新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى دۇنيادىكى ئشلار --> دۇنيادىكى ئشلار تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي
    
 
تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:267  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-16 13:33:36 by مۇختەر

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-11 10:07:29
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي

بىر يىلدىن بىرىقى تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسۋىتنىڭ يىقىنلىشش مىۋىلىرى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى،جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان دىنى خادىملارنى ،ئىماملارنى تەربىيلەپ بىرىش تەكلىۋى ئۆتكەن يىلى تۇنجى قىتىم مەتبۇئاتتا ئاشكارىلانغاندىن كىين،بۇ يىل رەسمى ھۇججەت شەكلىگە كەلدى.ئەلۋەتتە،ئىمام ۋە دىنى خادىملار تىل جەھەتتە ئاسان بىلىشىدىغان تۈركى مىللەتلەر،جۇملىدىن ئۇيغۇر،قازاق مىللەتلىرىنى كۆرستىدۇ.ئەمما بۇنىڭ چىكى بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.ئەلۋەتتە بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق.
تۆۋەندىكىسى تۈركيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى.


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن دىنىي نەشىرىياتچىلىق ۋە ھەج قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىققا يۈزلەنمەكتە.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىلان – لاھىيە كېلىشىمى، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ۋە جۇڭگو دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالاندى.

كېلىشىم دائىرىسىدە، جۇڭگودا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرستېتلاردا دىنىي كەسىپلەردە ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىماملارمۇ تۈركىيەدە بىلىم ئاشۇرالايدۇ. قۇرئان كەرىم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.

پىلان – لاھىيە 14 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئاسىراشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ لاھىيە ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

2011-7-16 13:33:36
مۇختەر





تەقۋادار ئادەم

ۋەزىپىسى:ئادەتتىكى ئەزا
يازما سانى:12
تەجىربىسى:160
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-7-16

بۇ يىڭى خەۋەر ئىكەن...رەخمەت  بىلىۋالدىم

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 23:24:04