新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> مەدەنىيەتلىرىمىزگە نەزەر ياغاچ قوشۇق مەدەنىيىتىمىز
    
 
ياغاچ قوشۇق مەدەنىيىتىمىز
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:202  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-19 14:15:44 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-19 14:15:44
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ياغاچ قوشۇق مەدەنىيىتىمىز

كەلپىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ غەربىي قىسمىغا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان. ئومۇمىي يەر مەيدانى 12مىڭ 47 كوۋادىرات كېلومېتىر . ناھىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كەلپىن ئويمانلىقى بولۇپ، كەلپىن بوستانلىقى شۇ ئويمانلىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ھاۋا كىلىماتى قورغاق، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭ. يېزا بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىمى باغۋەنچىلىك، چارۋىچلىقتىن كېلىدۇ. كەلپىن ياغاچ قۇشۇقى قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ بىرتۈرى بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ قۇملۇق كەنتىدە نىسبەتەن ئومۇملاشقان.

بۇ ئېسىل ھۈنەر سەنئەت ئىشچان ،ئەمگەكچان كەلپىن خەلقنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. كەلپىن ياغاچ قوشۇغىدا كەلپىننىڭ ھەقىقىي يەرلىك ئالاھىدىلىكى ساقلىنىپ كەلگەن. كەلپىن ياغاچ قۇشۇغى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ باشقا يەرلىرىدە ياسالغان قوشۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ساپ ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ياساش جەريانى ھېچقانداق فىزىكىلىق، خىمىيىلىك جەريان تەلەپ قىلمايدۇ. قول ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كەلپىن ياغاچ قۇشۇغى يەنە مەشرەپلەردە باشقا مىللىي چالغۇلار بىلەن بىرلىكتە چالغۇ ئەسۋاب ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قۇشۇق ياساشقا ھەرە، پالتا، چوت، ئاتالغا (ئەگمەك چوت)، كاشكات(قۇشۇق ئىچىنى ئويۇش ئەسۋابى) قاتارلىق ئەسۋابلار كېتىدۇ.
ھەرە- چوڭ ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
پالتا- ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى ھەرە ئارقىلىق پارچىلىغاندىن كېيىنكى ئۈرۈك ياغىچىنى پارچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
چوت-پارچىلانغان ئۈرۈك كۆتىكىنى قۇشۇقنىڭ دەسلەپكى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاتالغا- بۇ بىرخىل ئالاھىدە ياسالغان چوت بولۇپ، چوت ئالدى قىسمى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئايسىمان بولۇپ، قۇشۇق ئىچىنى ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كاشكات- قۇشۇق، چوت، ئاتالغا ئارقىلىق تولۇق قۇشۇق شەكلىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سىلىقلاشقا ئىلشىلىتىدىغان بىرخىل ئالاھىدە پىچاق بولۇپ، سۇئال بەلگىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 15سانتېمېتىردىن 17سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ.باش قىسمى ئايسىمان بولۇپ، دىيامېتىرى 3سانتېمېتىردىن 5سانتېمېتىرىغىچە بولىدۇ. ئاستىنقى قىسمى تۈز پىچاق شەكلىدە ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، 30سانتېمېتىردىن 50سانتېمېتىرغىچە دەستىلىنىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمى قوشۇق ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئويۇش ۋە قوشۇق كاللىسىنى پەردازلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاستىنقى پىچاق قىسمى بولسا قوشۇق دەستىسى ۋە قوشۇق بېشىنى سىلىقلاشقا ئىشىلىتىدۇ.


قوشۇق تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ بويىچە ياسىلىدۇ.
1-باسقۇچ ؛ ياغاچ تەييارلاش باسقۇچى:
1-قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى تەييارلىنىدۇ.2- قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى ھەرە بىلەن 15سانتېمېتىردىن 20سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا پارچىلىنىدۇ. 3-قەدەمدە ھەرە ئارقىلىق پارچىلانغان ئۈرۈك ياغىچىنى پالتا ئارقىلىق كەڭلىكى 7سانتېمېتىر ئەتراپىدا قايتا پارچىلىنىدۇ.

2-باسقۇچ؛ دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈش باسقۇچى:
شەكىلدىكى ئۈرۈك ياغىچى چوت ئارقىلىق ئاستى تەييارلانغان ئۈستى ،ئوڭ -سول تەرەپلىرى چانىلىپ تەكشىلەنگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ يۇقىرقى قىسمىدىن 3سانتېمېتىردىن 5 سانتېمېتىرغىچە تاشلىنىپ توغرىسىغا 2.5 سانتېمېتىردىن 3.5 سانتېمېتىر ئەتراپىدا چانىلىدۇ. سول تەرىپىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش چانىلىپ قالدى قىسمى چىقىرۋېتىلىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن باش قىسمى يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ دەسلەپكى شەكىل ھالىتى پۇتىدۇ.

3-باسقۇچ؛ قوشۇق باش قىسمىنى ئويۇش باسقۇچى
دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن قوشۇق باش قىسمىنى ئاتالغا بىلەن چاناپ ئويىلىدۇ. باش قىسمى تەكشىلىنىپ ، قوشۇق شەكىل جەھەتتىن تولۇق پۇتىدۇ

4-باسقۇچ ؛سىلىقلاش باسقۇچى
تولۇق شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن قوشۇق كاشكات ئارقىلىق قوشۇق بېشى ۋە قۇشۇق دەستىسى قايتا سىلىقلىنىدۇ. ئاخىرى كۆركەم ياسالغان قوشۇق پۇتىدۇ.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 9:32:32