新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> شېىرى ئەسەرلەر ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
    
 
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:215  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-12 22:21:53 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-12 22:21:53
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز

ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ،
    نەزەر سالدىم ئۇياق -بۇياققا ،
   يان ئۇستەلدە بولۇنغان گەپلەر ،
   كىرىپ قالدى«قېلىن» قۇلاققا،

   «چىسا» دېدى بالىغا ئايال،
   «بۇچى» دېدى بالىسى باتناپ.
   يېگىن«كاۋرو» بولسىمۇ دىدى،
  بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ.

«خې چا» قىلغىن جېنىم بالام دەپ،
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا.
ھەيران  بولۇپ توۋا دېيشتۇق  ،
قوش مىللەتلىك ئاتا–ئانىغا،

كاۋاپنىمۇ يىمىدى بالا ،
«چى خەنباۋ» دەپ چىقاردى جىدەل،
بۇ ناجىنىس دىئالۇگلارغا،
چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل،

جېنىم ھەدە، دېدىم قوپۇپلا،
(ئازاد قىلاي دېدىم قۇلاقنى).
ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز ،
بېقىۋىلىپ خەنزۇ بوۋاقنى،

«ئاڭلاپ قويۇڭ ئۇ مېنىڭ بالام»
دېدى تىللاپ «بارمۇ كۆزىڭىز!»
بېشىم ئېگىپ دېدىم: كەچۈرۈڭ،
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز .

تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا ،
تۆكمەك بولدى مېنىڭ يۈزۈمنى
گەپ ياندۇرماي تاماقنى يېدىم ،
دەۋالغاچقا يۈرەك سۆزۈمنى ،

كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر،
ئەيىبلەشتى مېنى بەزىسى .
چىقىپ كەتتىم، يامان ئەمەسمۇ،
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى .

كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى.
سېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى ،
سوۋغام بولسۇن سىزگە قالغىنى ،

مەنبەسى:ئەلكۇيى تورى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 17:56:43