新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> شېىرى ئەسەرلەر ياتلاشتۇق..(شىېر مەمەتجان راشىدىن)
    
 
ياتلاشتۇق..(شىېر مەمەتجان راشىدىن)
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:154  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-19 18:30:45 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-19 18:30:45
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ياتلاشتۇق..(شىېر مەمەتجان راشىدىن)

يامان كۈنلەردە تۇققانتۇق ،روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق ،
پالاستىن تەستە ئايرىلساق ،كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق .
سارايلار بۇزدىمۇ بىزنى ،گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق ،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا ،توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق ،
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە ،قانات قاققاندا ياتلاشتۇق .

تىزىق مۇنچاق ئىدۇق بىزلەر ئانام بوينىدىكى گويا ،
سۈزۈك ئالما ئىدۇق بەش تال .ئاتام قوينىدىكى گويا .
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە ئەشۇ ھويلىدىكى گويا ،
تۈگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى كۈمۈش چويلىدىكى گويا ،
بىراق ،بىزنى جاھان ھەريان ئۈزۈپ تارتقاندا ياتلاشتۇق .

ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ يۈرۈپ جاڭگالدىمى بۇللە ،
بوران چىقسا ،ماكان ئەتكەن ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە .
ئېكىن ئەكتۇق چېپىپ كەتمەن ،چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە ،
باراتتا بىللە بولغانتۇق ،ئېيتىپ رامزاننىمۇ بىللە ،
چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ ئەمدى ،ئوتۇن يارغاندا ئايرىلدۇق .

ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن ،
ئېلىندى تاختىغا نانلار ،ئازاپلاندى سورالماستىن .
دادامغا ،مەنمۇ كەتكۈزدۈم ،بىر ئوغلاق سويالماستىن ،
مىراس ماجراسىغا چۈشتۈق تېخى قىلچە ئۇيالماستىن ،
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق .

زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق ،شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق ،
كېلىنلەر چاچ سوقۇپ يۈردى ،شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق .
تېزەك ياققاننى ئاز كۆرۈپ ،شۇلارغا ئۆچكە ساققۇزدۇق ،
تېخى غەلۋارىدۇق بەزەن ،جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق ،
باقار چاغدا باھانە كۆپ ،بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق .

ئاتا كەتتى ،ئانا كەتتى ،دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى ،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يېرىگە دەز كەتتى .
ئىچەرگە ئاش ،كىيەرگە تون ،چالارغا بىللە ساز كەتتى ،
ئارادىن سەلتەنەت تاجى -ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى ،
شۇلار كەتتى ،يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق .

ئۇزاق ئۆتمەي سۈكۈت پۈتتى ،مىراس ۋەجىدىن گەپ چىقتى ،
بىرى ئەلچى قويۇپ چىقسا ،بىرى ئاشكارادەپ چىقتى .
بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق ،بىرى چەيدو بىلەن چىقتى ،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاخىر جىمى ئىشنى سۆرەپ چىقتى ،
قىرىق يىىللىق قېرىنداشلار مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق .

شۇنىڭدىن بېرىكى كۈنلەر ئۆتەر ھېچكىمنى خوش قىلماي ،
قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر ئارادا يازنى قىش قىلماي ؟
تىنىقتىنمۇ تولا <كوت-كوت>كېسەكنى كەلدى خش قىلماي ،
يۈرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سۆز ،ئۇنىىڭدىن ئۆزگە ئىش قىلماي ،
نىزا گۈلخانلىرى دىلدا كۆيۈپ يانغاندا ياتلاشتۇق .

خوتۇنلار پادىشا بولدى سېنى بەللەپ ،مېنى بەللەپ ،
خوتۇنلارغا <خوتۇن >بولدۇق،ئېغىز ئاچساق قوپار <سەن>لەپ.
كېلىنلەر بىر چېنە چاينى ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ ،
ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ يەنە ئوقيارىنى دەللەپ ،
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ تۈگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق .

ئۈگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا تۇرۇپ قىيداش ،يامانلاشنى ،
ئۆتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق ،ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى .
قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى ،
نىزادا ئۆتتى ھېيىت-ئايەم ،قىلالماي جەم قېرىنداشنى ،
ئىناقتۇق كەپىدە ،توۋا ،ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق .

قېرىنداش بوپ يارالغانلار تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن ،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى دالا -تۈزدەكمىدۇر ،دەيمەن .
بېغىدا ھېچ باھار ،ياز يوق ،خازان كۆزنەكمىدۇر ،دەيمەن ،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق ، سۆزى مۇزدەكمىدۇر ،دەيىمەن ،
يۇمۇپ كۆز بارچە نۇقساندىن -تۈگەل تانغاندا ياتلاشتۇق
دىيارىم مۇنبىردىن ئىلىندى...

 يوقارقى مەزمۇنلار «بىزنىڭ» كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈلدى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.09 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 17:03:38