‏ھاياتلىق ھېكمەتلىرى

خوراز بىلەن ئۆكۈزنىڭ سۆھبىتى

بىر خوراز بىلەن بىر ئۆكۈز پاراڭلىشىپ قاپتۇ.

 مەن دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلاتتىم، بىراق ئارمىنىمغا تۇشلۇق دەرمانىم يوق،  دەپتۇ خوراز.

 نېمىشقا مېنىڭ تېزىكىمنى يەپ كۆرمىدىڭ؟ مېنىڭ تېزىكىم ناھايىتى قۇۋۋەتلىك،  دەپتۇ ئۆكۈز.

خوراز كالا تېزىكىدىن ئازراق يەپتۇ ۋە دەرەخنىڭ بىرىنچى شېخىغا ئۇچۇپ چىقىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، خوراز كالا تېزىكىنى تېخىمۇ كۆپ يەپتۇ، ئاندىن دەرەخنىڭ ئېگىزرەك شېخىغا قونۇپتۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، خوراز مەغرۇر ھالدا دەرەخ شېخىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقىپتۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا، بىر دېھقان ئۇنى كۆرۈپ قىلىپ، تېزلا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ.

 

ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: كالا تېزىكى سېنىڭ ئېگىز پەللىلەرگە چىقىشىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ، لېكىن سېنىڭ مەڭگۈ شۇ يەردە جېنىڭنى ساقلاپ تۇرالىشىڭغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

 

ھۇرۇن توشقان

 

بىر قاغا كۈنبويى دەرەخ شېخىدا بىكار ئولتۇرىدىكەن، توشقان قاغىنى كۆرۈپ:

 مەنمۇ سەندەك كۈنبويى ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئولتۇرسام بولامدۇ؟  دەپ سوراپتۇ.

 ئەلۋەتتە بولىدۇ،  دەپتۇ قاغا.

شۇنىڭ بىلەن توشقان دەرەخ تۈۋىدىكى بوش ئورۇندا بىكار ئولتۇرۇشقا باشلاپتۇ. توساتتىن، بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ، توشقاننى كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ يەۋېتىپتۇ.

 

ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: ئەگەر سەن ھېچ ئىش قىلماي بىكار تۇرۇشنى ئويلىساڭ، ئۇنداقتا سەن ناھايىتى ئېگىز جايدا تۇرۇشۇڭ شەرت.

 

خۇدىنى يوقاتقان قۇشقاچ

 

بىر قۇشقاچ جەنۇب تەرەپكە بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ ئۇچقانىكەن، ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، توڭلاپ كېتىپ، بىر بوش يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر كالا ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر كاللەك تېزىكىنى قۇشقاچنىڭ ئۈستىگە ئىتتىرىپ قويۇپتۇ. توڭلاپ قالغان قۇشقاچ كالا تېزىكىنىڭ ھارارىتىدە ئاستائاستا ئىسىپ، ھوشىغا كەپتۇ. ئۇ ئىسسىق يەردە راھەتتە يېتىپ سايراشقا باشلاپتۇ.

بىر مۈشۈك قۇشقاچنىڭ سايرىغىنىنى ئاڭلاپ، شۇ تەرەپكە بېرىپ ئۇنى ئىزدەپتۇ، كالا تېزىكى ئاستىدا ياتقان قۇشقاچنى بايقاپ قاپتۇدە، ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ يەۋېتىپتۇ.

 

ھاياتلىق ھېكمىتى شۇكى: سېنىڭ جىسمىڭغا نىجاسەت ئىتتىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇشى ناتايىن؛ سېنى نىجاسەت ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭلا سېنىڭ دوستۇڭ بولۇشىمۇ ناتايىن. يەنە شۇمۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن نىجاسەت ئىچىدە ياتقان چېغىڭدا، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى چىڭ يۇم.  


2&D'+ JxDCy"  : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks