار
سەندەك
تاكىراڭ
مەستتىن
ئۆز
نېسىۋىسىنى
نەق
ئېلىشنى
ئۇلاردىن
ئوبدان
بىلىدىكەن.
ئۆيۈڭگە
كۆمۈر،
ئىككى
بالاڭغا
قىشلىق
چاپان،
ئاياغ
ئېلىپ
بېرىشنى
پىلانلاپ
ئەتىگەن
بىرسىدىن
تىزلىنىپ
تۇرۇپ قەرز
ئالغان 250
يۈەن پۇل
قولۇڭدىن «مىرتتىدە»
چىقىپ
كېتىشى
بىلەن
تەڭلا
ھېچنېمىنى
بىلمىگۈدەك
مەست
بولدۇڭدە،
نەسىللىك
ئىنەكنىڭ
ئەمچىكىدەك
لەپپەڭشىگىنىڭچە
قاياققىدۇر
يوقالدىڭ
ئەتىسىمۇ،
ئۆگۈنىمۇ
توختىماي
ئىچتىڭ.
بۈگۈنمۇ
يەنە مەست
ھالەتتە
ئۇچرىدىڭدە،
قاچان
ئۇچرىساڭ
ئۇنتۇپ
قالماي
سورايدىغان
سوئالىڭنى
يەنە
تەكرارلىدىڭ:
جېنىم
ئاغىنە،
ئىنتايىن
ئاز چىقىم
بىلەن
ھازىرقى
مائاشىمدىنمۇ
نەچچە
ھەسسە كۆپ
پۇل
تاپقىلى
بولىدىغان
ئىش بولسا
دەپ
بەرگىنە!
ئۇنداقتا
بۇ
سوئالىڭغا
قېرىنداشلارچە،
دوستلارچە
مەسلىھەتىم
شۇ، ئاڭلا:
سەن كۈندە
ئىچىۋاتقان
مۇنۇ
شوپاڭلارنىڭ
ئالدىغا
مەستنىڭ
سۈيدۈكى
بىلەن
قۇسۇقىدىن
ھاراق
ئايرىۋالىدىغان
بىر زاۋۇت
قۇرساڭ،
كۈندىلىك
ھاراق
مەسىلەڭمۇ
ھەل
بولىدۇ،
ھېچقانچە
چىقىم
تارتمايلا
بېيىپ
كېتىسەن
2
روزى
ھېيت بىلەن
يېڭى
يىلنىڭ
سۇنۇقچىلىقىدىن
بېلىڭنى
رۇسلىيالمايۋاتقان
بىر پەيتتە
قۇربان
ھېيت
غارقىراپ
يېتىپ
كەلدى.
ئەرزان
كىيىملەرنى
ياراتماي،
ئەڭ يېڭى
مودېسىنى
ئالىمەن
دەپ يۈرگەن
ئايالىڭ،
ھېيتقا ئۈچ
كۈن
قالغاندا،
قاقۋاش
سودىگەرلەر
ھەممىنىڭ
كۆزىنى
ئالىچەكمەن
قىلىپ
ئەكەلگەن
كاتتا بىر
قۇر خۇرۇم
كىيىمنى
مىڭ سومغا
كۆزلىرىنى
قىزارتىپ
تۇرۇپ
سېتىۋالدى.
ئەرخوتۇن
ئىككىڭلارنىڭ
مائاشى ھەر
خىل چاي،
ئولتۇرۇشلاردىن
قورسىقىڭلارغا
ناھايىتى
تەستە
ئېشىنىۋاتقاندا،
بۇ
ئەلۋەتتە
ئاز پۇل
ئەمەستە.
ئۆزۈڭغۇ
روزا
ھېيتتا
ئالغان
ئەرزان
باھالىق
كاستۇمبۇرۇلكىنى
قۇرۇق
يۇيۇش
ئورنىدا
يۇيدۇرۇپ
دەزماللاپ
كىيەرسەن،
بىراق،
بالىلارچۇ؟
ھېيتلىق
گۆش،
مېۋەمەزەلەرچۇ
؟ ھەي پۇل
ئاخىرى
يېزىدىكى
بىچارە،
مۆمىن
ئاتائاناڭنى
«تەسىرلەندۈرۈپ»
شاتراق
پاقلاندىن
بىرنى ھەل
قىلدىڭ؛
ئۇنىڭ
دۈمبىسىگە
بىر خالتا
گۈلەجىگدىنى
ئارتتىڭدە،
مېھرىبانلارغا
خوش
دېيىشنىمۇ
ئۇنتۇپ،
خوتۇنۇڭنى
خۇش
قىلىشقا
ئالدىرىدىڭ.
