باش بەت قىلىشساقلىۋېلىش مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار OPEN-MUSIC

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 528|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

493

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 106
تىللا: 3049
تۆھپە : 7503
توردا: 961
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-23 00:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
复件 58453_12134993.jpg

خەتتاتلىق

خەتتاتلىق – ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە ئۇزاق تارىختا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېزىق سەنئىتى. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى يېزىق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخي جەريانىدا تۈرك يېزىقى يەنى ئورخۇن – يەنىسەي يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب – يېزىقى چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللىنىشتىن باشقا، تارىختا براخمان يېزىقى، مانىي يېزىقى، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ، ھەممە ساھەدىن قىممەتلىك يادىكارلىقلار قالدۇرۇغان. يەنە ئۇزاق تارىخي دەۋرلەردىن يېتىلىپ چىققان يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە خەتتاتلارنىڭ ئورخۇن – يەنىسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىن تارتىپ، تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىن تېپىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى بېغىشلىما مەزمۇنىدىكى ھۆسىن خەتلەر ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇيانقى كلاسسىك قول يازمىلار، دىيارىمىزدىكىقەدىمكى مەسچىت، مازار ۋە ئىمارەتلەرنىڭ ۋاسا، كاھىشلىرى، مېھراب ۋە تامغا ئۇيۇپ ھەل بېرىلگەن ھۆسىن خەتلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىناكارلىق سەنئىتىمىزدىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخىسى، تەئلىق خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، سولۇس خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھەرپ شەكلىگە ئىگە نەسخى خەت نۇسخىسى، كۇفى خەت نۇسخىسى، شەتەرەنجى كوفى خەت نۇسخىسى، رەيھانى خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى ۋە چەللى دىۋانى خەت نۇسخىسى قاتارلىقلار ۋە تۆۋئەم، تەسۋىرىي كۈرگۈل، جەللى خەت نۇسخىلىرى بار. ئۇيغۇر خەتتاتلىرى بۇ نۇسخىلاردىن ئاجايىپ گۈزەل خەتلەرنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ خەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك جۇلالاپ كىشىگە ئۆمۈر ۋە جاسارەت ئاتا قىلسا، بەزىلىرى شىلدارلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى، خۇش ناۋا سايراۋاقتنا بۇلبۇللارنى ئەسلىتىپ كىشى قەلبىگە شادلىق، خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. بەزى خەتلەر ساھىبجاماللارنىڭ ھۆسىنى ئەكس ئەتتۈرسە يەنە بەزىلىرى ئۇچار قۇشلارنى، گۈل – گىياھلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مىللىي ئالاھىدىلككە ئىگە قەلەم، قەغەاز، سىياھلارنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، ھەرپلىرى ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلار خەتننڭ تەكشى، كۆركەم، چىرايلىق يېزىلىشى ئۈچۈن قومۇش (بامبۇك)، ئىرغاي ياغىچى، قارىغاي ياغىچى قاتارلىقلاردا مەلۇم كۆڭلىككە، مۇقىم ئۆلچەمگە، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سىياھ راۋان چىقىدىغان ، ياپىلاق ئۇچلۇق قەلەملەرنى ياساپ ئىشلىتىدۇ. قەلەم ئۇچى ئىككى ئۈچ سانتىمېتىر ياپىلاق ئۇچلىنىپ بىر ئاز ئېلاستىكىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇچىنىڭ ئىككى قارلىق تەرىپى زۆرۈر بولغان كەڭلىكتە ئۆلچەمگە ئاساسەن سىلىقلىنىدۇۋە ئۇچىنى ئون بەش گرادۇستىن ئوتتۇز بەش گىرادۇسقىچە تەكشىلەپ كېسىپ ئۇچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمېتىردىن بىر يېرىم سانتىمېتىرغىچە جراق ئېچىپ قويىدۇ.
قەغەز: ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇاين كەندىر، ئۈجمە دەرىخ قوۋزىقىدىن قەغەز (خوتەن قەغىزى) ياساپ، قەغەزنى تاختاي ئۈستىدە قويۇپ، قاشتېتشى ياكى سىلىق تاش بىلەن سۈرۈپ چىڭداپ – سىلغايتىپ پىششىقلايدۇ.
سىياھ: قارا سىياھ ئىشلىتىدىغان بولۇپ سىياھقا ناۋات ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق سىياھ يېيىلمايدۇ، ئاسان توزىمايدۇ. قەدىمدىن باشلاپ راۋاج تاپقان ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىسى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغايدىغان ئالاھىدە بىر سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى

http_imgloadgh.jpg

http_imgloadiy.jpg

jgkgkghkhgk.bmp

复件 58453_12143656.jpg



رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز

2

تېما

1

دوست

1367

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1790
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 65
تۆھپە : 106
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-23 21:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا بەك ياخشىكەن


باھا سۆز

seidiye  ماۋۇ ئنكاسىڭىز بولاپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2016-9-23 23:03

493

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 106
تىللا: 3049
تۆھپە : 7503
توردا: 961
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-19 10:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزدا يىزىش ئۈچۈن ئشلىتىدىغان قوراللار يوق ئەھۋال ئاستىدا بىرەرتال چوكا،ياكى قۇرۇپ قالغان دەرەخ شاخلىرى....قاتارلىقلارمۇ بىزنىڭ ئسىل يىزىش قورالىمىزغا ئايلىنىدۇ...
111205e2ywv5f5f2anliwo.jpg


111139jy5uzi55l7z57wa8.jpg


111250gx455xb562268c1l.jpg


111251wiczss9c8bjjif9n.jpg


جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2017-5-8 06:35 , Processed in 0.458122 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش