新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى مەدەنىيەتلىرىمىزگە نەزەر --> مەدەنىيەتلىرىمىزگە نەزەر تەۋسىيە تىما:پاھىشە ئالامسىز؟
    
 
تەۋسىيە تىما:پاھىشە ئالامسىز؟
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:127  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-22 12:13:17 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-22 12:13:17
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
تەۋسىيە تىما:پاھىشە ئالامسىز؟
مەن مۇشۇ تىمىغا پەقەتلا پىكىر قاتناشتۇرۇشنى لايىق دەپ قارىمايتتىم. ئەمما ئىككى ئېغىز سۆزلىمىسەك بولمىدى.
ھازىر ھەرقايسى مۇنبەرلەردە مەيلى ئۆز قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىن بولمىسۇن، مەيلى باشقا قەۋىم يازغۇچىلىرنىڭ قەلىمىدىن بولمىسۇن‹‹پاھىشە››ھەققىدىكى تىمىلار ئەڭ بازارلىق سەرلەۋھىلەر قاتارىدا جىلمىيىپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ مەن بۇ سۆز ئارقىلىق مۇنبەرگە بىرنېمە يېزىپ، داۋراڭ سېلىشنى خالىمايتتىم.  ئەمما سۆزلىمىسەم زادى بولمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.

خوش! گەپ نېمە؟
تىمىنىڭ بېشىدىلا ‹‹پاھىشىنى ئالامسىز؟››دېدۇق. راستىمنى ئېيتسام نەچچە كۈندىن بېرى مەن بۇ سۇئالنى ئۆزۈمدىن ناھايىتى كۆپ سورىدىم. جاۋابىم دائىم:‹‹ياق››

ئۇنداقتا سىز پاھىشىنى ئالامسىز؟
مېنىڭچە نۆۋەتتە بۇ سۇئال ھەرگىز ئەخمىقانە ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ئون يىل بۇرۇن مەندىن بىرى شۇنداق دەپ سورىسا، ئىككىلەنمەي تىل سالغان، ياقىسىغا ئېسىلىپ، بىرەر يېرىم مۇش ئاتقان، كۈچۈم يەتمەيدىغاندەك بولسا، ئانا-مانا يەتمىش پۇشتىنى راسا قويۇپ، قېچىپ كەتكەن بولاتتىم. ئەمما ئېيتقىنىمدەك مۇشۇ كۈنلەردە بۇ سۇئالنى دەل ئۆزۈم ئۆزۈمدىن تەكرار-تەكرار سورىدىم. جاۋابىم يەنىلا :‹‹ياق››
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مۇنبەردە مۇشۇ ھەقتە بىر تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ، تىما ئىنكاسلارنى تازا ئېرەنشىمەي ئوقۇپ يېنىپ چىقىپتىمەن. كېيىن ئويلاپ تازا توغرا قىلمىغىنىمنى ھېس قىلىپ، ئۇتىمىنى قايتا ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەمما ئېسىمدە قالغىنى ئابدۇسالام قاھارنىڭ ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى›› ناملىق ئەسىرى ھەققىدە بولۇنغاندەك. كۆپۈنچى ئىنكاسلاردا تورداشلار‹‹ئەگەر مەن مېنى ‹دىلخۇمار›دەك چۈشىنىدىغان، سۆيىدىغان بىر قىزغا يولۇقسام، پاھىشە بولسىمۇ خوتۇنلۇققا ئالاتتىم›› دېگەن بىر مۇددىئانى كۈچۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن مەندە يۇقىرقى سۇئال تۇغۇلۇشقا باشلىدى. يەنى:
مەن پاھىشىنى ئالىمەنمۇ؟
ياق!


شۇنىڭ بىلەن ئىككى يىل ئاۋۋال يىشلىۋەتكىلى تاس-تاماس قېلىپ، تەسىرلىنىپ، سەسكىنىپ ئولتۇرۇپ ئاران ئاڭلاپ تۈگەتكەن ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››ناملىق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىدىكى بايانلارنى تەكرار-تەكرار ئاڭلىدىم. ھەر بىر قېتىم ئاڭلاپ بولۇپ ئۆزۈمدىن قايتا سورىدىم.
سەن پاھىشىنى ئالامسەن؟
ياق!


ئەسەرنى قايتا-قايتا ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقتىمدىكىدەك قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بىر تالاي بىر نېمىلەرنى يېزىپ، ئىچىمنى بوشاتماقچىمۇ بولدۇم. ئەمما :‹‹نۇرغۇن كاتتا بىلىمدانلار، قەلەمكەشلەر ئاق-كۆك دېمەي ئاڭلاپ، ‹ياخشى ئەسەر› دەپ داڭلاپ، ئۇيغۇر ئارىسىدىكى كۆپ كىشىلەر كۆككە كۆتۈرگەن تۇرسا، مەن ئەسەرنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا تازا چۆكەلمىگەن ئوخشايمەن›› __دەپ ئويلاپ، جىممىدە يۈرىۋەردىم. ئەمما ئىچىمدە دېمىسەم زادى بولمايدىغان بىر گەپ باردەك، مۇشۇنى ئىچىمدىن چىقىرىۋالمىسام زادى بولمايدىغاندەك لىققىدە بولۇپ يۈردۈم. ‹‹پادىشاھقا ئېشەك قۇلىقى چىقىپ قاپتۇ›› دېگەن چۆچەك پات-پات يادىمغا كېلىۋالىدۇ. ئەمما بىزنىڭ يۇرتتا بامبۇكزارلىق بولمىغاچقا، بەزىبىر ئىمكانلارنىڭ يوقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى›› توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالدى.‹‹دېمىسەم زادى بولمايدىغان گەپ››لەرنى دەيدىغان يەرگىمۇ يەتكەن ئوخشايدۇ.
گەپنى باشتىن باشلايلى.