ئايالىڭمۇ
«كەمپىر»نى
(قېيناناڭنى
شۇنداق
ئاتايتتىڭ)
«تەسىرلەندۈرۈپ»
بىر
داستىخانلىق
ساڭزا،
پىچىنەپىرەنىكنى
ئەسىرگە
ئېلىشقا
ئۈلگۈردى.
ئاھ، مۇھىم
مەسىلىلەر
ھەل بولدى!
راست،
بالىلارنىڭ
ئۈستۋېشىچۇ؟
بولدىلا،
ئۇلار
كىچىك
ئەمەسمۇ،
قىشنىڭ
كۆزى
قارىغۇ،
ياكى
بولمىسا
ئۇلارنى
بىر يەرگە
ئاپارمىساڭلا
بولدى
ئەمەسمۇ؟
ھېيت
ناغرىسى
چېلىنغان
كۈنى
ئەتىگەن
قاسساپ
ئىزدىدىڭ.
ئۆمرۈڭدە
پىتتىن
باشقا
نەرسىنى
ئۆلتۈرۈپ
باقمىغاچقا،
ئاشۇنداق
ئاددىي
ئىشلارغىمۇ
ئامالسىز
پۇل
خەجلەشكە
توغرا
كەلدى.
ھەشپەش
دېگۈچە
گۆشمۇ
ئاسقۇغا
ئېسىلدى،
بالاچاقىلىرىڭ
بىلەن
قېيناتا،
قېيناناڭنىڭ
شەھەر
مەركىزىدىكى
ياسىداق
ئۆيىدە
كەچكىچە
مېھمان
بولۇپ،
ئۇلارنى
ئۆزۈڭ
تاكسى كىرا
قىلىپ
ئۆيۈڭگە
ئېلىپ
كېلىپ
ھېلىقى
گۆشتە
راۋۇرۇس
مېھمان
قىلىۋاتقاندا،
سەھرادىكى
ئاشۇ
جاپاكەش
مېھرىبان
ئاتائاناڭ
سېنىڭ ۋە
بالىلىرىڭنىڭ
يولىغا
تەلمۈرۈشكىنىچە،
قازىنىدا
ئەتىگەندىن
بېرى
قايناۋېرىپ
ئېزىلىپ
كېتىۋاتقان
گۆشنىڭ
شورپىسىدىن
بىر قوشۇق
ئىچىشكىمۇ
قىيمىغان
ھالدا
ساقلاپ
ئولتۇراتتى
نېمىلا
بولمىسۇن
بۇ ھېيتتا
ئازدۇركۆپتۇر
چىقىم
بولدى.
ئوچۇقىنى
ئېيتقاندا،
قەرزىڭ بىر
ئۈلۈش
كۆپەيدى.
مەيلىلا
دەيتتىڭيۇ،
ئىچىڭ
ئىچىشاتتى.
ئۇچرىغانلا
تونۇشىڭغا
ۋايساپ
قوياتتاڭ:
ئىنىسى
روزەكنى
ئاران
تەستە
ئۇزاتقانىدۇق،
ئاكىسى
قۇنەك
كېلىپ
ئادەمنى
ئەجەب جىلە
قىلدا
!
3
ئاياللارغا
ئۆزىنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى
ھېس
قىلدۇرىدىغان
«8مارت»
بايرىمى
نازلىنپ
يېتىپ
كەلدى.
ئاياللار
كېچىنى
كېچە دېمەي
ئۆزئارا
خەۋەر
يەتكۈزۈشۈپ،
تېلېفونلىشىپ
مەركىزىي
شەھەردىكى
مودېنى
ئۇرۇقتۇغقان،
دوستبۇرادەر
ياكى
شوپۇرلاردىن
بىر
ئاماللار
بىلەن ئۇقۇپ،
رەستەبازارلاردا
باسباس
قىلىپ
سېتىۋالماقتا.
ئاھ، خۇدا!
نېمە
كۆرگۈلۈك
بۇ؟! بىراق،
سەن ئەر.
چىداش
كېرەك،
چىدىدىڭ.
چىدىمايمۇ
ئامالىڭ
يوق.
مائاشىڭنى
تولۇقى
بىلەن
ھەرقايسى «مەست
زاۋۇتلىرى»نىڭ
خوجايىنلىرى،
توي
قىلىۋاتقان،
ئۆلۈۋاتقان،
ئۆي
كۆچۈۋاتقان
لار
ئېلىۋاتسا،
ئايالىڭغا
يەنە
چىدىمامتىڭ؟
ئۇ
بىچارىمۇ
ئىششەك
قەرزنى
پاتىڭىغا
ئارتىپ
يۈرۈپمۇ،
يەنە چىداپ
كىيىم
كىيىۋاتسا لېكىن
يۈرىكىڭنىڭ
بىر
يەرلىرى
پىژىلدايتتى:
دەلتە
خوتۇن،
روزا
ھېيتتا
ئالغان
كىيىمىڭ
كىرلەشمەستە
يېڭى
يىللىق،
قاتار چاي،
يەتمىش
پۇشتۇمنىڭ
تويى،
قۇربان
ھېيتلىق
دېگەنلەر
ئۈچۈن
ھەپتىسىگە
بىر قۇردىن
كىيىم
سېتىۋالدىڭ،
ئەمدى يەنە
ئاھ، خۇدا!
نېمىشقا
يەتتىنچى
مارتتىن
كېيىنلا
توققۇزىنچى
مارت
كەلمەي،
سەككىزنچى
مارت
كېلىدىغاندۇ؟!
ئادەملەر
ئىپتىدائىي
جەمئىيەتتىن
تەرەققىي
قىلمىسا
بولمامدۇ!
مىڭ
ئەپسۇس،
نېمىشقا
ھەربىي
خوتۇن
ئالمىغان
بولغىيتتىم
ئىلاھىم
بايرامنى
شاخلاتقان
گۇي
تۇتامسىز
بىر
باھانىدە
ئۆلەر !
سېنىڭ
غەزەپلىك
خىياللىرىڭمۇ
شۇنچە
سىپايە،
شۇنچە
زەئىپ ئىدى.
شۇنداق،
ئايالىڭنى
يۈزتۇرانە
تىللىيالمىدىڭ
(بۇ دېگەن
مودا)،
ئەمما
خىيالەن
سۆزلەشتىڭ:
سۆيۈملۈكۈم، سىزنى
يۈرىكىمنىڭ
قاتقېتىدىكى
چوڭقۇر
مۇھەببىتىم
بىلەن، ئەڭ
يېقىملىق،
ئەڭ چۈچۈك
تىلدا «ئېھ،
نائىنساب
خوتۇنلار
تائىپىسى!»
دەپ
تىللىسام
خاپا
بولماسسىز؟
ئايالىڭ
تاتلىققىنە
كۈلۈپ
جاۋاب
بەردى:
نېمە
دەپ خاپا
بولغۇدەكمەن.
سىزدەك
كۈندە
پىۋا،
ھاراقنى
ئىچىۋېرىپ ئەرەنلىكى
كۈنسېرى
ئاجىزلىشىۋاتقان
شوپاڭ
كۈچۈكى
ئېرىمنىڭ
بولغانلىقىدىن
پەخىرلەنسەم
بولىدۇ
تېخى
زۇۋانىڭ
تۇتۇلدى.
ئايالىڭ «مارت»لىق
كىيىملىرىنى
كىيىپ
كۆزۈڭدىن
ئوت
چاقناتقىنىچە
مەسخىرىلىك
كۈلۈپ، بىر
توپ
ئاياللار
بىلەن
بىللە
رېستوران
تامان
يۈرۈپ
كەتتى
4
بايراملار
رەترېتى
بىلەن
دارىقاڭشىپ
كەلمەكتە. «1ماي
ئەمگەكچىلەر
بايرىمى»،
«4ماي
ياشلار
بايرىمى»!
بۇ
بايراملارنىمۇ
ئەلۋەتتە
ئوبدان
تەبرىكلەش
كېرەك.
