ئېكوسۋاي بىلەن شوغۇللانسىڭىز 4 خىل ئۇسۇلدا پۇل تاپالايسىز
  
- UID
- 19
- يازما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 164
شۆھرىتى- 164 1
بايلىقى- 171 1
كۇچى- 142 1
- باھايىڭىز
- 40 نومۇر بېرەي
- كۆرۈش چەكلىمىسى
- 100
- جىنسى
- ئوغۇل
- ئورنى
- يەكەن
- توردىكى ۋاقتى
- 5 سائەت
- تىزىم ۋاقتى
- 2009-6-16
- ئاخىرقى زىيارەت
- 2009-6-29
|

ئېكوسۋاي بىلەن شوغۇللانسىڭىز 4 خىل ئۇسۇلدا پۇل تاپالايسىز
1.مەھسۇلات ساتىسىز(ئۆزىڭىز ۋە توپىڭىزدىكىلەر)؛
1)ئۆزىڭىز مال سېتىپ ئارىدىكى پايدىنى ئالىسىز،مال كىرگۈزۈش باھاسى بىلەن بازاردا سېتىش باھاسىنىڭ پەرقى ئادەتتە %20-%50،يەنە شىركەتتىن بەرگەن مۇكاپاتقا ئېرىشىسىز.
2)سىز تەشكىللىگەن توپتىكىلەر مەھسۇلات ساتقاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان پايدا:سىز تەشكىللىگەن توپتىكىلەر مەھسۇلات سېتىپ ياراتقان نەتىجە سىزگىمۇ تەۋە بولۇپ،سىز شىركەتتىن بەرگەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز.مۇكاپات تۈزۈمى تۆۋەندىكىچە:
2.مەھسۇلات كىرگۈزگەندە ئېرىشىدىغان پايدا.
سىز ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئېكوسۋاي شىركىتىگە تونۇشتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىسىز،سىز تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتلار شىركەتنىڭ ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنسا،كېيىن ئېكوسۋاي شىركىتى سىز تونۇشتۇرغان شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى كىرگۈزگەندە،سىزگە مال كىرگۈزگەن ئومۇمى سوممىنىڭ %1-%1.5 نى مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ.شىركەتنىڭ ھەر قېتىمقى مال كىرگۈزۈش ئومۇمى سوممىسى 100 تۈمەندىن ئارتۇق بولىدۇ.ئەگەر سىز تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتنىڭ بازىرى ياخشى بولۇپ بەرسە،شىركەت ھەر قېتىم مال كىرگۈزگەندە سىزگە مۇكاپات ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
3.ئېكوسۋاي بىرلەشمە كرېدىت كارتىسى
كرېدىت كارتىسى 21-ئەسىردىكى سۇلياۋ پۇل،نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى ئۇ قولايلىق،سىرتقا چىققاندا نەق پۇل ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،كارتىڭىز بولسىلا ھەرقانداق سورۇندا قىينالماي نەرسە-كېرەك سېتىۋالالايسىز،ئىستىمال پۇل-مۇئامىلىسى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە كىشى بېشىغا 3-4 كارتا بولۇش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان.خېرىدار تۇرمۇشىدىكى ھەرقانداق ئىستىمالىنى كارتا ئارقىلىق تۆلىيەلەيدۇ.مەسىلەن:كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش،سۇ-توك پۇلى تۆلەش،ماشىنىسىغا ماي قاچىلاش،پويىز-ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش،پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش،سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەرقايسى بانكىلار ئۆزىنىڭ كرېدىت كارتىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچەيدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار،كارتا ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنسا،كارتا تارقاتقان بانكا ھەر بىر ھىساۋات تالۇنىدىن %2 نى رەسمىيەت ھەققىگە تۇتىۋالىدۇ،بۇ ھەقىقىتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىرىم.ئېكوسۋاي شىركىتى ئىنتايىن ئاقىلانە ھالدا بانكا بىلەن بىرلىشىپ كرېدىت كارتىسى تارقاتقان،بانكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا،ئېكوسۋاي شىركىتى كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلىدىغان نۇرغۇن ئىستىمالچىنى باشلاپ كېلىدۇ،بانكا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن سودىگەرلەردىن ئالغان %2 پايدىنىڭ %1 نى ئېكوسۋاي شىركىتىگە بۆلۈپ بېرىدۇ.شىركەت بۇنى بىزگە مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ،ئەگەر سىز ئېكوسۋاي ئەزاسى بولسىڭىز،ئېكوسۋاي بىرلەشمە كرېدىت كارتىسىنى ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلغان چېغىڭىزدا سىزگە مۇكاپات ھىساپلىنىپ ماڭىدۇ.ئويلاپ بېقىڭ ،سىز تەشكىللىگەن توپ مىڭغا-تۈمەنگە يەتكەندە،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېكوسۋاي بىرلەشمە كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلسا،ئۇلار ئۆزىگە ھەم سىزگە قانچىلىك بايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؟سىز بەلكىم كارتا ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلىش تېخى ئومۇملاشمىدى،بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىنمۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن،سىز ئويلاپ بېقىڭ،بىرنەچچە يىل بۇرۇن يانفۇن قانچىلىك ئادەمدە بار ئىدى،ھازىرچۇ؟ئازراق كىرىمى بار ئادەمنىڭ ھەممىسىدە بار،بۇ نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى ئۇ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.كرېدىت كارتىسىمۇ ئوخشاش شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە چوقۇم ئومۇملىشىدۇ.
