新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى كومپىوتىر بىلىملىرى --> كومپىوتىر بىلىملىرى ئۇيغۇرچە توردىكى ئېلانلار توغرىسىدا
    
 
ئۇيغۇرچە توردىكى ئېلانلار توغرىسىدا
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:156  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-21 23:35:15 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-21 23:35:15
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئۇيغۇرچە توردىكى ئېلانلار توغرىسىدا

نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ توربەت، بلوگلىرىدا ئېلان بار. شۇنداق ھالەتتە باشقىلارنىڭ ئېلانلىرىنى چەكسەك بولامدۇ؟ ئىدارە ياكى مەكتەپتىكى بارلىق تورغا چىققۇچىلارنىڭ IP سى ئوخشاش، بىر ئىدارە ياكى بىر مەكتەپتىكىلەر چەكسە ھېسابات توختاپ كېتەمدۇ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاب:
1. بلوگىمدا ئېلان بار تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئېلانلىرىنى چەكسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ھەرقانداق قەستەن ئېلان چېكىش Adsense كىلشىمىگە خىلاپ. ئەمما سىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىكى ئېلانلارنى چېكىش-چەكمەسلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلان ھىېساباتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. خەقنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاننى چەككەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ ۋە ھېچقانداق تەسىرى يوق. شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ تور بېكىتىدە سىز قىزىقىدىغان، چەككۈڭىز كەلگەن ئېلانلار بولسا خاتىرجەم چېكىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
2. مەكتەپ ياكى ئىدارىدە IP ئوخشاش. تور بېتىمدىكى ئېلاننى بىر ئىدارىدىكىلەر چەكسە بولامدۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرقىدەك. ھەرقانداق شەكىلدىكى قەستەن ئېلان چېكىش كىلشىمگە خىلاپ.  ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چېكىش ۋە باشقىلارنى قەستەن ئېلان چېكىشكە جەلىپ قىلىش قېتىمى چەكتىن ئاشقاندا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى تاپشۇرىۋالىسىز ياكى ھېساباتىڭىز توختاپ كېتىدۇ.
   ئەمما Google نىڭ ئىز قوغلاش، ئېلان ھېساباتىنىڭ كىلشىمگە ئۇيغۇن ھالدا داۋاملىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى IP غا تاينىشتىن ناھايىتى ئۇزاقتا تەرەققىي قىلغان. شۇڭلاشقا توربېتىڭىزگە قويۇلغان ئېلانلارنى ئۆزىڭىزلا چەكمىسڭىز ۋە باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ چەكتۈرمىسىڭىز، ئۆز ئىدارە ياكى مەكتىپىزىدىن چېكىلسىمۇ، ئوخشاش IP دىن چېكىلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىزنىڭ ئېلانىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بىر ئىدارە ياكى مەكتەپنىڭلا IP سىدىن چېكىلىپ، باشقا IP لاردىن چېكىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە ياكى سىرىتتىن چېكىلىشى بەك ئاز بولسا، تەبئىلا ئالدامچىلىق قىلغان بولىسىز.
  شۇڭلاشقا ئوخشاش IP ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تەساددىپى ياكى تور بېتىڭىزدىكى ئېلانلارغا قىزىقىپ، چېكىپ سېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇلارغا ئېلان چېكىپ قويۇش ھەققىدە تەشۋىقات قىلماڭ.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.06 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 15:44:40