ھۆكۈمەتمۇ
تەبرىكلەڭلار،
دەپ
بىرقانچە
كۈن
قويۇۋەتتى
ئەمەسمۇ. بۇ
قېتىم
ئايالىڭ
ئىككى
بايرامغا
قىسقارتىپلا
380 يۈەنگە بىر
قۇر يازلىق
كىيىم
سېتىۋالدى.
ئەسلىي ئۇ
تېخىمۇ
قىممىتىنى
سېتىۋېلىپ
ھەممىنىڭ
كۆزىنى
ئالغاي
قىلىۋەتمەكچى
ئىدى،
بىراق،
يانچۇقنىڭ
كۆزى ياش
يۇقى! ئۇنىڭ
ئۈستىگە
ئاز كۈندىن
كېيىن «بالىلار
بايرىمى»
كېلىدۇ
ئەمەسمۇ.
ئارىلىقتا
ھەر خىل
توي، چاي،
بەزمەباراۋەتلەر
بولۇپ
تۇردى.
قاراڭلار،
«بالىلار
بايرىمى»
ئويناقلاپ
يېتىپ
كەلدى!
ئاتائانىلار
بالىلىرىنى
چىرايلىق
ياساندۇرۇپ
باغچىلارغا
چاپماقتا.
ھەممە
يەردە
بالىلارنىڭ
كۈلكىسى،
بالىلارنىڭ
جىلۋىسى
بىراق،
سىلەرنىڭ
ئۆيگە شۇ
تاپتا
ئېغىر
پۇشۇلداشلار
ھۆكۈمران.
ئەرئايال
ئىككىڭلارنىڭ
مائاشى
ئاللىبۇرۇن
خەجلىنىپ
تۈگىگەچكە،
كۆڭلۈڭلار
شۇنچىلىك
يېرىم.
تۇيۇقسىز
بىر مۆجىزە
بىلەن
بىردىنلا
بالىلىقىغا
قايتىپ،
مەھەللىدىكى
بالىلار
بىلەن
بايراملىق
كىيىملىرىنى
كۆزكۆز
قىلىپ
تايتاڭلىيالمىغانلىقى
ئۈچۈن،
ئايالىڭ
دېگەن
ھېسسىياتچان
مەخلۇقنىڭ
يۈرىكى شۇ
تاپتا
لەخەلەختە
قان!
ئۇ
ئىچىدە
گۇڭراپ
ناخشا
ئېيتماقتا:
ئىخ،
بالىلىق!
بالىلىققا
قايتقۇم
بار،
بۆشۈكۈمدە
ياتقۇم بار.
ھەي
بالىلار
مەن
كېتەي
سىلەر
بىلەن
ئوينىغىلى
ئىككى
بالاڭ
ئەتىگەن
يۈرىكىڭنى
سۇغارغاندەك
قىلىپ
بەرگەن بەش
يۈەننى
سىقىمدىغىنىچە
قاياققىدۇر
يوقالغان.
خەق
بالىلىرىغا
كومپيۇتېر
دەپ نەدىكى
ئادەمنى
گالۋاڭ،
ھۇرۇن
قىلىۋېتىدىغان
باھاسى
زەھەردىن
ئاچچىق
نەرسىلەرنى
ئېلىپ
بېرىدىكەن.
تەھقىقكى،
سەن مەڭگۈ
ئۇنداق
ئەخمەقلەرنى
دورىمايسەندە.
«زالىمنىڭ
بالىسى
ئالىم
بولىدۇ»
ئەمەسمۇ.
بىردىنلا
گېلىڭ
قىمشىپ
كەتتى.
ئاستا
سىرتقا
چىقتىڭدە،
تونۇش
شوپاڭغا
جۆنىدىڭ.
يېنىڭدا
بىر
تىيىنمۇ
پۇل يوق
ئىدى. «دۇنيادا
ھاراقكەش
بىلەن
بەڭگىنىڭ
رىسقى بەك
كەڭرى
بولىدۇ». بۇ
سېنىڭ
مۇشەققەتلىك
ھايات
سەپىرىڭدە
مول تۇرمۇش
تەجرىبەڭگە
ئاساسەن
چىقىرىلغان
ئەمەلىي
يەكۈن.
ئەلقىسسە،
ھېيتلاپ
يۈرۈپ
راۋۇرۇس
تەڭشەلدىڭدە،
ئۆيگە
قايتماقچى
بولدۇڭ.
