ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ،قىزىمنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار
  
- UID
- 1
- يازما
- 248
- نادىر
- 25
- جۇغلانما
- 1422
شۆھرىتى- 1422 1
بايلىقى- 1038 1
كۇچى- 1027 1
- باھايىڭىز
- 100 نومۇر بېرەي
- كۆرۈش چەكلىمىسى
- 200
- جىنسى
- ئوغۇل
- توردىكى ۋاقتى
- 100 سائەت
- تىزىم ۋاقتى
- 2009-6-10
- ئاخىرقى زىيارەت
- 2009-6-30
|

ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ،قىزىمنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار
تور ئارىلاۋىتىپ بۇ تىمىنى بۈگۈن ئچرۇتۇپ قالدىم شۇنداقلا سەئىدىيەگە يۆتكەپ ئەكەلدىم.قىرىنداشلار تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ ئەمەلىي ئش قىلىشىنى ۋە ئنكاس يىزىشىنى سورايمەن.
ئىشتىن چۈشۈش ئالدىدا ئۈستىلىمگە قويۇپ قويۇلغان «ئىلى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانىغا بىرىلگەن «ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ،قىزىمنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار »ناملىق مۇراجەتنامىگە كۆزۈم چۈشتى.مۇراجەتنامىنى ئوقۇپلا ئارقىسىغا بىرىلگەن تېلىفۇن نومۇرىغاتېلىفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىدىم ،ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ھازىر ھىچقانداق ئامال قىلالماي قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ،جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئارزاق بولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇراجەتنامىنى ئۆز پېتى يوللاپ قويدۇم.ئىشىنىمەنكى ھەقىقىي ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە كىشىلىرىمىز بۇ ئىشقا قاراپ تۇرمايدۇ-دەپ ئويلايمەن .
ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ،قىزىمنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار
توققۇز ياشلىق سانىيە گە يېپىشقان قاباھەتلىك كېسەللىك ،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى «يېلىكى ئۈزۈك»دادىسى نۇرمەمەتنىڭ قېنىنى شوراشقا باشلىدى.تېخى ئەمدىلا 34ۋە 30 ياشلارغا كىرگەن نورمەمەت بىلەن ئايشەمگۈل ئوماق قىزىنىڭ دەردىدە بىر تىرە –بىر ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالدى .«ھەركىم ھە ر نىمە دەيدۇ ،دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ »دېگەندەك بۇ ئىككسىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان يوقسۇللۇقتا قوشۇلۇپ كەلگەن بۇ بالا دەردىنى ھېچكىم تەڭ تارتىشىپ بەرمىدى.ئۇ ياققا قارىسا يۈرەك پارىسى ،بۇ ياققا قارىسا مۇھتاجلىق .ئۇ ئۆمۈدىنى مۇراجەتنامىگە باغلىغاندا كۆزىدىن ئىختىيارسىز تامچە ياشلار دۇمىلاپ چۈشتى .
سانىيە ئىككى يىرىم ياشلارغا كىرگەن چاغلاردىن باشلاپلا ئىككى كۆزى قىزىرىپ ئاغىرشقا باشلىدى.ئۇلار قىزىمىزنىڭ كۆزىدە مەسىلە بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئۇنى ئوبلاستلىق«دوستلۇق »دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ كىرىپ تەكشۇرتتى .دوختۇرلار:«بالىنىڭ كۆزىدە چوڭ مەسىلە يوق ،كۈن نۈرى رېئاكسىيە قىلىدىكەن ھەم ئىسسىق باغلاپ كېتىپتۇ ،كېيىنچە ياخشى بولۇپ كىتىدۇ »دەپ دورا يېزىپ بولدى قىلدى.ئائىلىدىكى ئىقدىسادىي قىيىنچىلىق بالىنى چوڭ تەكشۇرتۇشكە ئىمكانىيەت بەرمىدى .سانىيە بەش ياشتىن ئاشقىچە ئەنە شۇنداق يۈردى .بالىنىڭ بىشى ئاغرىپ ،ئىككى كۆزىدىن يىرىڭ ئىقىشقا باشلىغاندىلا ئۇلارنىڭ بېشى قىتىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى .ھەم ئۇنى قايتا «دوستلۇق »دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ كىرىپ تەكشۇرتتى .ئاقىۋەت ئادەم تىلغا ئىلىشتىن قورقىدىغان كىسەللىك بايقالدى.ئاتا –ئانىسىنىڭ ھالىغا ئىچى ئاغرىغان دوختۇرلار نەچچە كۈنگىچە بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا ئىيتالماي يۈردى .ئامال قانچە ؟ ئۇلار ئاخىرى سانىيەنىڭ مېڭىسىدە ئۆسمە بارلىقىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بىرىپ داۋالاتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىيتتى .بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئانا نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى .بىر قولىدا بالىنى بىر قولىدا ئايالىنى يۆلىۋالغان نورمەمەتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئازابىنى ھىچنىمە بىلەن ئۆلچەش مومكىن ئەمەس ئىدى .ئۇ سالپايغىنىچە دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە موڭغۇلكۈرەگە قايتماقچى بولدى.چۈنكى ئۇ قايتىپ كەتمىسە تالاد ا قالاتتى .