ئەسەرنىڭ تىمىسىنى ئالايلى. ‹‹پاھىشە›› ، ‹‹قىز›› ، ‹‹مۇھەببەت›› تىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇم بار. ئۇنداقتا ‹‹پاھىشە›› دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ ‹‹پاھىشە››دېگەن ‹‹جالاپ››. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى. نۆۋەتتە ئاتالمىش مەدەنىيەتلىرىمىز بىزگە ئىشتان-پايپاق كېيدۈرۈلگەن ‹‹پاھىشە››ئاتالغۇسىنى بىر سېۋەت شاپتۇل، باققال، ساتىراش، ياكى دوختۇر دېگەن ئاتالغۇلاردەك بەھوزۇر ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. ‹‹جالاپ›› دېگەن ‹‹جالاپلىق››قىلىدىغان پەسكەش، ھارامخور خوتۇننىڭ تىلىمىزدا ئەشەددى ئۆچمەنلىك بىلەن ئاتىلىشى. خوش! ‹‹قىز››چۇ؟ ‹‹قىز››دېگەن نېمە؟ ‹‹قىز››دېگەن ئىپپىتىگە ئەركەك چىۋىن قونمىغان، نەمەھرەمگە بوي سۇنغان، ‹‹ئانىسى سۆيمىگەن›› ، پاكلىقى ۋە ئىناۋىتى ئانا سۈتى بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئۇلۇغ نام.  ئەجىبا ئارىمىزدىكى ئەڭ يىرگىنىچلىك ‹‹جالاپ››بىلەن ئەڭ مۇقەددەس‹‹قىز››ئاتالغۇسىنىڭ ھېچ بىر ئېتىبارسىز ھالدا‹‹جالاپ قىز››(پاھىشە قىز)دەپ بىرگە ئىشلىتىلىپ قېلىنىشى ئېرەن قىلمىغۇدەك شۇنچە ئاددى، شۇنچە تەبىئىي بىر تاساددىپىي ھادىسىمۇ؟ ‹‹مۇھەببەت››چۇ؟ مۇھەببەت ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېئمەت. مۇھەببەت ھەرقانداق قەلىبتە بولىدۇ. ئۇ مەيلى ‹‹جالاپ››بولسۇن، ‹‹غىتمەك››بولسۇن، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، قېرى بولسۇن، ياش بولسۇن، يۈرەكلا بولىدىكەن مۇھەببەت بولىدۇ. ئەمما مۇھەببەت بولدى دەپلا ھەممىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مۇھەببەتكە يۈزلىنىش دۇرۇسمۇ؟ مۇھەببەتنىڭمۇ خاراكتېرى، مەقسىدى، نىشانى، ساپلىقى، دەرىجىسى بولىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەش بىھاجەت.بىرلا گەپ:‹‹چىۋىننىڭ كۆڭلى پوققا چۈشىدۇ››
ئەمدى نېمە دەپ پەسلىكتە تەڭداشسىز ‹‹جالاپ›› ئۇلۇغلۇقتا مەدھىيىگە تولغان ‹‹قىز›› ئىنسانلارنىڭ بايلىقى بولمىش‹‹مۇھەببەت›› زادى نېمە دەپ بىر يەرگە كېلىپ قالدى؟ ئەجىبا‹‹جالاپ››مۇ ‹‹قىز››بولامدۇ؟ ئەجىبا بۇ ئاتالغۇلارنى مۇشۇنداق كەلسە كەلمەس ئىشلىتىش ئاددىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك، پەرۋاسىزلىق بولمامدۇ؟ ئەسەردىكى ‹‹دىلخۇمار›› قانداقمۇ ‹‹قىز››بولسۇن. ئۇ دېگەن ئىككى ئەردىن چىققان، سېپى ئۆزىدىن سېكىلەك تۇرسا. يەنە كېلىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە ئۆزىنى دۇكانغا سېلىپ، تىنىنى ساتقان تاشبوران قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە لايىق ‹‹جالاپ››تۇرسا.

