新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى تارىخقا نەزەر --> ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى
    
 
ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:144  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 21:02:10 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-18 21:02:10
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى
سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان  بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا بۇ قەۋرە مىلادى 7-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تۈركلەر دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. قەدىمىي قەۋرىدىن زور مىقداردا ئەرلەرنىڭ،ئاياللارنىڭ، كالا،تۆگە... قاتارلىق مودىللىرى ۋە لاي ھەيكەللىرى قاتارلىقلار بايقالغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ كۆپۈنچىسى لايدىن ۋە ياغاچتىن ياسالغان بولغاچقا  ساقلانغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇش ھادىسىسى ئېغىر كۆرۈلگەن. ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتى ئامېرىكا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتىنڭمۇ ياردەملەشكەن.

يەنە بىر زىيارەت قىلىنغان خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قەدىمىي قەۋرىنى كولاۋاتقان ۋاقىتتا سىرىتنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئىسسىق ئىكەن، بىراق قەۋرە ئىچى ئىنتايىن ئىنتايىن سالقىنلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەمكارلىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئامېرىكىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ قەۋرىنى ئېچىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان.

بۇ كۆرگەزمىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركلەر دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتنى چۈشۈنۈشكە ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ.
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.06 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 19:00:27