新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى داڭلىق شەخسلەر --> دىيارىمىز ۋە ئېلىمىزدىكى داڭلىقلار سەنئەت بېغمىزدىكى شۇڭقارلىرىمىز
    
 
سەنئەت بېغمىزدىكى شۇڭقارلىرىمىز
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:142  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 19:33:05 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-13 22:50:56
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
سەنئەت بېغمىزدىكى شۇڭقارلىرىمىز

سەنئەت بېغمىزدىكى شۇڭقارلىرىمىز

ئاپتۇرى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

ئۇنىڭ ئېسمى سىزگە پات پات ئۈچراپ قېلىشى مۈمكىن . كىتاپلارنىڭ ئېسمىنى يازغۇچى .  ھۆسنىخەت يازغۇچى . ياكى بىرەر ماركىنىڭ لاھىيەلىگۇسى سۈپىتىدە ئۈچراپ قېلىشى مۈمكىن . لىكىن ئۆزى ئاق كۆڭۈل تۇرغان تۇرقىدىن سەممىلىك ۋە ئاقكۈڭۇللۇك بالقىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنىڭ قەلبىدە باشقىچە ئوت بار . ئۇ قۇربانجان روزى شەيدايىنىڭ شاگىرىتلىرىدىن بىرى ئەمما ئۆزىگە خاس يول تۇتقان . پۇل دىگەن ئىنسان ھاياتىدا بىر ۋاستە ، ئۇنىڭ رولى ئىنسانلار ئويلىغاندەك ئۈنچىلىك موھىم ئەمەس . ئەڭ موھىمى ئىتقاد ۋە سەن قالدۇرماقچى بولغان ئىزنى قانداق قالدۇرۇش دىگەندەك ئىلغار قاراشلار بىلەن كۈنلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت ئىجاد ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكۇزىدۇ . ئۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمغا ھۆسنىخەت قەغىزى ئالدىدا ئويلىنىپ تۇرىۋاتقان ياكى بولمىسا كومپىۇتىرنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كىلىدۇ .  ھەر قانداق موھىم بولغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭ سايىسىنى كۆرۇش مۈمكىن . ئۆزىنىڭ ئوت يۇرەكلىگى . پائالىيەتچانلىغى تالاي كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىزنى قالدۇرغان بۇ يىگىت ھازىر ئۈرۈمچىدە شىركەت ئېچىپ نۇرغۇن ئائىللەردە . شىركەتلەردە .  ئاشخانا رېستۇرانلاردا ئۆزىنىڭ ئىنىق سايىسىنى قالدۇرۇپ كەلمەكتە . مەن ئۇنىڭ بىلەن يىقىن دوس . شۇڭا ئۇىنڭ بىلەن بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشش پۈرسەتلىرى بار . بەزىدە مەن بىرەر كۈپلېىت شېئىر يازسام ئۇ شاۇ ھامان قولىغا قەلەم ئېلىپ ھۆسنىخەت قىلىپ يىزىپ چىقىدۇ . ئىملالىرىمنىڭ سەتلىگىدىن نۇمۇس قىلسام ئۇ چىرايلىق قەلىمى بىلەن ھىلىقى سەت ئىملا بىلەن يىزىلغان شېئىرنى بىر دەمدە سىھىرلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . ئالدىنقى يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۇزۇلگەن « ئاتىلار » بايرىمى بولسۇن ۋە باشقا بايرام ياكى پائالىيەتلەر بولسۇن جەۋلانى شۇ يەردە پەيدا بولدى ۋە ئەسەرلىرىنى كىم ئاشتى قىلىپ سىتىپ يىتىم باللارغا ئىئانە قىلىش . ئوقۇشى قىين باللارغا ئىئانە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئاز دىگەندە يۇز مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى . لىكىن ئۇ بۇ ھەقتە ھىچكىمگە پو ئېتىپ سۆزلەپ يۇرمىدى . ھىچقانداق ئادەمگە بىر ئېغىز تىنماي يەنىلا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئالىمىدە ياشاۋەردى . باشقىلار بۈنچىلىك ئىشنى قىلغان كۈنى جاھاننى بىر مەھەل بىشىغا كىيىپ باشقىلارغا سۆزلەپ چارچىماي ئۆزىگە سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قالار ئىدى . لىكىن ئۇ گەپتىن سۇكۇتنى . ئاقماس پاراڭدىن ھەركەتنى . يەتكىلى بولمايدىغان غايىدىن ئەمگەكنى يۇقۇرى ھىساپلىغاچقا تېنىق كۆلدەك جىمجىتلىق ئىچىدە  يازدى ئىجاد قىلدى . ئۇ يىقىندا يازغان ھۆسنىخەتلىرىنى ئىچكىرىدىكى بىر زاۋۇتقا ئەۋەتىپ يىپەك توقۇلما قىلىپ لاھىيلەپ چىقتى  ، ئۇنىڭ دىيىشچە بۇ خىل يىپەك چىرىمەس تالا بىلەن توقۇلغان بۇلۇپ يەرنىڭ ئاستىغا كۆمىۋەتسىمۇ يۇز يىلدىن ئارتۇق چىرىمەي تۇرىدىكەن . ھازىر مىراج قاتارلىق داڭلىق ئاشخانىلار يۇسۇپ خاس ھاجىپ . مەھمۇد كاشغەرىې قاتارلىق ئالىم ، پەيلاسۇپلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرى چۇشۇرلۇپ يىپەك بىلەن توقۇلغان رەختكە يىزىلغان چىرايلىق ھۆسنىخەتلەرنى ئېسىپ قويىدىغان بولدى . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جەۋلاننىڭ تۆھپىسى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ئەسەلىرىنى توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇردى . تۇرلۇك كالىندارلارنى باستۇردى .  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر . نىمىشىھىت ئىلى ئارمىيە سايرامى . لى مۇتەللىپ . ئابھۇرىېھىم ئۆتكۇر . ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى . شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى . ھىكمەتلىك سۆزلىرىنى يىزىپ مەسچىت . مەكتەپ . ئاشخانا . رېستۇران . تۈرمە . ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تاملىرىغا ئېىسلىشقا تۇرىتكىلىك رول ئوينىدى . بىز مەيلى ئۇ يازغان خەت نۇسقىسى بولسۇن مەيلى لاھىيەلىگەن سۇرەتلىرى بولسۇن . مەيلى كىتاپلارنىڭ ئېسىملىرى بولسۇن بىر خىل كەڭرى رەڭدارلىق ۋە گۈزەللىك ئالىمىدىن ھۇزۇر ئالماي تۇرالمايمىز . ئۇنىڭ ئىسمى پۇتۇلگەن ھەر بىر ئەسەردىن بىز ئەنئەنۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ كىسىشكەن نوقتىسىدا يارىتلىغان يۇقۇرى ئۈنۈمدىكى بەدىئىلىكتىن ھۇزۇر ئالماي تۇرالمايمىز . سۆزلىسەم گەپ جىق . ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنىڭ بىسىپ ئۆتكەن جەريانلىرىنى كىچىككىنە بىر يازما ئارقىلىق تولۇق بايان قىلىپ بەرگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ھازىرچە مۈشۈنچىلىك يازاي . ئاخىرىدا  مەن دوستۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق . ئىجادى ھاياتىغا بەركەت . قابىليىتىگە كامالەت . ئۆزىگە سالامەتلىك باللىرىنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتلىشىنى تىلەيمەن . 

 بۇ يازما ئىزدىنىش تورىدىن ئېلىندى

http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?PageIndex=3&ThreadID=38316

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 23:21:29