خوش! ئەمدى ئەسەرنىڭ بېشىغا دېققەت ئېتىبارىمىزنى بەرسەك، ‹‹غەيرەت››ئەسەرنىڭ بېشىدا ‹‹ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدا دېگەن گەپلىرى تاھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە، بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چىن دىلىدىن سۆيگەن قىزىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ‹قىزلىقىمنى يوقاتتىم› دېگەن گەپنى ئاڭلاشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك...›› ، ‹‹توۋا ئەنە شۇچاغدا تۇنجى قېتىم ياش تۆككەنىدىم...›› ،‹‹ئۇنىڭ ئۆكسۈپ تۇرۇپ ئېيتقان شۇ بىر ئېغىز گېپىدىن كېيىن قىزبالا دېگەن شەيتانغا قەتئى ئىشەنمەس بولدۇم. يۈرىكىم مۇز بولۇپ قاتتى، ئۆزۈمنىڭ 15 ياش چاغلىرىمدىن باشلاپ يۈرىكىمدىكى غۇبارسىز مۇھەببەتنى ئايىماي بېرىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشكىنىم ئازاپلا بولدى خالاس...›› ، ‹‹ئۇنىڭغا دەسلەپتە ئاشىق بولغاندا، تەلەپ قويۇپ، قايتا-قايتا رەت قىلىنىپ، ئىچىپ-چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانىدىم، يەنە ئۇنىڭ بىر ئېغىز‹مەن ئىچكەن، چەككەن ئوغۇللارغا ئۆچ›دېگەن گېپى بىلەن ئىچىشنى، چېكىشنى تاشلىغانىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ يەنە شۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەن يەنە ئىچىش-چېكىشنى باشلىۋالدىم، بىر قىز بالىنىڭ مېنى شۇنچە كونتىرول قىلىۋالغىنىغا زادى ئەقلىم يەتمەيتتى...›› ، ‹‹ئۆزۈم بارلىقىمنى ئاتىۋەتكەن، ‹ئالى مەكتەپ ئىمتھانىنى بېرىپ بولۇپ بىر گەپ بولسۇن› _دەپ قويسا، چىن دىلىمنى ئىككىلەنمەي باغلىۋەتكەن ئاشۇ ‹‹بۇزۇق››تىن كەلمىگەن ۋاپا، باشقىلاردىن كېلەرمۇ؟ ئۇچاغلاردىكى ئەڭ ياخشى بۇرادىرىم يەنىلا ھاراق!...›› دېگەن بىر قاتار پەلىپەتىش، زەيپانە گەپلەر بىلەن ھېكايىسىنى باشلىۋېتەتتى.
خوش! نېمە پەلىلەتىش؟ نېمە زەيپانە؟
غەيرەت››بىر قىزغا كۆيۈپ، تەلەپ قويۇپ، رەت قىلىنسا، ‹‹خۇدا››دەپ ئېسىلماي، ئىچىپ-چېكىشكە ئۆگەنسە، كەينىدىن ‹‹مەن ئىچكەن، چەككەن ئوغۇللارغا ئۆچ››دېگەن گېپىنى كالامۇللاھنىڭ ئايىتى كەلىمىسىدىن ئارتۇق كۆرۈپ، تاشلىسا، ئەمدى قوپۇپ ئۇنى ‹‹بۇزۇق››دەپ ھاقارەتلىسە، (بۇ ھاقارەتكە لايىق) ئۇنىڭ ‹‹قىز››بولماي قالغىنى ئاڭلاپ، يەنىلا شۇ ساماۋى بۇيرۇقلارنى بىر تىيىنغا ئالماي، ھاراق-شاراپقا شۇڭغۇسا، بۇيەردە ‹‹غەيرەت›› كىشىگە ئېتقادسىز، بېلى بوش، زەيپانە، لاتا مىجەز، نىمئەرنىڭ ئوبرازىنى بېرىدۇ ئەلبەتتە. ئويلىنىشقا تېگىشلىكى، 15 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ چىن قەلبىدىن سۆيگەن ھېلىقى ‹‹قىز›› ‹‹قىزلىقىمنى يوقاتتىم››دەپ، مىڭلارچە ئىشەنىچ بىلەن ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى ئېيتسا، پېشىنى قېقىپ كېتىپ، ئاخىرى بىر ‹‹جالاپ››نى ئالىمەن دەپ جارسالغان پەلىپەتىش يەنىلا شۇ ‹‹غەيرەت››.
ئارقىدىن ئۇ شەيتانچى دوستلىرى بىلەن مەيخورلۇق قىلىۋېتىپ،  گەپدانلىق قىلىپ ‹‹پاھىشىخانا››تامان مېڭىۋېتىپ، ئۆزىچە غورۇرلىنىپ كېتىپ، ئىددىيىسىدىكى بەزى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا شۇنداق ئەپچىل چارىدىن بىرنى تاپىدۇ. يەنى:‹‹...كىرىپ، ئاشۇ بۇزۇقلارغا ئۆزىگە ئوخشاشلارنى كۆرسە قۇسقۇسى كېلىدىغان، قىلچە كۆزگە ئىلمايدىغان ئوغۇللارنىڭ كۆپلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ داشقىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوياي...››دېگەن ئۆزىنى بەزلەش ھىلىسىنى تېپىپ چىقىپ، خەق:‹‹نېمىگە كىردىڭ؟›› دېسە بەرگىلى جاۋاب تەييار بولغاندىن كېيىن، دادىل قەدەملەر بىلەن ئۇ يەرگە شۇڭغۇيدۇ. كىرگەندىن كېيىن ئۆزىدىكى تەلۋە ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئالاھىدە پاكلىق غورورىنى ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق يەرلەردە لاغايلاپ يۈرمەيدىغان، دەھشەت غورۇرلۇق، ‹‹باھادىر يىگىت›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئاندىن ‹‹كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن›› (دېگەندەك چىۋىننىڭ كۆڭلى پوققا چۈشىدۇ) ‹‹دىلخۇمار››نى بىر كېچە سېتىۋالماقچى بولىدۇ. بۇ گېپى ئارقىلىق ‹‹جالاپلارنىڭ غورورى››غا تېگىپ، ‹‹پور سېسىق››بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ. مۇشۇ بىر قاتار جەريانلاردىن بىز ‹‹غەيرەت››نىڭ تەربىيە كۆرمىگەن، ئەخلاقسىز، مەدەنىيەتسىز، تەنتەك، مەمەدان، قىززىققان، ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان لاۋزا خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. بەلكىم ‹‹ ‹غەيرەت› مەست تۇرسا››دەپ داۋلى قويۇش مۇمكىن. ئەمما ئويلاش كېرەك. كۆپكۈندۈزدە ھاراق ئىچىپ، كوچا-كويدا مەس-ئەلەس بولۇپ، ‹‹پاھىشىخانا›› مارىلاپ يۈرىدىغانلارنى بىزدە قانداق كىشىلەر دەپ ئاتايمىز؟ يەنە كېلىپ ھاراق ھارامدۇر. زىنامۇ ھارامدۇر. ھارام دېگەن ھاراقلا ئەمەستۇر. چوشقا ۋە ئېشەك گۆشىمۇ ھارام. تەسەۋۋۇر قىلايلى. ‹‹غەيرەت›› ‹‹پور سېسىق›› دەپ ئاتىۋالغان ھېلىقى تەستەك يېگۈچى(بىزدە ئادەتتە ئەركەكلەر ئايال زاتىغا قول كۆتۈرمەيدۇ. بولۇپمۇ جالاپلارغا، ‹‹پوققا چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ ››دېگەن گەپكە بىز خەق تولىمۇ ئېتىبار بىلەن قارايمىز) ‹‹غەيرەت›› ‹‹پاھىشىخانا››غا كىرىپ كېلىشى بىلەن ‹‹خۇش كەپسىز، بىرەر چىشلەم ئېشەك گۆشى يەپ قويۇڭ›› دەپ، تۈزۈت بىلەن ھۆرمەت قىلغىنىدا، بىزنىڭ ‹‹غەيرەت›› ‹‹مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ رەسۋا؟››-دەپ، ئوخشاشلا بىر كاچات سالغان بولاتتى.