كوچىلاردا
ئاتائانىلار
بالىلىرىنى
ئويناتقاچ
كەچلىك
سەيلە
قىلىۋاتاتتى.
مەستلىكتە
بىردىنلا
بالىلىقىڭ
ئېسىڭگە
يېتىپ
پۈتكۈل
بەدىنىڭ «شۇررىدە»
ئېرىپ
كەتكەندەك
بولدىدە،
كۆزۈڭدىن
ئىككى
تامچە ياش «جىرتتىدە»
ئېتىلىپ
چىقتى.
ياشلىرىڭنى
سۈرتۈشنىمۇ
ئۇنتۇپ،
بالىلىرىڭ
ئوقۇپ
يۈرگەن بىر
ناخشىنى
خالىغان
ئاھاڭدا
بۇزۇپ
ئوقۇشقا
باشلىدىڭ:
ساۋاقداشلار،
ساۋاقداشلار
باغقا
بارايلى.
كېۋەزلىككە
قوغۇن
تېرىپ
خاڭگا
ئالايلى.
ئا
يارەي
باغقا
بارايلى
5
‹ پارتىيە
قۇرۇلغانلىقىنى
تەبرىكلەش
بايرىمى›دا
(خۇداغا يۈز
مىڭ شۈكرى)
چىقىم
بولمىدى. بۇ
كۈندە
ھەرقايسى
ئىدارە،
جەمئىيەتلەر
ئارا
پارتىيىنى
كۈيلەپ خور
ئوقۇش
مۇسابىقىسى
ئۆتكۈزۈلۈپ،
ئايالىڭ
بىر قۇر
قىپقىزىل
تەنتەربىيە
كىيىمىگە،
سەن ئاپئاق
بىر ئىشتان
ۋە
قىپقىزىل
بىر
كۆڭلەككە
ئېرىشىتڭ
«1ئاۋغۇست»
ئارمىيە
بايرىمىمۇ
داغدۇغىسىز
ئۆتۈپ
كەتتى.
ئارىلىقتا
ھەر خىل
چاي، توي،
بەزمەباراۋەتلەر
بولۇپ
تۇردى.
ھەشپەش
دېگۈچە «ئوقۇتقۇچىلار
بايرىمى»
يېتىپ
كەلدى.
گەرچە
ئىككىڭلار
ئوقۇتقۇچى
بولمىساڭلارمۇ،
بۈگۈن
ئايالىڭنىڭ
تۇغۇلغان
كۈنى ئىدى.
ھەپتىدىن
بېرى
تەييارلىق
قىلغان
ئايالىڭ
بۈگۈن
مەلىكىلەردەك
ياسىنىپ
ھەممىنىڭ
كۆزىنى
قاماشتۇرۇۋەتكەندى.
ھەشەمەتلىك
رېستوراننىڭ
ئۈچ
جوزىسىدا
لىقمۇلىق
ئولتۇرۇشقان
مۇنۇ
ئەرئاياللارنىڭ
ھەممىسى
ئايالىڭنىڭ
تۇغۇلغان
كۈنىنى
تەبرىكلىگىلى
كەلگەنلەر
ئىدى. باشقا
جوزىلاردا،
ئوقۇتقۇچىلار
بولسا
كېرەك،
پاتپات «مۇدىرنىڭ
قولىدىن
بىر رومكا
ئىچەيلى!»،
«شوجاڭغا
خوش دەيلى!» دېگەن
سادالار
ياڭراپ
تۇراتتى.
يەپئىچىش
باشلاندى.
قىقاسچۇقان
گۈلدۈرمامىدەك
يۈرەكنى
جىغىلدىتىدىغان
مۇزىكىلار
بىر چاغدا
ئوتتۇز
نەچچە تال
شام
ياندۇرۇلغان
تورت
ھەيۋەتلىك
تۇغۇلغان
كۈن
مۇزىكىسى
ساداسى
ئىچىدە
جوزىغا
ئېلىپ
كېلىپ
پارچىلاندى،
ئەمدى
قىقاسچۇقان
يېڭى
دولقۇنغا
كۆتۈرۈلدى.
بىربىرىنىڭ
يۈزىگە
تورت
سۇۋاشلار
ھەر
تەرەپتىن
قار
پومزىكىدەك
ئۇچۇپ
كېلىۋاتقان
تورتلار
سورۇن
پەسكويغا
چۈشۈپ
تانسا
باشلاندى.
