ئىېلان بىرىڭ
 

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!! سەئىدىيە ھاۋارايى مەلۇماتى

تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

ئۇيغۇر توربېكەتلىرىدىكى ۋابا__ئۇنۋېرساللىق

بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ پۇل تىپىڭ

ئۇيغۇر توربېكەتلىرىدىكى ۋابا__ئۇنۋېرساللىق

ئۇيغۇر توربېكەتلىرىدىكى ۋابا__ئۇنۋېرساللىق----- بۇ تىما نۇرقۇتتىكى قىرىندىشىمىزFinalDream نىڭ يازمىسى بولۇپ ئەھمىيىتى خىلى چوڭقۇر ،پىكىر قاتلىمى ،تەھلىلى ياخشى بولغان...شۇڭا بۇ تىمىنى بىكىتىمىزدە تەۋسىيە قىلدۇق------سەئىدىيە


ئۇيغۇر توربېكەتلىرىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ ، ئەمما بېكەتلەرنىڭ مەزمۇن سەرخىللىقى بىر خىل ئىپتىدائىي ھالەتتە مېڭىۋاتىدۇ . ئەڭ دەسلەپكى تۈرەلمە ھالەتتىكى باشلامچى بېكەتلەرگە تەقلىد قىلىش ۋە دوراشنى دەسلەپكى مەقسەت قىلىۋالغان «كېلون توربېكەت»لەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى . بۇ خىل يېڭىلىق بولمىغان «كېلون توربېكەت»لەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈزلەندى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىبرەت ئېلىش ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن «كېلون توربېكەت» لەر ھېلىھەم بارلىققا كىلىۋاتىدۇ ۋە زاۋاللىقققا يۈزلىنىۋاتىدۇ . نېمىشقا بۇ ۋابا ھەممە تەرەپكە يامراپ كىتىدۇ ؟

  بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبىنى شۇ بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئېڭىدىن ئىزدەش مۇمكىن . بىر قىسىم بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تۈۋەن بولغانلىقتىن ، نوقۇل ھالدىكى بېكەت قۇرۇش مەقسىتى ئىنىق بولمىدى، ۋەياكى پەقەت پۇل ئۈچۈنلا توربېكەت قۇرۇش يۇلىغا كىرىۋالغانلىقتىن مېغىز بىلەن شاكالنى ئىلغىماستىن ، ئۇچرىغانلىكى «بايلىق»نى توپلاش ئېڭى ئۇلار قۇرغان بېكەتنى مەزمۇنلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئۇچۇر دۈۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى . قىممەت ئۇقۇمى جەھەتتىن سۆزلىگەندە ، ئەخلەت دۈۋىسى بولۇپ قالدى ، چۈنكى ئۇچۇر كۆپ بولغان بىلەن تۈرگە ئايرىلمىغانلىقىتىن ئىزدەپ تېپىش قۇلايسىز بولۇپ ، پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىدى .

ئۇنۋىرساللىق نېمىشقا ۋاباغا ئوخشاش ھەممە تەرەپكە يامراپ كەتتى ؟ ...
«كۈچلۈكلەر تاللىنىدۇ ، ئاجىزلار شاللىنىدۇ»  دېگەندەك ئۈزىگە ۋابا يۇقتۇرۇۋالمىغان بىر قىسىم نادىر توربېكەتلەرنىڭ بارلىققا كىلىۋاتقانلىقى بىزدە كەسپىي بېكەت باشلىقلىرىنىڭ بارلىققا كىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . ئەمما تور زىيارەتچىلەرنىڭ تار دۇنيا كۆز قارىشى ۋەياكى پائالىيەت دائىرىسىنىڭ تار بولۇشى سەۋەبىدىن تازا تولۇق پايدىلىنىپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ . ئەمما بۇمۇ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ، ھامان ھەل بولغۇسى .

ئۆزىنىڭ ئۇنۋىرساللىقى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن نۇرغۇن تورزىيارەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتقان سەلكىن ،شەبنەم،دىيارىم ،ئىزدىنىش توربېكەتلىرى ئەڭ ئاۋۋال يادىمىزغا كېلىدۇ . مۇشۇ داڭلىق ئۇنۋېرسال توربېكەتلەرگە ھەۋەس قىلىش سەۋەبىدىن ئۇنۋىرسال بېكەتلەر كۆپلەپ قۇرۇلۇپ «كېلون توربېكەت»لەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ . نېمىشقا يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلاپ باقمايسىز ؟ بىزدە «مۇنارغا مۇش تەڭلىمە » دەيدىغان گەپ بار . يۇقارقى ئۇنۋېرسال كۈچلۈك توربېكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش سىزگە شۇنچە ئاسان تۇيۇلامدۇ ؟ ھېچبولمىغاندا پۇت تىرەپ ئۆرە تۇرىۋالغاندىن كىيىن جەڭ ئېلان قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيتتىڭىز ...

ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ئىچىدە بارلىققا كىلىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ گۈللىنىۋاتقان توربېكەتلەرمۇ ئاز ئەمەس . مەسىلەن :مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىي مۇنازىرىلىرى ، مەخسۇس تارخ توربېكەتلىرى (تىركەش تورى ، ئۇرخۇن تورى ) ، مەخسۇس قارا مېھمان تورلىرى ، مەخسۇس VB مۇنبىرى ، مەخسۇس ئەقلىي يانفۇن مۇنبىرى ، مەخسۇس پروگىرامما مۇنبەرلىرى ،مەخسۇس شاھمات بىلىملىرى تورى ، فىزىكا بىلىملىرى تورى ، ماتېماتىكا مەخسۇس بىلىملىرى تورى  ،مەخسۇس فىلىم ئىشلەش بېكەتلىرى ،  يەنە باشقا كەسپىي بېكەتلەر . .. . . ..   كەسىپلىشىش ۋە مەخسۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان يۇقارقى توربېكەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن . ماڭغان ئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن !
بۇ تۆۋەندىكى رەسىمنى چىكىپ كىرىپ 60 مىنۇتلۇق ھەقسىز تىلىفۇن ئۇرۇڭ. سەئىدىيە
http://www.keepc.com/voip/?t=1&id=3627
تىزىملىككە قايتىش

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!!

سەئىدىيە>>گە تىزىملىتىڭ>> !!

 

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ۋە ئاممىغا تەسىرى ياخشى بولمىغان ھەر خىل ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .بىكىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! مۇنبەرگە ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بېكەت باشلىقى: سەئىدىيە ~ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە كۆرۈلسە تۆۋەندىكى QQنۇمۇرغا سۆز قالدۇرۇڭ.
QQ: 308206035