ئىېلان بىرىڭ
 

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!! سەئىدىيە ھاۋارايى مەلۇماتى

تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە!

بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ پۇل تىپىڭ

سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە!

سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە!
مەنبەسى: تەدبىركار
ئەلۋەتتە بۇ 25 خىل ئۇسۇل بىلەن باي بولالىشىڭىز ناتايىن، بىراق سىناپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
1.ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى بار ئىشنى قىلىڭ، ئەلۋەتتە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق چوقۇم شۇ ئىشقا نىسبەتەن سىزدە ئوتتەك قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سىز ۋاقتىڭىزنى ئۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى خالىمىسىڭىز، غەلبە قىلالىشىڭىز ناتايىن.
2.ئۆزىڭىز خوجايىن بولۇڭ، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ پۇلدار ئادەمگە ئايلىنالمايسىز، خوجايىن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىراجەتنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسىنى باي قىلىۋېتىش ئەمەس.
3.باشقىلارغا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بىرەر مۇلازىمەت تەمىنلەڭ ياكى بىرەر ئەمىلىيەت مەھسۇلات ئىشلەڭ، سىزنىڭ يازغۇچىلىق قىلىش، رەسىم سىزىش ياكى مۇزىكا ئىشلەش بىلەن مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتىڭىز ناھايىتى ئاز، ئەمما سىزنىڭ تىجارەت ساھەسىدە، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە زور مىقداردا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش پۇرسىتىڭىز خېلى چوڭ.ئېسىڭىزدە بولسۇن، نەشىرىيات خىزمىتى بىلەن تاپقان پۇل يازغۇچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلدىن كۆپ.
4.ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلھامى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كۆڭۈل ئېچىش ساھاسىدىكى كەسىپلەرنى تاللاڭ، چۈنكى بۇ ساھەدە پۇل تېپىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، مودا مۇزىكا ۋە تېلىۋىزور سىزنىڭ كۈتكەن غايىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5.مەيلى سىز ئارتېست بولۇڭ ياكى سودىگەر بولۇڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىڭ.كىچىك كافېيخانىدا ناخشا ئېيتىپ تاپقان پۇل ھەرگىزمۇ چوڭ ئۈن-سىن نەشىرىياتى ئارقىلىق پلاستىنكا تارقىتىپ ساتقان پۇلغا يەتمەيدۇ، يەرلىك تىجارەتچىنىڭ پايدىسى ھەرگىزمۇ خەلقئارا دەرىجىلىك سودىگەرنىڭ پايدىسىغا يېتەلمەيدۇ.
6.بىر خىل ئېھتىياجنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن شۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىڭ.جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدۇ.ئەڭ ئاۋال شۇ خىل ئېھتىياجنى تاپقان ۋە كىشىلەرنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرغان كىشى دەل ھازىرقى بار بولغان مەھسۇلاتلارنى ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ھەمدە ئەڭ بۇرۇن باي بولىدىغان كىشىلەردۇر.
7.ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئىتىڭىز بولسۇن.يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى ئۇسۇل دەل يېڭى بايلىق يارىتىدىغان ئېلىمېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەمما چوقۇم يېڭى ئۇسۇلىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، يېڭى ئۇسۇلىڭىز چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىشى، مەھسۇلات سۈپىتى ياخشىلىنىشى، قولايلىق ھەمدە باھاسى تۆۋەنلىشىشى كېرەك.
8.ناۋادا سىز كەسپىي تەربىيە ئالغان بولسىڭىز ياكى سىزدە ئالاھىدە تالانت بولسا، چوقۇم بۇلارنى تولۇق ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.ناۋادا شۇ قابىلىيىتىڭىز بىلەن بېرىپ كاۋاپ پىشۇرسىڭىز ياكى تامچىلىق قىلسىڭىز، بەك دۆتلۈك قىلغان بولىسىز.
9.بىرەر ئىشقا قول سېلىشتىن بۇرۇن، شۇ ئىشنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئوبدان بىر تەتقىق قىلىپ كۆرۈڭ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار سىزنى ئاز بولمىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئاۋال تەتقىق قىلىپ بېقىش، سىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە خىراجىتىڭىزنى تېجەيدۇ.
10.دائىم قانداق قىلسام باي بولارمەن دېگەن خىيالنى ئاز قىلىڭ، ئۆزىڭىزدىن پات-پات: مەن قانداق قىلسام كەسپىمدە ئۇتۇق قازىنالايمەن؟ قانداق قىلسام خىزمىتىم ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ تۇرۇڭ، شۇنداق بولغاندا پۇل ئۆزلىكىدىن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