يېرىم كۈن
قىلغان
گىرىمنى
تورت
يۇقىلىرى
بىلەن
قوشۇپ
يۇيۇۋېتىپ
كىرگەن
ئايالىڭ
سورۇندىكى
ئەرلەر
بىلەن
نۆۋەت
بىلەن
تانسا
ئوينىماقتا.
توغرا
چۈشىنىش
كېرەك،
ئىلمىيلىك
ھەممىدىن
مۇھىم
سەن
ئايالىڭنىڭ
ئورۇنلاشتۇرۇشى
بويىچە «مۇقىملىقنى
ساقلاپ»
ھاراق
قويۇشۇڭ
كېرەك.
رومكا
ئايلانماقتا
رېستورانمۇ، بېشىڭمۇ
ئايلانماقتا
بىر
چاغلاردا
يۈزلىرىنى
دانىخورەك
باسقان بىر
خوتۇن
دەپتەر
كۆتۈرۈپ
يېنىڭغا
كەلدى. سەن
ئولتۇرغان
شىرەدىكىلەرمۇ
يانچۇقلىرىنى
كولاشقا
باشلىدى. «مەن
ئۇنىڭ ئېرى»
دېدىڭ
تەسلىكتە. «ئايالىڭىزغا
ئالغان
سوۋغىڭىزنى
كۆرۈپ
باقايلى»
دېدى ئۇ.
ئاھ، خۇدا!
يېنىڭدا
بىر
تىيىنمۇ
پۇل يوق
ئىدى.
بۇنداق
بولۇشىنى
بىلگەن
بولساڭ
يانچۇقلىرىڭنى
سىلاشتۇرۇۋاتقان
قوللىرىڭ
ئىختىيارسىز
تىترەپ،
بىردىنلا
كۆز ئالدىڭ
پاللىدە
يورۇپ
كەتكەندەك
بولدى.
دەلدەڭشىپ
ئايالىڭنىڭ
قېشىغا
باردىڭدە،
قايسى كۈنى
ئىچكەن
مۇكاپاتلىق
ھاراقنىڭ
قېپىدىن
چىققان
پارقىراق
ئۈزۈكنى
ئايالىڭنىڭ
بارمىقىغا
سېلىپ
قويدۇڭ (ئۇنىڭ
ساختىلىقىنى
ئەلۋەتتە
ئۆزۈڭلا
بىلەتتىڭ)،
سورۇندا
قىزغىن
ئالقىش
ياڭرىدى.
سەن چەكسىز
ئەلەم
بىلەن
باشقىلارغا
قۇيۇشنىمۇ
ئۇنتۇپ،
ھاراق
ئىچىشكە
باشلىدىڭ: «ئوپئوچۇقلا
قېرىۋاتقانلىقىنى،
مىنۇتسېرى
ئۆلۈمگە
يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى
تەبرىكلەشقۇ
بۇ!
ئادەملەر
ساراڭ
بوپتۇ، مەن
جېنىمدا
ئاتائانامنىڭ
تۇغۇلغان
كۈنىنى
ئەمەس،
يىلىنىمۇ
بىلمەيمەن»
ھاياتىڭدا
تۇنجى
قېتىم
ئاتائاناڭنى
ئېسىڭگە
ئەپ قالدىڭ.
ئالدىڭدىكى
شىرەدە
چېچلىپ
ياتقان
تورتلار،
چوكا
تەگكۈزۈشكە
نۆۋەت
كەلمىگەن
قورۇمىلار
ئاتائاناڭنىڭ
چىشسىز
ئېغىزلىرىدا
ئېزەلمەيۋاتقان
قاتتىق
زاغرا
بىلەن
سېلىشتۇرما
بولۇپ،
گۈزەل
سەھرا
گۆدەكلىكىڭگە
بەخش
ئەتكەن
ئىلاھىي
ئاقدىللىق
پۈتكۈل
جىسمىڭنى
بىر لەھزە
كۆيدۈرگەندەك
بولدى.
