新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى دۇنيادىكى ئشلار --> دۇنيادىكى ئشلار سېسىق پايپاق پۇرىقى بىلەن پاشا..
    
 
سېسىق پايپاق پۇرىقى بىلەن پاشا..
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:159  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-19 2:19:34 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-19 2:19:34
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
سېسىق پايپاق پۇرىقى بىلەن پاشا..

سېسىق پايپاق پۇرىقى بىلەن پاشا ئۆلتۈرۈش دورىسى ياساپ چىقىدىكەن ..

خەلقئارا تورى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،تانزانىيە ئالىملىرى ھازىر سېسىق پايپاق پۇرىقىدىن پايدىلىنىپ بەزگەك كېسىلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرىدىغان پاشىنى ئۆلتۈرۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بەزگەككە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلىغىلى بولىدىكەن. گاتىس فوندى جەمئىيىتى بۇ تۈرگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھازىر پاشىلىق ۋە تۇمانلاشتۇرۇش دورىسى بىلەن پاشىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى بەزگەك كېسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتىشى ئاساسەن كونتىرول قىلىندى. ئەگەر سىرىتتىكى بەزگەك كېسىلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى پاشىلارمۇ يوقۇتۇلسا، ئۇنداقتا چوڭ دائىرىدە بەزگەك كېسىلىنىڭ دالىدىكى تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە ئازايىتقىلى بولىدۇ.
بۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تانزانىيە يىفاكلا تېببىي تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىس فرېدروس.ئوكۇمۇنىڭ دېيىشىچە، گوللاندىيە ئالىمى بارت.كنولسنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىغا قارىغاندا، ئىنسانلار قاراڭغۇ ئۆيدە يالىڭاچ ھالەتتە تۇرغاندا پۇتتىن چىققان سېسىق پۇراقنىڭ پاشىغا بولغان تارتىش كۈچى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن.
15 يىلدىن بىرى ئالىملار ئىزچىل بۇ نەزىرىيەنى بەزگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
ئوكۇمۇ سەككىز خىل خىمىيەلىك ياسالما دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سېسىق پايپاق پۇرىقى ياساپ چىققان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن پاشىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگىلى بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بولسا بىزنىڭ بىرىنچى قېتىم دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ دالىدىكى چىۋىننىڭ كېسەل تارقىتىشىنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تېخنىكا يوق ئەھۋال ئاستىدا بەزگەكنى تۈپ يېلىتىزىدىن يوقوتۇش مەقسىدىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس».
ئوكۇمۇ ئىككى يىلدىن بىرى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشكەن. ھازىر گاتىس فوندى جەمئىيىتى ۋە «كانادا جەڭ ئېلان قىلغۇچى» ئورگىنى بىرلىشىپ ئۇنى 775 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ئەرزان باھادا، كۆپ مىقداردا پۇراق بىلەن پاشا ئۆلتۈرگۈچ ياساپ چىقىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئوكۇمۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر بىر قۇتىنىڭ باھاسى تۆت ئامېرىكا دوللىرىدىن 27 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن.
گەرچە بەزگەكنىڭ يەرشارىدا تارقىلىشى ھەر يىلى زور كۆلەمدە تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر يىلى 220 مىليون كىشى يۇقۇملانماقتا. ب د ت نىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ھەريىلى 800 مىڭ ئادەم بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئافرىقىدىكى بالىلار ئىكەن.
مەنبە: gb.cri.cn

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.03 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 16:53:56