11.مۇمكىن بولسا، بىر خىل ئائىلە ھەمكارلىقىدىكى خىزمەتنى قىلىڭ.بۇنداق بولغاندا خىراجەتنى ئازلاتقىلى، جەڭگىۋارلىق روھىنى كۈچەيتكىلى، پايدىنى ئاددىي ھالدا تەقسىم قىلغىلى، ئالغان پايدىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى ھەمدە پۈتۈن خىزمەت جەريانىنى ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
12.ئامال بار خىراجىتىڭىزنى ئازلىتىڭ، بىراق پەزىلىتىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، بولمىسا بارا-بارا ھالاكەتكە يۈزلىنىسىز، پۇل تېپىش پۇرسىتىڭىزمۇ چوڭ بولمايدۇ.
13.ئوخشاش كەسىپتىكى دوستلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە ناھايىتى كۆپ ياردىمى تېگىدۇ.
14.ئامال بار كۆپ قىسىم ۋاقتىڭىزنى خىزمەتكە قارىتىڭ، بىر كۈندە 12 سائەت، بىر ھەپتىدە 6 كۈن ئەڭ تۆۋەن چەك بولسۇن، بىر كۈندە 14 سائەتتىن 18 سائەتكىچە ناھايىتى نورمال، بىر ھەپتىدە 7 كۈن خىزمەت قىلىش ناھايىتى ياخشى ئىش.سىز چوقۇم ئاۋال ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەرەپتىكى خوشاللىقىڭىزنى قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، تاكى سىز مۇقىم ئىگىلىك تىكلەپ بولغۇچە شۇنداق قىلىڭ، ۋاقتى كەلگەندە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
15.ئۆزىڭىز قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىڭ، ئىرادىلىك بولۇڭ، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرى ۋە تەنقىدلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇڭ، بىراق چوقۇم ئۆزىڭىز قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
16.راست سۆزلەشكە جۈرئىتىڭىز بولسۇن، گەپنى ئەگىتىپ سۆزلەش ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز ئۇدۇل دەڭ، ئامال بار گەپنى ئەگىتمەي، ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
17.ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ھەرگىزمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بولمايدۇ، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتمىگەنلىكنىڭ ئۆزى جىنايەت بولىدۇ.
18.مەغلۇپ بولغان سەۋەپلىك ھەرگىز بوشىشىپ كەتمەڭ، مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مەلۇم قىممىتى بولىدۇ.مەغلۇبىيەت ئىچىدىن، سىز شۇ ئىشنى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
19.ئاقمايدىغان نۇقتىنەزەردە چۆرگىلەۋەرمەڭ.مەلۇم خىل ئۇسۇلنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ، شۇ ھامان ئۇ ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىڭ.دۇنيادا بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن چارىسى بولىدۇ، ئاقمايدىغان ئۇسۇل ئۈستىدە ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى ھەرگىز تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.
20.ھۆددىسىدىن چىقالمايغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماڭ، ناۋادا سىز 10 تۈمەن زىيان تارتسىڭىز شۇ 10 تۈمەننى تولۇقلىيالىسىڭىز داۋاملىق تىجارەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا سىزمۇ 5 تۈمەننىمۇ تولۇقلىيالماي تۇرۇپ يەنە زىيان تارتسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز تەلتۆكۈس تۈگىشىسىز.
21.مەبلەغ سالغانىكەنسىز، پايدىڭىزنى بېسىپ ياتماڭ، ئالغان پايدىڭىزنى داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىڭ، ئەڭ ياخشىسى باشقا كەسىپلەرگە ياكى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان كەسپلەرگە مەبلەغ سېلىڭ، شۇنداق بولغاندا پۇلنى دومىلىتالايسىز.
22.بىر نەپەر ئەقىللىق ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىڭ.ئۇ سىزگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت تېجەپ بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى سىز ئۇنىڭغا بەرگەن مائاشتىن يۇقىرى بولىدۇ.
23.زېرەك بوغالتېردىن بىرنى تەكلىپ قىلىڭ، ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىڭىز ھېساب خاتىرىلەڭ. ناۋادا سىز ئۆزىڭىز بىر بوغالتېر بولمىسىڭىزلا، ئەڭ ياخشى كەسپىي بوغالتېردىن بىرنى تەكلىپ قىلىڭ.ئۇ بەلكىم سىزنىڭ غەلبە قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى بەلگىلىيەلىشى مۇمكىن، ئۇ سىزنىڭ پۇل خەجلىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
24.باج مۇتەخخەسسىسى تەكلىپ قىلىڭ.بىر نەپەر چېچەن باج مۇتەخخەسىسى سىزگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن باجنى تېجەپ بېرەلەيدۇ.
25.ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە زېھنىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ، بۇلار بولماي ھەرقانچە كۆپ پۇلىڭىز بولسىمۇ بىكار.
كۆلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟
بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ پۇل تىپىڭ
پۇل تېپىشىڭىزغا پايدىسى تېگىدىغان كىچىك ئىشلار