ئارقىدىن ئۇ ‹‹دىلخۇمار››نىڭ ياتىقىغا كىرىدۇ. ‹‹غەيرەت›› ‹‹دىلخۇمار›› نىڭ ياتىقىنى بىر قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن، ‹‹ئەگەر بىرەر قىز دوستۇمنىڭ ھۇجرىسى بولغان بولسا، يېرىم سائەت توختىماي ماختاركەنمەن››-دەپ، ئۆزىنىڭ ئىشقىۋاز مازلىقىنى بىلىپ-بىلمەي چاندۇرۇپ قويغان. بىزدە ‹‹بىرەر قىز دوستۇم››دېگەن گەپنىڭ قاچان پەيدا بولغىنىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما ‹‹بىرەر ئوقۇتقۇچۇم››، ‹‹بىرەر تۇغقىنىم››، ‹‹بىرەر خوشنام››، ‹‹بىرەر دوستۇم›› دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان. ‹‹بىرەر دادام››، ‹‹بىرەر ئانام››، ‹‹بىرەر خوتۇنۇم››، ‹‹بىرەر قىزدوستۇم››دېگەن گەپلەرنى ئوبدان تەپەككۇر قىلىپ سېلىشتۇرۇپ باقساق، مەسىلە 100ۋاتلىق لامپۇچكىدەك ۋاللىدە يورۇيدۇ.
غەيرەت›› كارۋاتقا ‹‹بىرقولىدا تايىنىپ، پۇتىنى ئالماپ›› غادىيىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ‹‹...مەن بۇنداقلاردىن قورقۇپ قالمايمەن. يامىنى كەلسە بىر ئۆلۈم...››دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ‹‹ئۆلۈمدىنمۇ قورۇقمايدىغان، رەزىللىك بىلەن كۆرەش قىلىدىغان مەرت يىگىت›› ئىكەنلىكىنى ‹‹دىلخۇمار›› بىلدۈرۈشكە تولىمۇ ئالدىرىغان. كەينىدىن ‹‹دىلخۇمار››ئۇنى ماختاپ، ئۇچۇرۇپ، ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈزگەن. بۇ زەئىپ روھنىڭ ئېگىسى ئەسلىدە ھەقىقەتەن شۇنداق ‹‹غورۇرلۇق، چىرتىڭ، ئەركەك تۈكلىرى دىڭگىيىپ تۇرغان باھادىر يىگىت›› بولغىنىدا، ئۆزى 15 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ‹‹قەلبىدىكى غۇبارسىز مۇھەببىتىنى ئايىماي بېرىپ›› سۆيگەن، پىراقىدا كۆيۈپ، كۆيۈككە چىدىماي ‹‹ھاراق››بىلەن ئۆچۈرگەن، ھەمدە بىر ئېغىز گېپىنى تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىدىن ئەلا بىلىپ، ھاراق شاراپنى تاشلىغان، شۇنچە ئەقىدە-ۋاپا بىلەن زارىقىپ ۋەسلىنى كۈتكەن ئەشۇ جاناننىڭ ‹‹قىزلىقىمنى يوقاتتىم››دېگەن بىر ئېغىز گېپىنى ئاڭلاپلا كەينىگە ئۆرۈپ قاۋاقخانىغا ئۆزىنى ئاتقىچە، ‹‹سېنى كىم پايخان قىلدى؟ سەن دېگەن مېنىڭ مەشۇقۇم، مەن تۇرۇپ سېنى خازان قىلغان بەدبەخىتنىڭ جېنى ئامان يۈرسە، مەيدەمدە دىردىيىپ تۇرغىنى ئەركەك تۈكى بولامدۇ؟ تاپ شۇ جوھوتنى، مەن دېگەن ھەقىقى يىگىت. مىللىتىم قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى بۇزغان لالمىنىڭ چىشىنى چاقىمەن››دەپ جارسېلىپ، ئۆزىنىڭ ‹‹باھادىرلىقى››نى نامايەن قىلغان بولاتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس بۇ ياسالما غورورلۇق ‹‹يالغان زورو›› ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلالمايدىغىنىنى، قورقۇنچاقلىقىنى، نامەردلىكىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، جىمى گۇناھنى ئەتەي ‹‹ھېلىقى بۇزۇق››قا ئارتىپ، خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ، ئازاپلانغان، خارلانغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۆزىنى ‹‹ئاقبالىخان›› كۆرسەتكەن. ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ‹‹ئەڭ يېقىن بۇرادىرى__ھاراق››بىلەن بىللە بولىدىغان ئەپچىل باھانە تاپقان. ئەجىبا كاللىسى جايىدا بىر قىز‹‹مەن ئىچكەن، چەككەن ئوغۇللارغا بەك ئامراق››دەمدۇ؟