«ئاھ ،مۇھتاجلىق !يۈرەك پارەم سىزگە چىدىمايمەن ،لىكىن قانداق قىلارمەن ؟!»نورمەمەتنىڭ ئويلىمغان يولى قالمىدى .ئۇ ئاخىرى ئائىلىدىكى جاننىڭ ھاياتلىق ئۆمۈدى بولغان 10مو يېرىنى 4200يۈۋەنگە سېتىپ ،دورا ئوكۇلغا ئىشلەتتى .ئۇ ئاللادىن پەرزەنتىگە بىر كىچىدىلاشىپالىق ئاتا قىلىشنى تىلىدى.نۇرمەمەتنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئاز –تولىدىن ياردەم قىلدى .غۇلجىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ «بولدى ،بالىنى ئەل قۇتقۇزىدۇ ،ئىنسانپەرۋەر سودىگەرلەر ،كارخانىچىلار چوقۇم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ »دېدى.بۇ ئىشلار ئاخىرى نورمەمەتنىڭ كاللىسىدىن ئۆتتى .مۇشۇلارنى سۆزلەپ بىرىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى نەچچە قېتىم تىترەپ ،بۇغۇلۇپ ،كۆز چاناقلىرى نەچچە قېتىملاپ ھاياجانلىق ياش دولقۇنلىرىنى سىڭدۇرۋەتتى .
ئاھ ،رەھىمسىز قەقدىر ،ھېچكىمنى بالا دەردىگە ،مۇھتاجلىق دەشتىگە تاشلىمىغايسەن !سانىيە نورمەمەت ۋەئايشەمگۈلنىڭ قىزى ،شۇنداقلا بىزنىڭ ،سىزنىڭ قىزىمىز ،قېرىندىشىمىز ،«تاما-تاما كۆل بولار »دەپتىكەن ،ئۇ ئۆسمۈرلۈكنىڭ ،ياشلىقنىڭ ،ھاياتلىقنىڭ تاتلىقىنى كۆرسۇن .
تېلىفۇندىن خەۋەر تېپىشىمچە نورمەمەت 29-چىسلالار ئەتراپىدا ئۇرۇمچىگە ماڭماڭچى ئىكەن .ناۋادا بۇ ئىش توغۇرسىدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ خەۋەر تاپماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلەشساڭلار بولىدۇ .
ئالاقىلەشكۈچى –نۇرمەمەت تۇردىھاشىم
تېلېفۇن نومۇرى -15299238309
بۇ شەبنەمدىكى سۈزۈك ئاي قىرىندىشىمىزنىڭ ئنكاسى
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى ئىلگىرلىتىپ قۇيۇشىنى سورايمەن....
ئاللاھ شەپقەتلىك چۇقۇم قىزچاققا شىپالىق بېرىدۇ.ئاللاھدىن بۇ نارىسىدىگە شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىمەن.
سىزنىڭمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇشبۇ تېمىنى يوللىغان قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
قېنى مۇنبەردىكى ئەزىز قېرىنداشلار ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن چاققان ھەركەتكە كېلىپ ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! |
|
|
|
|
|