ئۆزىڭىز ھەقىقىي قىزىقىدىغان ئىشنى قىلىڭ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا چوقۇم قىزىقىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ۋاقتىڭىزنى بۇ ئىشقا ئىسراپ قىلماڭ، بولمىسا ھەرگىز مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايسىز.
  چوقۇم ئۈنۈمى ياخشى بىر خىل مۇلازىمەت بىلەن مەشغۇل بولۇڭ ياكى ئەسلى مەھسۇلات ئىشلەڭ. ئەگەر سىز يېزىقچىلىق، رەسىم سىزىش ۋە مۇزىكا ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز بۇ ساھەدە مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ؛ ئەگەر سىز تىجارەت ياكى باسمىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز؛ ئۆي - يەر - مۈلۈك كەسپى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللانسىڭىز، مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتى چوڭ بولىدۇ.
  مەيلى سىز ئارتىس بولۇڭ ياكى سودىگەر بولۇڭ، چوقۇم خېرىدار ياكى تاماشىبىنلىرىڭىزنى كۆپەيتىڭ. ئۇششاق - چۈششەك قەھۋەخانىلاردا ناخشا ئېيتىدىغانلارنىڭ تاپىدىغان پۇلى چوڭ - چوڭ ناخشا پىلاستىنكىسى شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېيتىدىغان ئارتىسلارنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن، يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ پۇل تاپمىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك سودىگەرلەرگە قارىغاندا بەكلا تەس، تاپىدىغان پۇلىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
  ئالدى بىلەن بىر خىل ئېھتىياجنى تېپىڭ، ئاندىن ئۇنى قاندۇرۇڭ. جەمئىيەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئېھتىياجنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ھەمدە بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالىغان، ھازىر مەۋجۇت بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ياخشىلىغان ئادەم چوقۇم ئەڭ ئالدىدا پۇل تېپىپ باي بولىدىغان ئادەمدۇر.
  ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن قورۇقماڭ. يېڭىچە ئۇسۇل ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى قوللىنىش ۋە ياساشقا جۈرئەت قىلغان ئادەم چوقۇم يېڭى بايلىقنى كۆپەيتەلەيدۇ.
  ئەگەر كەسپىي تەربىيىنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز ياكى پەۋقۇلئاددە تالانتىڭىز بولسا، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. قولىڭىزدىن مەززىلىك قورۇمىلار چىقىدىغان تۇرۇپ، ياغاچچىلىق قىلسىڭىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىك بولىدۇ.
  ھەرگىز بىراقلا پۇل تېپىپ كېتىشنى خام - خىيال قىلىپ يۈرمەڭ. بەلكى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ چارىسىنى ئىزدەڭ. دائىم ئۆزىڭىزگە: مەن ئۆز ئىشلىرىمنى قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشلىيالايمەن؟ دېگەن سۇئالنى قويۇڭ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى قانچىلىك راۋانلاشتۇرالىسىڭىز، بايلىقىڭىز شۇنچىلىك ئېشىپ بارىدۇ.
  ئاقمايدىغان قاراشلار ئۈستىدە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ تازا ئاقمايۋاتقانلىقىنى بىلىپلا قالسىڭىز، ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كېچىڭ.
  ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە نورمال پىسخىك ھالىتىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ. بولمىسا قولىڭىزدا نۇرغۇن پۇل - مېلىڭىز بولغان تەغدىردىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ
كۆلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟
تىزىملىككە قايتىش

سەئىدىيە ئۈنۋىرسال تور مۇلازىمىتىدىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇرغا ئىرىشىڭ ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى ئىلان قىلىڭ!!

سەئىدىيە>>گە تىزىملىتىڭ>> !!

 

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ۋە ئاممىغا تەسىرى ياخشى بولمىغان ھەر خىل ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .بىكىتىمىز ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! مۇنبەرگە ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بېكەت باشلىقى: سەئىدىيە ~ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە كۆرۈلسە تۆۋەندىكى QQنۇمۇرغا سۆز قالدۇرۇڭ.
QQ: 308206035