ھېلى بۇزۇق››نى ‹‹بۇزۇق››دەپ  پۈتۈن جاھانغا داۋراڭ سېلىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا قارشنىمۇ غورورىغا ھاقارەت دەپ بىلگەن بۇ ‹‹يىگىت›› ھەقىيقەتەن مەرت يىگىت بولسا،  ‹‹دىلخۇمار›› ئىسىملىك ‹‹سەتەڭ پاھىشە›،نىڭ ھۇجرىسىنى كۆڭلىدە ماختاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر كېچە مۇڭدىشىپ، ئۆزىنى ‹‹ھېلىقى چاغدا ئۇرغۇپ كەتكەن غورورى››نى ئۇنۇتقان ھالدا ئاپپاق-چاپاق بولۇپ يۈرمىگەن بولاتتى.
ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم›› دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھەممىنى يوققا چىقىرىپ، يالغان ئاۋى بىلەن بىر پاھىشىگە دۈم چۈشكەن بۇ زەئىپ روھنىڭ ئېگىسى ئەمەلىيەتتە ‹‹دىلخۇمار››دىن بۇرۇن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغىنىنى چاندۇرۇپ قويغان. بەس! بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق تىۋېرىدىغان بولساق، كىشىنىڭ ئەقلىگە، مىللى ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە، ئېتقادىمىزغا تۈپتىن يات بولغان بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان سەپسەتىلەرگە كۆمۈلۈپ قالىمىز خالاس.
بىرەرىنى ياقتۇرۇپ قېلىش گۇناھ ئەمەس. خوش! ئەمىسە يەنە نېمە گەپ؟
گەپ شۇكى ياخشى كۆرگىنىمىز قانداق ئادەم؟ ‹‹جالاپ›› بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟ ئۇ تويدىن بۇرۇن ‹‹ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان›› بىرقاتار سانلىق ئەرلەرنىڭ ئاستىدا نازلانغان بولسىمۇ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋېرەمسىز؟
مەندىن سورىسىڭىز:
ياق!
پاھىشە››دېگەن بۇ گەپ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىنتايىن يىرگىنىچلىك بىر ئاتالغۇ. بىز خەقتە ‹‹پاھىشە›› دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغىلى قانچە زامان بولدى؟ بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىز تىنىنى پۇلغا ساتىدىغانلارنى، ياق، ئەرسىز، ئۇيەر-بۇيەردە زىناخورلۇق قىلىپ، كۆڭلىنى ئاچىدىغان، ۋە شۇ ئارقىلق ئاز-تولا ماددى تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بۇزۇق، پەسكەش ئاياللارنى ‹‹جالاپ››دەپ پەس كۆرەتتۇق. بىزدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا دۇكانغا تىزىلىپ ئولتۇرۇپ تىنىنى ساتىدىغان ‹‹پاھىشە››لەر بولغان ئەمەس. بەلكى ئەخلاقسىز، ھارامخور، پەسكەش ‹‹جالاپ››لار بولغان. ئۇلار ھەرگىزمۇ نوقۇل پۇل ئۈچۈن تىنىنى ساتقان ئەمەس.

جالاپ›› دېگەن ئاتاققا قالغان ئاياللار بىزدە، دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالىدۇ. ياكى يۇرت-ماكاننى تاشلاپ ياقا-يۇرتتا مۇساپىر بولىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ‹‹يۇرت سۆيگۈسى ئەڭ كۈچلۈك قەۋىم›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشنى ئۆلۈمدىن بەتتەر ھار ئالىدۇ. دېمەك ‹‹جالاپ››دېگەن بۇنام شۇنامغا قالغان كىشىنى يا ئۆلتۈرىدۇ، يا ئۆلۈمدىن ئارتۇق قىينايدۇ. بىزدە ‹.جالاپلىق›،كەسپى ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ھازىرقىدەك سىڭىپ باققان ئەمەس. خەلقىمىز ئۇ يولدىكىلەرنى ئىنتايىن پەس، مەينەت كۆرۈپ، كەمسىتىپ، پۈتۈن ئەۋلادىغا چېتىپ ھاقارەتلەپ، يەكلەپ كەلگەن. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا تۈپتىن قارىشى بىر قاتار ئېسيانلار ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇرۇن ‹‹جالاپ››لار يۇرتىدىن ئايرىلىش ئارقىلىق جازالانسا، ھازىرقى ‹.جالاپ››لار يۇرتىنى تاشلاپ، باشقا يۇرتقا جازالانغىلى ئەمەس، ‹‹جالاپلىق›،قىلغىلى تۈركۈملەپ بارىدىغان بولدى.
پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››ناملىق ئەسەردىكى ‹‹دىلخۇمار›› ئەنە شۇنداق ‹‹جالاپ››.
دېمىسەكمۇ بىلىمىز. ھەممىمىزدە كۆڭۈل بار. مۇھەببەت، نەپرەت بار. مەزكۇر ئەسەردىكى ‹‹دىلخۇمار›› بۇشەھەرگە نېمىگە كەلگەن؟ ‹‹تىنىنى ساتقىلى››. ئۇنداقتا ئۆز تىنىنى سېتىپ تاپقان پۇلنى خەجلىگىلى كۆڭلى كۆتۈرگەن بۇ ئاتالمىش‹‹بىچارە›› شۇنچە نازاكەتلىك، شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ، ئەجىبا‹‹تىنىنى سېتىپ›› تاپقان پۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇلنىڭ ئالدىدا نەقەدەر مەينەت، نەقەدەر ھارام، نەقەدەر يىرگىنىچلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يۇرت ئاتلاپ‹‹پاھىشە››بولۇشىنىڭ نەقەدەر پەسكىنا، نەقەدەر پەسكەش، نەقەدەر لەنەتگەردىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگۈدەك شۇنچە دۆتمۇ؟ ‹‹غەيرەت››ئاتلىق بۇ ‹‹غورۇرلۇق›› يىگىتمۇ بۇنى ئىلغا قىلالمىغۇدەك شۇنچە ھاماقەتمۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىچۇ؟