4.ئېكوسۋاينىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى
ئېكوسۋاي شىركىتى يولغا قويغان سودا ھەمكارلىق ھەمراھى تۈزۈمىدە،ئېكوسۋاي ئەزالىرى ئېكوسۋاينىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدىغان سودا ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ،سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش ھەقسىز،ئېكوسۋاي شىركىتى ئېكوسۋاي ئەزالىرى ۋە خېرىدارلىرىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا بېرىپ ئىستىمال قىلىشى ئۈچۈن،سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا ھەقسىز تور بەت ئېچىپ تەشۋىقات قىلىپ بېرىدۇ،بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ پەقەت مۇنداق شەرتى بار،ئېكوسۋاي ئەزالىرى ۋە خېرىدارلىرى سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا بېرىپ ئىستىمال قىلسا،دۇكان خوجايىنى باھادا ئېتىبار بېرىدۇ ھەم ساپ پايدىسىنىڭ %5-%20 نى مۇكاپات ھىساۋىدا ئېكوسۋاي شىركىتىگە قايتۇرىدۇ(قايتۇرۇش نىسبىتىنى شىركەت دۇكان خوجايىنى بىلەن كېلىشىپ بەلگۈلەيدۇ).ئېكوسۋاي شىركىتى بۇ قايتۇرۇلغان مۇكاپاتنىڭ %20 نى ھەر ئايدا ئۆتكۈزىدىغان مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىدۇ،%60 نى شۇ سودا ئورنىدا ئىستىمال قىلغان ئەزاغا نەتىجە ھىساپلايدۇ،قالغان %20 نى شۇ سودا ئورنىنى تونۇشتۇرغان ئەزاغا مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ.ھەمكارلىشىدىغان سودا ئورۇنلىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ،پەقەت بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بېرىپ ئىستىمال قىلىدىغان سودا ئورنى بولسىلا،شىركىتىمىز ھەمكارلىشىدۇ.سىز ئۆزىڭىز كېڭەيتكەن توپتىكىلەر ياراتقان قىممەتتىنمۇ مۇكاپات ئالالايسىز،ئۇنداقتا توپىڭىز كېڭىيىپ مىڭغا-تۈمەنگە يەتكەندە ھەممىسى ئېكوسۋاينىڭ سودا ھەمراھلىرىغا بېرىپ ئىستىمال قىلسا،بىكارغا كېتىدىغان ئىستىمالىدىن ئۆزىگە ۋە سىزگە قانچىلىك كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ.ئەگەر سىز بىرنەچچە سودىسى ياخشى سودا ھەمكارلىق ھەمرايىنى تونۇشتۇرسىڭىز،ئۇ چاغدا دۇكان ئاچماي تۇرۇپ پايدىنىڭ %20 سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.ئېكوسۋاي شىركىتى تارماق دۇكان قۇرۇپ كىرگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇنلىغان دۇكان خوجايىنلىرى ئەشۇ %20 پايدىنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىش ئۈچۈن،ئېكوسۋاي شىركىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى تونۇشتۇرغان.تۆۋەندىكى تور ئادرىسىغا كىرىپ تەيۋەندىكى ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ قوشۇلىدىغان دۇكانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
ئېكوسۋاي شىركىتى ئىستىمالچىلار مەنبەئەسى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ،جەمىيەتتىكى باشقا نۇرغۇنلىغان سودا ئورۇنلىرى بىلەن ئىستىراتىگىيىلىك سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ.ھەممىمىزگە ئايان مەلۇم بىر شىركەتنىڭ چەكلىك مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بولىدۇ،بۇلار ئىستىمالچىلارنىڭ بارلىق تەلىۋىنى قاندۇرالمايدۇ،لېكىن ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى ئارقىلىق ئىستىمال قىلساق،تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى بىكارغا كېتىدىغان ئىستىمالىمىزدىن مۇكاپات ئالالايمىز.
ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا قىلىش ئىدىيىسىنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ كۆرسەك،مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشىمىز قىيىن ئەمەس:
ئېكوسۋاي شىركىتى زاۋۇت، بانكا، سودا ئورۇنلىرىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، ئىستىمالچىلارنى بولسا ئۆزىگە مەنسۇپ ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەن بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
1.ئېكوسۋاي شىركىتى ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمايدۇ،ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچىلىك قىلىدۇ،مۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن،مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا،ئىككىنچىدىن،ھەممە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك،دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان مەھسۇلاتلار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.دۇنيادا نۇرغۇن ياخشى مەھسۇلاتلار بار،لېكىن شۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستىمالچىلارغا تونۇشتۇرۇپ بازىرىنى ئاچماق بىر مەسىلە،ئەگەر زاۋۇتلار ئېكوسۋاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشسا بازىرى بىراقلا ئېچىلىدۇ،چۈنكى ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ 600 تۈمەندىن ئارتۇق مۇقىم خېرىدارى ۋە 70 تۈمەندىن ئارتۇق پائالىيەتچان ئەزالىرى بار،ئۇلار مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىستىمال قىلىدۇ ھەم باشقىلارغا تونۇشتۇرىدۇ،بۇ تېلىۋىزوردا ئېلان بەرگەندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ(ئېكوسۋاي شىركىتى مەھسۇلاتلارغا ۋاكالەتچىلىك قىلغۇچە نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزىدۇ،شۇڭا خېرىدارلىرى ئىشەنچىلىك ھالدا ئىستىمال قىلىدۇ).زاۋۇت بىلەن ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىش شەرتى مۇنداق:ئېكوسۋاي شىركىتى بىر قېتىمدا نەق پۇل تۆلەپ،كۆپ مىقداردا مال زاكاس قىلىدۇ،زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنى ئازراق پايدا ئېلىپلا ئېكوسۋاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ(زاۋۇت باشقا ۋاكالەتچىلىرىگە قارىغاندا ئېكوسۋاي شىركىتىگە خېلىلا ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىدۇ).ئېكوسۋاي شىركىتى بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېلان پۇلى بىلەن مال سېتىۋالغاندا چىقارغان ئومۇمى پۇلىنىڭ %3 نى قوشۇپ ئەزالىرىغا سېتىپ بېرىدۇ،ئېلان پۇلىنى مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ئادەمگە ۋە شۇ بازارنى ئاچقانلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ،%3 بولسا شىركەت چىقارغان مەبلەغنىڭ ئۆسۈمى قاتارىدا شىركەتكە قالىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئارىدىكى نۇرغۇن ھالقىلار قىسقىراپ،مەھسۇلاتلار ئىنتايىن ئەرزان باھادا ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا تېگىدۇ.ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىكى مەھسۇلاتلار بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا:ئوخشاش سۈپەتتىكى مەھسۇلات بولسا باھاسى خېلىلا ئەرزان،ئوخشاش باھادىكى مەھسۇلات بولسا سۈپەت جەھەتتە ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.مانا بۇ ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ %95 خېرىدارنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرالىشىدىكى سەۋەپ.
