新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى كومپىوتىر بىلىملىرى --> كومپىوتىر بىلىملىرى تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش
    
 
تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:224  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2010-7-26 0:44:20 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2010-7-26 0:44:20
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش

تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش 

نۆۋەتتە ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزدىكى تور بىكەتلەرمۇ كۇنسىرى كۆپەيمەكتە، نۆۋەتتە  تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يوقىرى بولسىمۇ زور كۆپ ساندىكى تورغا چىقالايدىغان كومپىيۇتېلاردا ئۇيغۇرچە فونت بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە تور بىكەت تۈزىگۈچىلەر  Microsoft weftنىڭ   Eot ھۆججىتى ياساش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تور بىكەتلىرىنى بىۋاستە ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرسىتىۋاتىدۇ، گەرچە بۇ Eot ھۆججىتى ياسىلىپ تور بەتلەر ئۇيغۇرچە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۇرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى windows مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا يەنىلا ئۇيغۇرچە فونت بولمىغاچقا، ئۇيغۇرچە فونت قوشۇلغان windows vista نۇسخىسىنىڭ ئومۇملىشىپ بۇلىشىغىچە بولغان بۇ ئۆتكۇنچى دەۋېردە بىز يەنىلا مۇشۇ كونا ئۇسۇلغا تايىنىمىز.
 ئىلگىرى تور بىكەتلەردە  Microsoft weft تىن پايدىلىنىپ Eot ھۆججىتى ياساپ تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۇرۇلگەن، كىيىن قۇلايلىق، ئاددى بولغان فونت تاللىماي يەنى ھەر بىر ھەرىپنى بىر چېكىپ تاللايدىغان ئۇسۇلنى قوللانمايلا Eot ياسايدىغان ئۇسۇل تەشۋىق قىلىندى، ئىلگىرى مۇشۇ توغرىسىدا بىر تىما يوللىغانتىم، مەزمۇنى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، شۇڭا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بۇ دەرىسلىكنى تەييارلىدىم، تورداشلارغا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تۆۋەندەمەن  Microsoft weftنىڭ فونت تاللىمايلا Eot ياساش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىمەن.
بىرىنجى قەدەمدە Weftنى قوزغىتىمىز تۇنجى قوزغالغاندا فونىت تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن ئىككىلەنمايلا "ئەمەلدىن قالدۇرۇش" نى بېسىپ كۆزنەكنى تاقايمىز ،ئاندىن "Tools"نىڭ ئىچىدىن "options"نى تاللايمىز، رەسىمدىكىدىك كۆزنەك ئېچىلدۇ.

ئاندىن settingsنىڭ ئاستىدىكى Weftنى تاللايمىز،ئاندىن ياندىكى سېرىلما تاياقچىدىن
7Nosubsetting نى تاللايمىز ،رەسىمدىكىدەك:

ئاندىن OKنى بېسىپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
ئىككىنجى قەدەم  بىۋاستە Newنى بېسىپ يېڭىدىن بىر eotياساشنى باشلايمىز.

بۇ باسقۇچتا ئىسمىڭىز ۋە ئېخەت ئادىرىسىڭىزنى تولدۇرىسىز.

كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئۈستىدىكى ... نى بېسىپ weftتىن ئۆتكۈزىدىغان Htmlھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.

كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ موقىملاشتۇرۇشنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
Addنى بېسىپ سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنى تاللاپ بېرىمىز، نۆۋەتتە مەن Alpida_unicode system فونتىنى تاللىدىم، بۇ ئورۇنغا سىز ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان فونىتلارنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى UKIJ Tuz TOM فونتىنى تاللاڭ، بىز Unicode لىق خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
Editنى بېسىپ تور بېتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى تولدۇرۇڭ: 
http://korkem.com/bbs
ھەم  http://korkem.com/bbsغا ئوخشاش، مۇنداق تولدۇرسىڭىز تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلار ھەر ئىككىلا ئادىرىستا نۇرمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ، ئىككىنجى دەرىجىلىك نام ئىشلەتكەن بولسىڭىز داۋاملىق قوشسىڭىز بۇلىدۇ. مەسلەن :   http://korkem.com/bbs دىگەندەك، تور بېتىڭىزنىڭ ئادىرىسىغا ئاساسەن مۇشۇ بويىنچە قوشسىڭىز ياسىغان Eot ھۆججىتىڭىز قوشقان ئادىرىسلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.

جەزىملەشتۇرگەندىن كىيىن كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
Show
css@font-family   نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسنى تاللاپ قويۇڭ.كىيىنكى قەدەمنى باسقاندا تۆۋەندىكىدەك كودلار پەيدا بۇلىدۇ.

 Code:
uqkun@vip.qq.com

بۇ كودنى بىر خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ TXT ھالەتتە ساقلاپ قويۇڭ. كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ تاماملاشنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ.
ئەمدى سىز بايام Weftتىن ئۆتكۈزگەن ھۆججەتنىڭ يېنىغا قاراپ بېقىڭ، كېڭەيتىلگەن نامى eotبولغان ھۆججەتتىن بىرى پەيدا بولدى، (كۆپ خىل خەت شەكلى تاللىغان بولسىڭىز ئۇ ھۆججەتتىنمۇ شۇنچىسى پەيدا بۇلىدۇ

ئەمدى ھاسىل بولغان Eot ھۆججىتىنى ۋە بايا Weft تىن ئۆتكۈزگەن تور بەت ھۆججىتىڭىزنى تور بىكىتىڭىز بوشلۇقىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويۇڭ، ئەمدى كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە فونىتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تور بېتىڭىزنى ئېچىڭ....نۇرمال كۆرۈنگەن بولسىلا بارلىق كومپىيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە كۆرۈندى دىگەن گەپ.
ئەگەر تور بىكىتىڭىز ASP دىن تۈزۈلگەن بىكەت سېستىمىسى بولسا سىز بىكىتىڭىز پىرۇگىراممىسى ئىچىدىكى كېڭەيتىلگەن نامى CSS بولغان ھۆججەتنى تېپىپ خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ ئەڭ ئۈستىگە يوقارقى ھاسىل بولغان Css كودىنى كۆچۈرۈپ قايتىدىن ساقلاپ بوشلۇقىڭىزغا يوللاڭ، كود ئارىسىدىكى

 Code:
src: url(UKIJTUZ0.eot);
بولسا سىز ياسىغان Eot ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر تارماق مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلىرىڭىز نۇرمال كۆرۈنمىسە

 Code:
src: url(.../ALPIDAU0.eot);
src: url(
http://www.heweskar.cn/ukijtuz.eot
);
قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 22:12:00