ئەزەلدىن خۇدانى تونۇپ باقمىغان، ھەم قەتئىي تونۇمايدىغان، ھالال-ھارامنى ئايرىمايدىغان ‹‹غەيرەت›› ‹‹ئالىم چېڭلوڭ›› نىڭ ھېلىقى ‹‹پورسېسىق پاھىشە››نى ئېلىپ‹‹مۇسۇلمان›› بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا لايىق كەلگۈدەك بىر تالاي ‹‹پەتىۋا››لارنى تىزىپ چىقىدۇ-دە، ‹‹دىلخۇمار›› دىن ئىبارەت ‹‹پاھىشە››گە قەتئى ئۆيلەنمەكچى بولىدۇ. ‹‹...سېنى ئالىمەن!...سېنى ئالىمەن!...سېنى ئالىمەن!...سېنى ئالىمەن!...سېنى ئالىمەن!...››قاتارلىق بىر قاتار ئالىمەنلەردىن كېيىن، ئۇ ‹‹دىلخۇمار››نى ئىزدەيدۇ. يەنە ئىنچىكە بىر مەسىلە مۇشۇ يەردىن تۇغۇلىدۇ.

مۇنداق ئويلايلى:
دىلخۇمار›› بىر ‹‹پاھىشە›› ئەمما تۇغماس ئەمەس، ئەيدىزمۇ ئەمەس. ‹‹غەيرەت›› ئۇنى تاپتى. ئەشۇ مۇستەھكەم ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆيلەندى. ‹‹دىلخۇمار›› ‹‹غەيرەت››كە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىر ‹‹جالاپنىڭ بالىسى››نى تۇغۇپ بېرىدۇ. بىز ‹‹جالاپنىڭ بالىسى›› دېگەن بۇ گەپنىڭ ۋەزنىنى ئوبدان دەڭسەپ باقايلى. ئەگەر بىراۋ سىزنى ئەڭ سەمىمى قىياپەتتە، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹جالاپنىڭ بالىسى››دېسە، سىز: ‹‹توۋا، ئەجەپ سەمىمى ھالدا مېنى ‹جالاپنىڭ بالىسى› دېدى.›› -دەپ پەخىرلىنەرسىزمۇ؟ ئەلبەتتە سىز بۇ گەپنى ئۆزىڭىزگگ نىسبەتەن قوبۇل قىلالمىغۇدەك بىر ھاقارەت دەپ بىلىسىز. ئەمما ئويلايلى، ‹‹غەيرەت››نىڭ بالىسى داشقازاندا ئون يىل قايناتسىمۇ پاكلانمايدىغان، ھەقىقى ساپ نەسىللىك ‹‹جالاپنىڭ بالىسى›› بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ بالىسى بولىدۇ. ‹‹دىلخۇمار›› ‹‹پاھىشىلىكتىن پېنسىيىگە چىققان ئانا››بولىدۇ. ‹‹غەيرەت››نېمە بولار؟ ئەجىبا ھەربىر شەھەردە يىلىغا بىردىن شۇنداق ‹‹جالاپنىڭ بالىسى›› دىن بىرى دۇنياغا كەلسە، رايۇنىمىزدا نەچچىسى پەيدا بولار؟ 10يىل، 20يىل، 30يىل، 50يىلدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن پەرزەنىتلەر ئۆز شەجەرىسىگە ‹‹مېنىڭ ئانام پاھىشە بولغان›› دېگەن مۇدھىش خەتنى پۈتەمدۇ؟

‹‹دىلخۇمار›› يوقالدى. ئەيدىز بولدى. ‹‹غەيرەت››نىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا ‹‹قوشۇلدى›› . ‹‹غەيرەت››نىڭ ئاتا-ئانىسى زادى قانداق كىشىلەر؟ ئەجىبا ‹‹غەيرەت››تىن ئىبارەت بىر ئەركەكنى خاپىلىق تارتىپ مىڭ جاپادا تاپقان دادىسى، مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان ئانىسى ‹‹دىلخۇمار››دىن ئىبارەت بىر ‹‹پاھىشە››نى كېلىن قىلىشقا ماقۇل بولدى. بۇ كىشىلەر زادى قانداق ئادەملەر؟ جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن بارمۇ؟ بولسا قانچىلىك بار؟ يەنە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. ‹‹غەيرەتنىڭ ئانىسىمۇ پاھىشىمۇ؟›› ‹‹غەيرەتنىڭ دادىسىمۇ پاھىشىنى ئالغانمۇ؟›› ‹‹غەيرەت ‹جالاپنىڭ بالىسى›مۇ؟›› مېنىڭچە بولغاندا، قەلبىدە ئىماندىن زەرچە نۇر بولغان، ئىسلامدىن چالا-بۇلا خەۋەردار بولغان، ئۆزىنى ‹‹ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى ›› دەپ ئاتايدىغان ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا، بۇنداق دەھشەتلىك ئۇقۇمنى مەڭگۈ قوبۇل قىلالمايدۇ. ئوغلىنى تىرىك كۆمسە كۆمىدۇكى، ئۇنداق ھارامنى ئۆيگە ئەكىرىپ، پېشانىسىگە سۆيۈشنى ھەرگىز خىيالىغا سىغدۇرالمايدۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››ناملىق ئەسەردە، بۇ ئىشلار ئانچە كۈچىمەستىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

تېخىمۇ دەھشەتلىك بىر نوقتا روياپقا كەلدىكى، بۇ ئەسەر رايۇنىمىزغا تارقالغاندىن كېيىن ‹‹غەيرەت››كەبى بىرتوقاي ‹‹يىگىت››لەر ‹‹يېڭىچە پاھىشىگە ئۆيلىنىش›› قارىشى تىكلىگەن بولسا، ‹‹دىلخۇمار››كەبى بىرتالاي ‹‹پاھىشىلەر›› ‹‹يېڭىچە  پاھىشىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى›› ۋە ‹‹يېڭىچە ئەرگە تېگىش پۇرسىتى››نىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، بىراقلا كوچىغا چىقىشى تۇرغانلا گەپ بولۇپ قالدى.