2.بانكا كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىدىغان ئىستىمالچىلارغا مۇھتاج،بانكىنىڭ كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىدىغان ئىستىمالچىلىرى كۆپەيسە كىرىمىمۇ ئاشىدۇ.ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ كەينىدە غايەت زور ئىستىمالچىلار توپى بار،ئېكوسۋاي شىركىتى بۇ ئىستىمالچىلار توپىنى بانكىغا تونۇشتۇرسا،بانكىلار گەرچە پايدىنى ئاز ئالسىمۇ نۇرغۇن ئىستىمالچىغا ئىگە بولۇپ،كىرىمى ئاشىدۇ،شۇڭا ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلىشىشقا رازى بولىدۇ.
3.سودا ئورۇنلىرىمۇ ئوخشاش خېرىدارغا مۇھتاج،مۇقىم ئىستىمال قىلىپ بېرىدىغان ئىستىمالچىسى كۆپ بولسا سودىسىمۇ روناق تاپىدۇ.بازارغا چىقىدىغان بولساق،ئوخشاش مەھسۇلات ساتىدىغان سودا ئورۇنلىرى ئىنتايىن كۆپ،ئۆز-ئارا رىقابەتمۇ ئىنتايىن كەسكىن،ئەگەر سىز مەلۇم تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدىن 1-2 قېتىم نەرسە-كېرەك سېتىۋالسىڭىز،سىزنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىۋالىدۇ ھەم كېيىنكى قېتىم شۇ دۇكانغا كەلگىنىڭىزدە،كونا خېرىدارىم دەپ ماللىرىنى ئەرزانلىتىپ بېرىدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟ئەلۋەتتە خېرىدارنى ئەتراپىغا كۆپ توپلاش ئۈچۈن.ئەگەر ئەشۇ سودا ئورۇنلىرى ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولسا،نۇرغۇن خېرىدار ئۆزلىكىدىن كېلىپ دۇكىنىدا ئىستىمال قىلىدۇ،بۇنداق ياخشى ئىشنى قايسى سودىگەر ياخشى كۆرمەيدۇ؟
4.بىز ئىستىمالچىلار ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىنى يارىتىمىز،لېكىن شۇ بايلىقنى بۆلۈشۈشكە ئامالسىزمىز.بىز ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئارىدىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنى بېيىتىمىز،بۇ بايلىقنى بۆلۈشۈشكە قاتنىشىش ئۈچۈن بىزدە نۇرغۇن شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك،مەسىلەن:مەبلەغ،ئىقتىدار،مەلۇم ئارقا تېرەك قاتارلىقلار.بۇ شەرتلەرگە ھەممە ئادەمنىڭ ماس كېلىشى مۈمكىن ئەمەس،شۇڭا ئۆزىمىز ياراتقان بايلىقنى بۆلۈشكەندە،بايلىق بۆلۈشۈش ئىشىكىنىڭ سىرتىدا قالىمىز.لېكىن ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا پىلانىغا قاتناشساق،ئىشلار ئەكسىچە بولىدۇ،بىزنىڭ يۇقۇرقى شەرتلىرىمىز بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ئىگىلىك يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمىز،چۈنكى ھەممە ئادەم ئىستىمالدىن ئايرىلالمايدۇ،ئىستىمال قىلىش ئادەمدە بولىدىغان تەبىئى ئىقتىدار،بىز پەقەت ئېكوسۋاي شىركىتىنىڭ سودا پىلانىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ ئورتاقلاشساق ھەم ئۇلارنىڭمۇ بۇ سودا پىلانىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولساقلا بولغىنى،شىركەت بازىرىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن،بىز توپلىغان ئىستىمالچىلار توپى،مەيلى ئېكوسۋاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسۇن،كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلسۇن ياكى ئېكوسۋاينىڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالسۇن بىزگە ئۆزىمىزگە تەئەللۇق مۇكاپاتنى ئايرىپ بېرىدۇ،ئىستىمالچىلار توپىڭىز قانچە كېڭەيگەنچە كىرىمىڭىزمۇ ئېشىپ بارىدۇ ھەم سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.سىز تونۇشتۇرغانلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئۇسۇلدا توپىنى كېڭەيتىپ كىرىمگە .ئىگە بولالايدۇ.ئېكوسۋاي كەسپى بىرنەچچە يىل شوغۇللىنىپ ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان،بىزنى ۋاقىتتا-ئىقتىسادتا ئەركىن قىلىدىغان كەسپ. |
 |
|
|
|
|