新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> نەسرىي ئەسەرلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن لىكىسىيەلىرىدىن
    
 
ئابدۇقادىر جالالىدىن لىكىسىيەلىرىدىن
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:238  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2010-7-11 11:52:17 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2010-7-11 11:52:17
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئابدۇقادىر جالالىدىن لىكىسىيەلىرىدىن
1-ئادەم ھەرقانداق نەرسىلەرنى يىڭەلەيدۇ، ئەمما ئۈزىنى يىڭەلمەيدۇ.
2-ئادەملەر ئۆزىنىڭ نەپسى، ئارزۇسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ.
3-ھەقىيقى زىيالى ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىملرىنى ئۆزخەلقى، قەۋمنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىيالايدىغان كىشىلەردۇر.
4-بايلاردىكى پۇل، زىيالىيلاردىكى بىلىم، رەھبەرلەردىكى يېتەكلەش ئىقتىدارى بىرلەشكەندە بىزنىڭ مائارىپىمىز ھەقىقىي ياخشىلىنىدۇ.
5-بىر مىللەت ئۆز ئادەملىرىگە قانداق ئۇنۋان بېرىشنى بىلمىسە، بۇ مىللەت خاسلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.
6-ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ سىياقىنى ئارىيەتكە ئالغان ئەرۋاھلار كۆپىيىپ قالدى.
7-تىل مەجرۇھلىقى-دىل مەجرۇھلىقىدىن نىشاندۇر. ئۇنىڭدىن كەلگەن پىكرى كىكەچلىك بىزنى خار ۋە زەبۇنلىقنىڭ گىردابىغا باشلايدۇ.
8-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشتە قابىلىيەت ئەمەس، ئادىمىيەت بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرۇدۇ.
ئەگەر سىز ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمىسىڭىز، ئۇ چاغدا سەھنىدىكى قىزىقچىغا ئوخشاپ قالىسىز.
9-بىزنىڭ مىللىتىمىزدە خەقنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىگە تەسەللىي بىرىش شەكىللەنگەن.
10-دۇنيادا كىم ئەقىللىق بولسا، ئۇنىڭ يالغۇز قېلىشى نورمال ھادىسە بۇلۇپ ئۇ دانالارغا مۇناسىپ.
11-شائىر باشقىچە پىكىر قىلىدىغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئىرىشەلمەي، مەنە سۈرگۈنلىكىدىن ياشايدۇ.
12-بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگەتەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكى.
13- ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى گىرىم- خۇلق،مىجەز،روھ.
14- شور پىشانە خەلق تەنىچى بوپ قالىدۇ.
15- قورغاق رايۇندا ياشىغان ئادەملەر مەسخىرىگە باي كىلىدۇ.
16- پىكىر ھالىتىدە توختاپ قالغان نەرسىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىر سەپسەتە.
17- ئۇقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن كۈيۈم، ئاندىن بىلىم بولىشى كىرەك. چۈنكى ئادەم تەربىيلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۈيۈم،ئىنسانىي مۇھەببەت.
18- ئۈزىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالمىغان پىداگوگ، قانداقمۇ ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىسۇن.
19- ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ ھۆرمەت قىلىش لىكىن قىممىتىنى چۈشەنمەسلىك، قۇللۇق پەلسەپىدۇر.
20- شەھەرلەردە تەبەسسۇم كۆپ لىكىن ساختا،چىنلىق ئاز،يېزىلاردا تاپا- تەنە كۆپ،لىكىن تىگىدىن ئىللىقلىق چىقىپ تۇرىدۇ.
21- ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى، ئوتتۇرا ياشتا رىئالىزىمچى، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ.
22- تىل-روھى ۋەتەن،ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.
23- ھەرقانچە ياۋۇز ئىتمۇ  شەھەرگە كىرسە لالمىلىشىپ كىتىدۇ.
شىنجاڭ مەدەنىيتى2005 يىللىق 5 سانىدىن ئېلىندى
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 14:54:11