新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى گۈزەل سەنئەت بىلىملىرى ۋە رەسىملەر --> گۈزەل سەنئەت بىلىملىرى تەشۋىقات رەسىم توغرۇسىدا
    
 
تەشۋىقات رەسىم توغرۇسىدا
تېما يوللىغۇچى:گۆگەرچىن  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:263  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2010-7-25 21:49:26 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2010-7-25 21:38:06
گۆگەرچىن





ئەسكەر

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:11
تەجىربىسى:112
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-7-25
تەشۋىقات رەسىم توغرۇسىدا

تەشۋىقات رەسىم جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن پېرسوناژلىرى، كۆز چاقنىتىدىغان يارقىن رەڭلىرى، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان چوڭ 

خەتلىك بېغىشلىمىلىرى  بىلەن، بىر كۆرگەن ئادەم ئۇنتۇپ قالمايدىغان كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. قايناق بازارلارغا چاپلىنىپ، 

كىشىلەرگە قارىتا تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشتەك رول ئوينايدىغان رەسىم پلاكات رەسىم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «

تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش  ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلايلى» دېگەن رەسىمدىكى ياش ئىشچىنىڭ مەردانە، قىزغىن چىراي - قىياپىتى

 ۋە ھەرىكىتى، كىشىلەرنى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. «پاقىلارنى قوغدايلى»، «سۈپەتلىك تۇغۇش،

  ياخشى تەربىيىلەش» قاتارلىق رەسىملەر كىشىلەرنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قەدىرلەشكە ۋە كىشىلەرنى ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيىلەيدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەشۋىقات رەسىمى زور 

تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. تەشۋىقات رەسىم ئوبرازنىڭ روشەن، ئىخچام ۋە ئاممىباب بولۇشىنى 

تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، «پاقىلارنى قوغدايلى» دېگەن رەسىمنىڭ مۇھىم يېرىگە پاقا تۇتقۇچىلارنىڭ قولچىراغ نۇرىنى توسۇپ تۇرغان يوغان قولى

 سىزىلغان بولۇپ، قولىنىڭ ئارقىسىدىكى پاقىنى قوغداپ تۇراتتى. رەسىم يۈزىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا بىر تۇتام دانلىق شال باشاقلىرى بولۇپ، شالنىڭ

 مۇشۇنداق ساغلام ئۆسۈشى − پاقىنىڭ زىيانلىق ھاشاراتلارنى يېگەنلىكىدىن بولغان. شۇڭا، جەزمەن پاقىلارنى قوغدىشىمىز لازىم دېگەن ھەقىقەتنى

 ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان خەتلەر رەسىمگە جان كىرگۈزۈۋەتكەن. تەشۋىقات رەسىم ئابستراكت ئۇقۇملارنى 

كونكرېت ھېس قىلغىلى بولىدىغان بەدىئىي ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ، تەربىيىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە قىلىشقا بەكمۇ ماھىر. ئۇ يىراقتىن ياخشى كۆرۈنىدىغان

 ئۈنۈمنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن پېرسوناژ ۋە باشقا ئوبرازلار ئىخچام، ئېنىق، يىغىنچاق، رەڭلىرى يارقىن، سېلىشتۇرمىلىقى كۈچلۈك 

بولۇپ، كۆپىنچە دۇغ بوياق رەسىمىدە سىزىلىدۇ.
بىر قىسىم تەشۋىقات رەسىملىرىدىن ھوزۇرلۇنۇڭ:

ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى

2010-7-25 21:49:26
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
رەخمەتقولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن...ياخشى  رەسىملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 15:50:54