新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى داڭلىق شەخسلەر --> دىيارىمىز ۋە ئېلىمىزدىكى داڭلىقلار نۇر بەكرى ھاۋاگۈلغا بېلەت تاشلىدى
    
 
نۇر بەكرى ھاۋاگۈلغا بېلەت تاشلىدى
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:217  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-19 20:02:48 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-19 20:02:16
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
نۇر بەكرى ھاۋاگۈلغا بېلەت تاشلىدى
‹‹ ھاۋاگۈل ئابلېز شىنجاڭ ج خ سېپىدىكى بىر بايراق ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلايمەن ›› . بۇ ، 2–ئاپرېل قومۇلدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئېيتقان سۆزى .
         ھاۋاگۈل ئابلىز ، ئۇيغۇر ، ئايال، 1967–يىلى 11–ئاپرېل تۇغۇلغان ، شىنجاڭنىڭ قومۇل ۋىلايىتىدىن . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن . 1986–يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ، 1989–يىلى 5–ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن . ھازىر قومۇل ۋىلايىتى قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ . ئۇ مەملىكەتلىك ‹‹8–مارت قىزىل بايراقدار›› ، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹تۆھپىكار ئايال قاراۋۇل›› ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى ، قومۇل ۋىلايەتلىك ‹‹ 8–مارت قىزىل بايراقدار ›› ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان . بۇرۇن ئامانلىق ساقچىسى ، جىنايى ئىشلار ساقچىسى ، مەھەللە ساقچىسى ، قاتناش ساقچىسى بولغان . ئىلگىرى–كېيىن ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، يېتەكچى ، جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

         4–نۆۋەتلىك ‹‹مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خەلق ساقچىسى›› سايلام پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ‹‹چوڭ يوقلاش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، تەشكىللەر تەۋسىيە قىلىش ، ئامما كۆرسىتىش ، ۋاستىلەر تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق 60 نەپەر نامزات رەسمىي ھالدا بارلىققا كەلدى . پائالىيەت باھالاش كومىتېتى ئاممىنىڭ بىلەت تاشلىشى ، رايون ، ساقچى تۈرى قاتارلىق تەرەپلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى ‹‹مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خەلق ساقچىسى›› نى باھالاپ چىقىدۇ ھەم داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

نۆۋەتتە ، ھاۋاگۈل ئابلېز باشقا 39 نامزات بىلەن بىرلىكتە توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ ، ئەگەردە سىز بۇ شىنجاڭلىق ساقچى ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقچى بولسىڭىز http://www.mps.gov.cn/n16/template/2701147/template.htm تورىغا كىرىپ بېلەت تاشلاشقا قاتناشسىڭىزبولىدۇ .
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

2011-7-19 20:02:48
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
مەن بىر بىلەت تاشلىۋەتتىم.....
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 12:20:50