ېۈېلان بۈرۈڭ
 

سەېۈدۈيە ېۈنۋۈرسال تور مۇلازۈمۈتۈدۈن ېەڭ يۈڭۈ ېۇچۇرغا ېۈرۈشۈڭ ۋە مەھسۇلاتۈڭۈزنۈ ېۈلان قۈلۈڭ!! سەېۈدۈيە ھاۋارايۈ مەلۇماتۈ

تۈزۈملۈككە قايتۈش ېۈنكاس تېما يوللاش

گۇاڭدۇڭدا ېۇيغۇرلار بۈلەن خەنزۇلار قانلۈق توقۇنۇشتۈ

بۇ يەرگە ېەزا بولۇپ پۇل تۈپۈڭ

گۇاڭدۇڭدا ېۇيغۇرلار بۈلەن خەنزۇلار قانلۈق توقۇنۇشتۈ

26 - ئىيۇن كۈنى سەﻫەر سائەت 2 دە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەﻫىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ﻫازىرغا قەدەر ئۆلگۈچىلەر ۋە يارىدارلار سانى ﻫەققىدە پەرقلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت. ئەمما ۋەقەنىڭ زورلۇقى ۋە جىددىيلىكى ۋەقەگە ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەتتىن، مەركىزى ﻫۆكۈمەتكە قەدەر جىددىي ئارىلىشىۋاتقانلىقىدىن مەلۇم بولماقتا.



www.uighurbiz.net دىن ئېلىنغان بۇ سۈرەت، توقۇنۇش يۈز بەرگەن بىنانىڭ ئالدىدىكى نەق مەيداندىن كۆرۈش.
  

شاۋگۈەن شەﻫەرلىك ﻫۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ﻫەققىدىكى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە جەمئىي 120 كىشى يارىلانغان؛ بۇلاردىن 81 كىشى ئۇيغۇر، قالغان 39 نەپىرى خەنزۇ؛ ۋەقەدە 2 كىشى ئۆلگەن؛ ئۆلگۈچىلەر ئۇيغۇر. بوشۈن قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانى 18 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 12 نەپىرى ئۇيغۇر، 6 نەپىرى خەنزۇ. ﻫۆكۈمەت تەرەپنىڭ دوكلاتى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ﻫەققىدە توختالمىغان. j*g*  
Sri1zc@z  
پەقەت ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 400 نەپەر ساقچى، 152 نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى، 48 قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ﻫەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. NJ &  
/!um7K4c  
توقۇنۇش سەﻫەر سائەت 2 دىن 6 گە قەدەر 4 سائەت داۋام قىلغان. دەسلەپكى سائەتلەردە ساقچى تەرەپ ۋەقەگە ئارىلاشمىغان. ۋەقە ئادەم ئۆلۈش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، شەﻫەر باشلىقى جېڭ جىنتاۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ساقچىلار ۋەقەگە ئارىلاشقان. ساقچىلار يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، زاۋۇتتىكى قالغان 600 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى زاۋۇتتىن باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. تازىلىق ئىشچىلىرى ۋەقە مەيدانىدىكى قان ئىزلىرىنى 2 سائەت ئەتراپىدا يۇيۇپ تازىلىغان.
ۋەقەدىن كېيىن مەركىزى ﻫۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن جۇۋ يۇڭكاڭ، مېڭ جيەنجۇ قاتارلىقلار، شەﻫەرلىك ﻫۆكۈمەتكە يوليورۇق بېرىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، يارىدارلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە ئۆلگۈچىلەر ئائىلە تاۋاباتىدىن ﻫال سوراشنى تاپىلىغان. ئۇلار يەنە ۋەقەدىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىىشقا چاقىرغان.   
  
ۋەقەنىڭ سەۋەبى ﻫەققىدە ﻫازىرغىچە مەلۇمات بەرگۈچىلەر توقۇنۇشنىڭ بىر تەرىپى يەنىخەنزۇ  تەرەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان ﻫېچقانداق مەلۇمات يوق. شەﻫەرلىك ﻫۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ﻫۆرمەت قىلىش، يىمەك - ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش تەكىتلەنگەن. مانا بۇ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.  
  
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار  ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەت يىللاردىن بېرى ئوخشاش بولمىغان ساﻫەلەردە، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئىپادىلەنمەكتە. بۇ قېتىمقىسىغا تارىخىي مەسىلىلەردىن باشقا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشى ۋە خورلىنىشى، يېقىندا يەكەندە يۈز بەرگەن نارىسىدە قىزنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ۋەقەسى قاتارلىقلارمۇ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.   
  
نۆۋەتتە، خىتاي تور بەتلىرىدە مەزكۇر ۋەقە قىززىق تىما بولۇپ مۇنازىرە قىلىنماقتا. مۇنازىرىلەردە ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان ئىرقچى ئىبارىلەر قوللىنىلماقتا.
  
بۇ ئەﻫۋالغا قارىتا بۈگۈن، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلﻬام توختى ئۇيغۇربىز تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شاۋگۇەن شەﻫەرلىك ﻫۆكۈمەتنى، ۋەقەنىڭ ﻫەقىقىي سەۋەبلىرىنى تېزدىن ئاشكارىلاشقا، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ﻫاياتى ۋە ئىززەت - ﻫۆرمىتىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ﻫۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە، ئەمگەك قانۇنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغرا ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.
  
ئىلﻬام توختى ئوچۇق خېتىدە يەنە، ئۇيغۇر تورداشلارنى، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە ﻫېسسىياتقا تايىنىپ پىكىر بايان قىلماسلىققا، لېكىن مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىنى ئىزچىل كۆزىتىشكە ۋە مەسىلىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنى قانۇنىي يول بىلەن تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

                                                              مەنبە__سەلكۈن
ھە(ېاللاھنۈڭ نەزرۈدە مەقبۇل بۇلۈدۈغان دۈن ېۈسلام دۈندۇر) ~قۇرېان كەرۈمدۈن
تۈزۈملۈككە قايتۈش

سەېۈدۈيە ېۈنۋۈرسال تور مۇلازۈمۈتۈدۈن ېەڭ يۈڭۈ ېۇچۇرغا ېۈرۈشۈڭ ۋە مەھسۇلاتۈڭۈزنۈ ېۈلان قۈلۈڭ!!

سەېۈدۈيە>>گە تۈزۈملۈتۈڭ>> !!

 

ېەسكەرتۈش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ۋە ېاممۈغا تەسۈرۈ ياخشۈ بولمۈغان ھەر خۈل ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .بىكىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تور بېكۈتۈمۈزگە داۋاملۈق كۈرۈپ تۇرۈشۈڭۈزنۈ قۈزغۈن قارشۈ ېالۈمۈز! مۇنبەرگە ېەڭ ياخشۈ ېەسەرلۈرۈڭۈزنۈ ېەۋەتۈشۈڭۈزنۈ ېۈمۈد قۈلۈمۈز.

بېكەت باشلۈقۈ: سەېۈدۈيە ~ مۇناسۈۋەتلۈك مەسۈلە كۆرۈلسە تۆۋەندۈكۈ QQنۇمۇرغا سۆز قالدۇرۇڭ.
QQ: 308206035