ھاراق
سېنىڭ
ستۇدېنتلىق
چاغلىرىڭدىكى
جۇشقۇنلۇقىڭنى،
ئۇلۇغۋار
غايەئىستەكلىرىڭنى،
ئەقلىڭنى
ھەممەھەممىنى
پاكپاكىز
يۇيۇپ
تاشلىغانىدى.
گويا،
ھاياتىڭدا
ئۇنداق
چاغلار
ئەزەلدىن
بولۇپ
باقمىغاندەكلا.
سەن
توختاۋسىز
ھاراق
ئىچىۋاتاتتىڭ.
خۇش
بولساڭمۇ،
خاپا
بولساڭمۇ
ھاراق
ئىچەتتىڭ.
بىراق،
زادى نېمە
ئۈچۈن
ھاراق
ئىچىۋاتقانلىقىڭنى
ئۆزۈڭمۇ
بىلمەيتتىڭ.
ۋاقىت،
تۇرمۇش ئۆز
رېتىمىدە
داۋاملاشماقتا.
ھەممىگە
قادىر
ۋاقىتمۇ
ھاياتنى
يېڭىچە
رەڭلەردە
بېزىمەكتە.
پاتپات
جىنسىي
ئاجىزلىقنى
داۋالاش
ئېلانلىرىنى
يوشۇرۇنچە
ئىزدەپ
قالىسەن (ئاچتوق
يۈرۈپ
ئىچكەن
ھاراق
ئاخىرى
سېنى تولۇق
كاردىن
چىقارغانىدى).
سەندە
داۋالانغۇدەك
ئۇنچە جىق
پۇل نېمە
قىلسۇن؟
سەن يەنە
مۇشۇ
خاپىلىقىڭ
ئۈچۈن
بولسىمۇ
ئىچەتتىڭ
يىللار
قىزغىن
تەبرىكلەشلەر
بىلەن
ئالدىراش
ئۆتمەكتە.
سەن ۋە
ئايالىڭ
ھەتتا
بالىلىرىڭنىڭ
ئوقۇشىغا
كۆزقۇلاق
بولغۇدەكمۇ
ۋاقىت
چىقىرالمايۋاتاتتىڭ.
ئەلقىسسە،
سەن
مۈكچىيىپ
يۈرۈپ
ئىچىۋاتقان
كۈنلەرنىڭ
بىرىدە چوڭ
بالاڭ
ئۆزىگە
ئالىي
مەكتەپتىن
چاقىرىق
قەغىزى
كەلگەنلىكىنى
ئېيتتى.
كۆرۈڭ،
ئۇنىڭ
خۇشال
بولۇپ
كەتكىنىنى.
قۇرۇپ
كەتسۇن
ئاشۇ ئالىي
مەكتەپ
دېگەنلەر!
ئۆزۈڭ
داۋالانغۇدەك
پۇل يوق،
ئالىي
مەكتەپكە
نەدە پۇل؟
ئۇنىڭ
ئۈستىگە
ھازىر خېلى
چوڭچوڭ
مەكتەپلەرنى
پۈتتۈرۈپ
كەلگەنلەرمۇ
خىزمەت
تاپالمايۋاتسا
قانداق
قىلىش
كېرەك؟ «توغرا،
ئىنسانلا
بولىدىكەن،
ئۇ
ئۈستىبېشىنى
يۆگەيدىغان
كىيىمگە
موھتاج،
ئىنسانلا
بولىدىكەن
چاچساقىلىنى
ئېلىپياساپ
قويىدىغان
ئادەمگە
موھتاج.
دېمەك، بۇ
ئىككى
كەسىپ
مەڭگۈ
ئۆلمەيدىغان،
خاتىرجەم
ياشىغىلى
بولىدىغان
كەسىپلەر
ئىكەن!»
شۇنداق
قىلىپ سەن
چوڭ
بالاڭنى
كىيىم
تىككۈچىلىككە،
كىچىكىنى
ساتىراشلىققا
شاگىرتلىققا
بېرىشكە
ئىدىيە
جەھەتتىن
تولۇق
تەييارلىق
قىلىپ
قويدۇڭدە،
ئۆز
ئەقلىڭدىن
پەخىرلەنگىنىڭچە
شوپاڭ
تامان
يۈرۈپ
كەتتىڭ
ئاپتور:
قاغىلىق
ناھىيىلىك
ئۇرۇق
باشقۇرۇش
پونكىتى
قورۇسىدا
|