新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> شېىرى ئەسەرلەر مۇئەللىمدىن رەنجىمە
    
 
مۇئەللىمدىن رەنجىمە
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:162  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-12 20:40:03 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-12 20:40:03
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
مۇئەللىمدىن رەنجىمە

 

مۇئەللىمدىن رەنجىمە

(مۇخەممەس)
ئاپتۇر: ئىمىنجان كېرەم

قېتىلمىسا سورۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
كېلەلمىسە تويۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
بېرىلمىسە ئويۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
ئىگىلمىسە بويۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
سېلىشتۇرۇپ يوچۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

ئاددىي بەكلا مۇئەللىم قىلالمايدۇ ھەشەمەت،
كۆرمىسىمۇ ھالاۋەت سۆزلەپ ئۆتەر ھەقىقەت،
يوق ئەمەستۇر مۇھەببەت سۆيگۈنىدۇر مەرىپەت،
ئىگلمەيدۇ مۇشەققەت ھەتتا بېسىم، ئاھانەت،
پاتسا بەزەن غەم، مۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

ئۆمرى ئۆتەر مۇنبەردە چىنار كەبى تىك تۇرۇپ،
كۆيۈپ ئۆزى تۈگەيدۇ يېنىپ تۇرغان شام بولۇپ،
سىڭىپ كىرەر دىللارغا قوياش تىمسال نۇرلىنىپ،
مېھنىتىدىن كۆچەتلەر مىۋە بېرەر تويۇنۇپ،
بەخىت ئىزدەر بوغۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

ئىلىم ھېكمەت يار ئاڭا كۆۋرۈك سالار يولۇڭغا،
زەپەر بىلەن ئۆرلەشكە شوتا قويار پۇتۇڭغا،
ۋىسال تاپساڭ سەن قاچان گۈل تۇتىدۇ قولۇڭغا،
ئۇ بىر نامسىز قەھرىمان ئېرىشمەيدۇ ئوردىنغا،
قانات بولۇر ئويۇڭغا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا كىرپىكىدە ئالار ئۇ،
غەم چۈشكەندە بېشىڭغا مۇڭغا چوڭقۇر پاتار ئۇ،
گەر يولۇقساڭ قۇيۇنغا ساڭا سېپىل بولار ئۇ،
شادلىقىڭغا ھەرقاچان كۈلكە-شادلىق قوشار ئۇ،
پۇل قوشمىسا پۇلۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

ئۈنچە ئېلىپ دېڭىزدىن ئاسار ئۇنى بوينۇڭغا،
يېتىش ئۈچۈن مەنزىلگە ئۈزەر باقماي ئۇپقۇنغا،
كۈن چۈشسىمۇ بېشىڭغا بېرىپ يۈرمەس ئالدىڭغا،
رەنجىمەيدۇ ئۇ سەندىن ئازار بەرسەڭ دىلىغا،
تاش قويىدۇ ئۇلۇڭغا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

سۆزلەپ قويسا بەزىدە ناھەقلىققا چەك قويۇپ،
كەتمە ھەرگىز ئالدىراپ بىزار بولۇپ ھەم تويۇپ،
يۈكسېلىدۇ ئادەملەر، ئۇ بولغاچقا شان قۇچۇپ،
چاقنار ھەردەم گۈزەللىك بۇ ئالەمگە گۈل تولۇپ،
كۈچ قوشىدۇ ھورۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

تەمە بىلەن زەررىچە مېھنىتىدىن نەپ ئالماس،
چەكسە جاپا-مۇشەققەت مىننەت قىلىپ زارلانماس،
ئەقىدىسى قاناتتۇر، مەنزىلىدىن ئاداشماس،
بىر مۇقەددەس ئىنسان ئۇ، چاكىنلىق ياراشماس،
باقار كۈلۈپ ئۇپۇققا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

http://www.56.com/h50/u_otmakani-1.html

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 17:28:36