ئىېلان بىرىڭ
 

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!! سەئىدىيە ھاۋارايى مەلۇماتى

تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

فىر ئەۋن قەبرىسىدىكى ئادەم ئۆلۈشنىڭ سىرى

بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ پۇل تىپىڭ

فىر ئەۋن قەبرىسىدىكى ئادەم ئۆلۈشنىڭ سىرى

فىر ئەۋن قەبرىسىدىكى ئادەم ئۆلۈشنىڭ سىرى

1922- يىلى ، مىسىردىكى مىڭ يىل ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان  بىر قەبرە بايقىلىپ  قېزىپ چىقىلغان.    
شۇنىڭدىن كېيىنكى  ئىككى يىلدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ  20 نەچچە ئادەم قەبرىنى ئېكېسكۇرسىيە قىلىشقا كىرگەن. بىراق ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئېكېسكۇرسىيە قىلىپ چىققانلار بىرنىڭ  ئارقىسىدىن بىرى  تۇيۇقسىز قازا تاپقان. شۇنىڭدىن كېيىن فىرئەۋىن قەبرىسىنىڭ ئادەم ئۆلتۇرۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەت تارقىلىپ كەتكەن.  فىرئەۋىن قەبرىسىدە ئادەم ئۆلۈش ئىزچىل ھالدا، ئېچىلمىغان سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى .  
كىشىلەر بۇ خىل سىرلىق ئۆلۈمگە قارىتا نۇرغۇنلىغان تەشكۈرۈشلەرنى  ئېلىپ بېرىپ ،  ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئالتە كىشىنىڭ قەبرىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان.  بىراق بۇ خىل ئۆلۈمنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر توغرىسىدا يەنىلا ھەر خىل قىياسلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. بەزىلەر قەبرە تېمىدا بىر قەۋەت سۈترەڭ، كۈلرەڭ  ھەم يېشىل رەڭلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ،  مانا بۇ بىر خىل ئەجەل نۇرى ، ئۇنىڭدىن چىققان ماددا  ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان .  يەنە بەزىلەر بولسا  قەبرە ئىچىدە بىر خىل نامسىز باكتېرىيە ۋە ئۇخلاش ھالىتىدىكى ۋىروس بار ئىكەن، ئېكېسكۇرسىيە قىلغانلار شۇلار بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئۆلىدىكەن دەپ قارىغان، لېكىن بۇ خىل قىياسلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئىسپاتلانمىغان.   
يېقىندا فىرانسىيلىك  فىلىپ ئىسىملىك بىر ئايال ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى  سترا سىبورگ ،  فىرئەۋىن قەبرىسىدە ئادەم ئۆلۈشنىڭ سىرىغا قارىتا يېڭى بىر خىل قارشىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ تەھلىلىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى ئۆپكىسى يۇقۇملىنىپ  تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.   
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېكېسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلىشىنى قەبرىدىكى كۆكەرتكۈچى زەمبورۇغ كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ  مۇنداق دېگەن : فىرئەۋىن  قازا تاپقاندىن كېيىن قەدىمكى مىسىردا قەبرە ئىچىگە نۇرغۇن مېۋە - چېۋە، سەي كۆكتات ۋە باشقا  يېمەكلىكلەر  قويۇلغان، بۇ نەرسىلەر  يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىرىپ ئورگانىك ماددىلارغا ئايلانغان، كۆكەرتكۈچى زامبۇرۇغ مانا شۇنىڭدىن پەيدا بولغان.
  بۇ خىل  كۆكەرتكۈچى زامبۇرۇغ ھاۋاسى شالاڭ  بولغان قەبرە ئىچىدە 1000  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو چاڭلارغا ئايلىنىپ ، قەبرە  تاملىرىغا چاپلىشىپ قالغان. بۇرۇنقى چاغلاردا قەبرە ئوغرىلىرى  قەبرىستانلىققا ئالتۇن -  كۈمۈش ئوغرىلىغىلى بېرىپ، بۇ خىل كۆكەرتكۈچى زامبۇرۇغدىن ھاسىل بولغان چاڭ - توزاننى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن، قەبرىدىن چىققاندا ئۆپكىسى جىددىي ياللۇغىلىنىپ، ئۆپكىسىنىڭ نەپەس ئېلىش تۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىپ ، ئاخىرىدا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن. لېكىن قەبرىستانلىق قېزىلىپ، ئاغزى ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، بۇنداق كۆكەرتكۈچى زامبۇرۇغدىن ھاسىل بولغان چاڭ - توزانلار توزۇپ چىقىپ كەتكەن. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قەبرە ئىچىدىكى  بۇ خىل چاڭ - توزانلار تۈگەپ، ئادەملەرگە بالا - قازا يەتمەيدىغان بولغان. شۇڭا  ھازىر فىرئەۋن قەبرىسىگە بېرىپ ئېكېسكۇرسىيە قىلسا خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرمەيدىكەن.
、ئەسلى مۇنداقكەندە. تېمىڭىزغا رەھمەت.
بۇ تىمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەزمۇنلار ئەسلى مىنى بەك قايىل قىلالمىغان....شينداقتىمۇ ...
بۇ تۆۋەندىكى رەسىمنى چىكىپ كىرىپ 60 مىنۇتلۇق ھەقسىز تىلىفۇن ئۇرۇڭ.
http://www.keepc.com/voip/?t=1&id=3627
بۇ يەردىن تىزىملىتىپ ئىلانىنى ئىلىپ پۇل تىپىڭ:
http://www.24dk.com/reg.asp?ad=seidiye
ناھايتى ياخشى تىمىكەن ،بىلىۋالدىم
تىزىملىككە قايتىش

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!!

سەئىدىيە>>گە تىزىملىتىڭ>> !!

 

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ۋە ئاممىغا تەسىرى ياخشى بولمىغان ھەر خىل ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .بىكىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! مۇنبەرگە ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بېكەت باشلىقى: سەئىدىيە ~ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە كۆرۈلسە تۆۋەندىكى QQنۇمۇرغا سۆز قالدۇرۇڭ.
QQ: 308206035