ياپونىيە، ئامېرىكا، مىكسىكا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخسۇس ‹‹پاھىشىلىك سەنئىتى›› ژورنىلى تەسسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ ژورنالغا شۇ رايۇندىكى داڭلىق ‹‹پاھىشىلەر››نىڭ ناز-خۇلقى، ماھارەتلىرى بېسىلغاندىن باشقا ‹‹پاھىشىلىق››نى يېڭىدىن باشلىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر قاتار ‹‹پاھىشىلىق سەنئىتى›› ئۇچۇرلىرىمۇ بېسىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم. ئۇلار بۇ پەسكەشلىكنى ‹‹سەنئەت››دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئالدىنقى كۈنى ‹‹مىسرانىم مۇنبىرى››گە خەنزۇچە تور بەتتىن تەرجىمە قىلىنغان ‹‹سەن بىر پاك قىز بولساڭ سېنى ئالاتتىم، مىڭ ئەپسۇس! سەن بىر پاھىشە›› سەرلەۋھىلىك بىر ھېكايە يوللاندى. ئەسەرنى ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم. باش پىرسۇناژ‹‹شىياۋۋۇ›› ، ‹‹شىيائوۋ››ئىسىملىك ‹‹پاھىشە بولمىغان ‹پاھىشە› نىڭ قىزى››بىلەن ئىككى يىل نىكاھسىز بىرگە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنى قاتىق ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئەمما قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ. ‹‹شىيائوۋ››ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ‹‹شىياۋۋۇ››نى ياخشى خىزمەت، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ. ۋە ئاخىرى ئۆزىگە زورلۇق قىلماقچى بولغان بىر ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، كىچىكىدىن قالغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىكلىرى بىراقلا پارتىلاپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن نەچچە پىچاق سېلىۋېتىدۇ. ئاخىرى قانۇن تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ. ‹‹شىياۋۋۇ››بىلمەيدىغان بەزى سىرلار ‹‹شىيائوۋ››نى ئاياق-ئاستى قىلغان ‹‹شىياۋۋۇ››نىڭ باشلىقىنىڭ شوپۇرى تەرىپىدىن ‹‹شىياۋۋۇ›› ئاشكارلىنىدۇ ۋە ‹‹شىيائوۋ›› بىلەن ‹‹شىياۋۋۇ››نىڭ ئون ياشلىق ئوغلىنى ‹‹شىياۋۋۇ››قالدۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ. بۇ ئەسەردە ماڭا تەسىر قىلغان بىرلا گەپ‹‹سەن بىر پاك قىز بولغان بولساڭ، سېنى ئالاتتىم، مىڭ ئەپسۇس! سەن بىر پاھىشە››دېگەن گەپ بولدى.
يۇقىرىقى ئىككى پارچە ‹‹پاھىشە››لەر ھەققىدىكى ئەسەر ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتكە مۇنداق بىر شۇئارنى جاكارلايدۇ.
يەنى:
بىز خالاپ ‹پاھىشە› بولمىدۇق. مەجبۇرلاندۇق ياكى مەجبۇرى بولدۇق. بىزنى جەمئىيەت مەجبۇرلىدى. ئەمدى بىزگە جەمئىيەتتىن بىركىشىلىك ئورۇن، ئىللىق ئائىلە بېرىڭلار›› دېگەننى ھەربىر قۇلاققا ئىزچىل توۋلايدۇ. بۇ خۇددى ياپونىيە، ئامېرىكا، مىكسىكا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ‹‹پاھىشىلەر سەنئىتى››ژورنىلىنى تەسسىس قىلىشتىن بۇرۇنقى بىرقاتار ‹‹پاھىشىلەر كۆرىشى››نىڭ مۇدھىش كۆلەڭگىسىنى ئەسكە سالىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇخىلدىكى ئەسەرلەر قانچە كۆپەيگەنسىرى، ‹.پاھىشە››لەر شۇنچە كۆپىيىدۇ. ‹.پاھىشە›،لەر قانچە كۆپەيگەنسىرى‹.پاھىشىگە ئۆيلەنگۈچىلەر››شۇنچە كۆپىيىدۇ. ‹‹پاھىشىگە ئۆيلەنگۈچىلەر››قانچە كۆپەيگەنسىرى، ‹‹جالاپنىڭ بالىسى››شۇنچە كۆپىيىدۇ. ‹.جالاپنىڭ بالىسى›› قانچە كۆەيگەنسىرى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى بارا-بارا‹‹جالاپنىڭ بالىلىرى›،غا ئايلىنىدۇ. ئاندىن بىزدىمۇ ‹‹ھېلىقىدەك ژورنال››‹‹ھېلىقكىدەك مەدەنىيەت›› دەيدىغان بىر تالاي مەرەز خاراكتېرلىك پەسلىكلەر مەيدانغا كېلىدۇ. بالىلار ئويناۋېتىپ، بىر-بىرىدىن ئىنتايىن سەمىمى قىياپەتتە ھۆرمەت بىلەن:
سەن جالاپنىڭ بالىسىمۇ؟ __دەپ سورىشامدۇ؟؟؟

ياش تەتقىقاتچى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇنى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
قۇياشمۇ ئەر دەپ پارلايدۇ.›› ، ‹‹ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ››

دېمەك ‹‹غەيرەت››كەبى بىر ئەر ‹‹پاھىشە بولساڭ نېمە بوپتۇ، سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى ئالىمەن!›› -دەپ مەيدە قاقسا، جەمئىيەتتە يېڭى‹‹دىلخۇمار››دىن ئونى كۆپىيىدۇ. ‹‹غەيرەت››نىڭ ئاتا-ئانىسىدەك ‹‹خاپانباش››لاردىن بىرى كۆپەيسە، ‹‹غەيرەت››تەك زەئىپ ئېڭراۋاتقان ئېتقادسىز، غورۇرسىز، ۋەتەنسىز، تارىخسىز، ئەنئەنىسىز، ئەخلاقسىز زەيپانە ئۇيغۇردىن ئونى تۇغۇلىدۇ. بۇھال يەنە مەلۇم مەزگىل داۋاملاشسا، پۈتكۈل ئۇيغۇر بالىلىرى ‹‹ساپ نەسىللىك جالاپنىڭ بالىلىرى››بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ-دە، مىڭ يىلدىن كېيىن دۇنيا سەھنىسىگە قايتا چىققان ‹‹ئۇيغۇر›› نىڭ ئۈستىدە ھۆرمەت تونى ئەمەس، رەسۋالىق جەندىسى يېپىنچاقلاقلىق تۇرىدۇ.
ئەمدى سىزدىن قايتا سوراي:
سىز پاھىشىنى ئالامسىز؟

سىز ئۇنى ئۆلگۈدەك، تەلۋىلەرچە  ياخشى كۆرىسىز. ئۇ بىر پاھىشە بولسا، سىز يەنىلا ئالامسىز؟

ئادەتتە قارا ئۈژمىگە ئاق ئۈژمە، چېقىر ئۈژمە، ساتۇتلارنى ئۇلايمىز. ئۇلانغاندىن كېيىن ئۇلار قايسى مېۋىگە ئۇلانغان بولسا، شۇمېۋىنى بېرىدۇ. ئەمما تۈۋىدىن كۆكلەپ چىققان نوتا يەنىلا قارا ئۈژمە بولۇپ پىشىدۇ. ‹‹جالاپ خوتۇندىن تۇغۇلغان بالا››ئەنە شۇ ئۇلاق ئۈژمىنىڭ تۈۋىدىن چىققان نوتىدىكى قارا ئۈژمىدۇر.

ئەمدى سىزدىن يەنە سوراي، يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى ئوبدان سېلىپ، كاللىڭىزنى ئوبدان سىلكىۋېتىپ، ئويلىنىپ جاۋاب بېرىڭ:

سىز پاھىشىنى ئالامسىز؟
ئۇسىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ياخشى كۆرىدۇ. سىزمۇ ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە ئاشىق. ئەممائۇ تىنىنى ساتقان، سىز ياكى ئۆزى بىلمەيدىغان بىرتالاي ئەرلەرنىڭ تېگىدە ئېنجىقلىغان بىر پاھىشە، سىز يەنىلا ئۇنى ئالامسىز؟
ئۇ سىزنىڭ پۇتلىرىڭىزنى قۇچاقلاپ يالۋۇرىدۇ. ئۇ بۇ كوچىغا كىرىشكە ھەقىقەتەن مەجبۇرى بولغان. ئۇ قىلچىمۇ ئىلاجىسىز ھالدا مۇشۇ كويلاردا ئازغاشقان. ھەرقانچە ئويلىسىڭىز، ئۇ يەنىلار بىر ‹‹جالاپ››. سىز ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟


ئۈچيۈز يىلدىن ئارتۇق نامراتلىق، ئاچارچىلىق، نادانلىق، قاششاقلىق، قاتتىقچىلىق زامانىدا يۇرتىمىزدا بىرمۇ ‹‹پاھىشىخانا››قۇرۇلماپتىكەن. بۈگۈنكىدەك باياشاتلىق، كەڭچىلىك، مەمۇرچىلىق، توقچىلىق دەۋرىدە، مۇھتاجلىق، پۇلسىزلىق، قاتتىقچىلىق دەستىدىن، تىنىنى سېتىشقا مەجبۇرى بولۇۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىز تۈركۈم-تۈركۈملەپ، ناھىيە-شەھەرلەرگە كېلىپ، ھەتتا بەزى يېزا-قىشلاقلاردىمۇ ‹‹پاھىشىخانا››شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ. سىز ئەشۇ ئاتالمىش‹‹بىچارىلەر››ئىچىدىن، كۆڭلىڭىزگە ھەقىقى ياققاننى، سىغقان، سىزنىمۇ ساراڭدەك سۆيىدىغان بىرى چىقىپ قالسا، گەرچە ئۇ ‹‹جالاپ››بولسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟

قېنى خالىسىڭىز بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن، ياكى يېقىن-يورۇقلىرىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ!
بۇ سۇئالغا يەنە قوشۇپ قويۇڭكى، كۆۈل مۇھىممۇ، غورۇرمۇ؟ مۇھەببەت مۇھىممۇ، مىللەتمۇ؟ سۆيگۈ مۇھىممۇ، تارىخمۇ؟ ‹‹جالاپ››مۇھىممۇ، كەلگۈسىمۇ؟
پاھىشىلەر ئەركىنلىكى نەزىرىيىسى›› سىغدالغان ئەسەرلەر بىزگە شۇنچە زۆرۈرمۇ ياكى ئۇ بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇدھىش ئۇقۇممۇ؟بەس!

خەتكۈچ:پاھىشە،جالاپ،ئىپپەت
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.06 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 18:18:25