新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى تارىخقا نەزەر --> ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر ئون ئككى مۇقامىنى بىلىۋىلىڭ
    
 
ئۇيغۇر ئون ئككى مۇقامىنى بىلىۋىلىڭ
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:215  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-19 9:01:19 by سەئىدىيەئەركىسى

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-18 19:40:29
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئۇيغۇر ئون ئككى مۇقامىنى بىلىۋىلىڭ

مۇقام دېگەن بۇ ئاتالغۇ «ئورۇن»، «دەرىجە»، «دائىرە» دگەن مەنىدە بولۇپ، مۇزىكىدا مۇقام ئاتالغۇسى مەلۇم دائىرىدىن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن،  
بەلگىلىك دەرىجىدە سېستىمىلاشتۇرۇلغان مۇزىكىلىق ئەسەر دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. 
ئاتاقىق خەلق مۇقامچىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا (1881-يىل 5- ئايدا تۇغۇلۇپ، 1956-يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋاپات بولغان) ئورۇنلىغان 12 مۇقام بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ھەر بىر مۇقامنىڭ مەخسۇس نامى ۋە بىر پۈتۈن مەزمۇنى بار. ھازىر غىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مۇقاملارنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە؛   
1- راك مۇقامى -- 23 ئاھاڭ ،   
2- چەببىيات مۇقامى 23 ئاھاڭ ،   
3- مۇشەۋرەك مۇقامى 31 ئاھاڭ،  
4- چارگاھ مۇقامى 18ئاھاڭ ،  
5- پەنجىگاھ مۇقامى 23ئاھاڭ ،  
6- ئۆزھال مۇقامى 29 ئاھاڭ ،   
7- ئەجەم مۇقامى 17 ئاھاڭ ،  
8- ئوشاق مۇقامى 23 ئاھاڭ ،   
9- بايات مۇقامى 19 ئاھاڭ .
10- ناۋا مۇقامى 21ئاھاڭ ،
11- سىگاھ مۇقامى 6 ئاھاڭ،  
12- ئىراق مۇقامى 8 ئاھاڭ ،   
ئۇنىڭدىن باشقا 12مۇقامنىڭ تەركىۋىگە ئۆز سېستىمىسى بويىچە كىرگۈزۈلمىگەن، لىكىن 12 مۇقامنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغان ئابۇ چەشمە مۇقامىنى(ئابى چەشمە=سۈزۈك سۇ دېگەن مەنىدە) قوشقاندا( ئابۇ چەشمە مۇقامى 20 ئاھاڭ) مۇقام جەمى 268 ئاھاڭ(نەغمە)، 2700مىسرادىن ئارتۇق. ئەگەر مۇقامنى باشتىن-ئاخىر ئۇلاپ چېلىشقا توغرا كەلسە توپ-توغرا 24 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ.  
مۇقاملارنىڭ ناملىرى ھەرخىل تارىخىي ھۆججەتلەردە ۋە مۇزىكانت، شائىرلارنىڭ خاتىرىلىرىدە ھەرخىل ناملار بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ كەلگەن مۇقاملارنىڭ نامى خەلق ئىچىگە سىڭگەنلىكى ئۈچۈن 12 مۇقامنى ئاشۇ ناملار مەزمۇنى بويىچە چۈشىنىمىز:   
بۇ ناملارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:  
(1) راك مۇقامى:  
«راك» مۇقامىنىڭ ئەسلى نامى «راھابى» مۇقامى بولۇپ، «راھابى» دېگەن سۆز «ئازاتلىق تىلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلى تەلەپپۇزى«راك» بولماستىن، بەلكى «راق»، «رەك» ئىدى، دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىل تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە «راك» قا ئۆزگەرگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «راۋا ئىزلەش، شىپالىق ئىزلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. موللا ئىسمەتۇللانىڭ «تارىخى مۇسقىيون» دىگەن كىتاۋىغا ئاساسلانغاندا، راك مۇقامىنىڭ مەزمۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ تاڭغا، ئازاتلىققابولغان سېغىنىش، ئۈمىدلىنىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. 
(2) چەبىيات مۇقامى:  
بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى«ھۈسەيىن مۇقامى» بولۇپ، «ھۈسەيىن» دېگەن سۆز «نەپىس»، «گۈزەللىكنى سېغىنىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى ئىسمى « چەبىيات»مۇ يەنىلا «گۈزەللىكنى سېغىنىش»، « گۈزەللىكنى ئەسلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.   
(3)مۇشاۋىرەك مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ ئەسلى ئىسمى «راست» مۇقامى بولۇپ،بۇ سۆز «راستلىق»، «چىنلىق»، «توغرىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىن ئۆزگەرگەن نامى «مۇشاۋىرەك» بولۇپ، بۇ سۆز « مۇڭدۇشۇش»، «مۇڭ ئېيتىشىش»، « چىنلىقنى سۆزلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.   
(4)چارىگاھ مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ ئەسلى نامى «ھىجاز» بولۇپ، بۇ سۆز ئىككى دەريا ئارلىقىنىڭ مەنزىرىسى دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنكى نامى« چارىگاھ» بولۇپ، بۇ سۆزدىكى «چار» تۆت تەرەپنى، «گاھ» ئورۇن، مەنزىرە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، «چرىگاھ» دىگەن سۆز گۈزەل مەنزىرىگە تەلپۈنۈش مەنىسىدە بولۇپ، بۇ مۇقام خەلق ئاممىسىنىڭئاسايىشلىققا، تاڭغا، گۈزەل ھاياتقا بولغان ئۈمىد-تەلپۈنىشىنى مەزمۇن قىلغان.

(5)پەنجىگاھ مۇقامى. بۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى«بوزرۇك» مۇقامى بولۇپ، «بوزرۇك» دېگەن سۆز «ئۇلۇغلۇق»، «يۈكسەكلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنكى نامى «پەنجىگاھ» بولۇپ، بۇ سۆزدىكى « پەنج» بەش دېگەن مەنىدە، «گاھ» ئورۇن دىگەن مەنىدە بولۇپ، «پەنجىگاھ» يۈكسەكلىككە، راۋاجلىنىشقا، گۈللىنىشكە ئىنتىلىش مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدۇ.

(6)ئۆزھال مۇقامى. بۇنىڭ بۇرۇنقى نامى «كۆجەك» مۇقامى بولۇپ، «كۆجەك» دېگەن سۆز كىچىك پىئېللىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنىكى نامى «ئۆزھال» بولسا «ھال-ئەھۋال»، «ھال-ئوقەت» دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى رىتىمىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ھال ئېيتىش، دەرت تۆكۈشىنى مەزمۇن قىلغان.
(7) ئىراق مۇقامى. «ئىراق» دېگەن سۆز دەريا قىرغىقىنىڭ ئۇرۇلىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قاينام تاشقىنلىق جەڭگىۋار ئىسيانكار روھىنى، غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.  
(8) ناۋا مۇقامى. «ناۋا» __ جاسارەت، كۈچ - قۇۋۋچەت دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى كۈيى __ خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى، ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىنى بايان قىلىدۇ.
(9) ئوشاق مۇقامى. «ئوشاق» سۆزى « ئاشىقلار»، « پىدائىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ خەلقنىڭ پاك مۇھەببەتلىك، جان پىدالىق، ھەمدەملىك روھىنى بايان قىلىدۇ. خەل ئىچىدە بۇ مۇقام « ئاشىقلار ساداسى» دەپ تەرىپلەنگەن.  
(10)بايات مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى « ساباھان» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلەش دېگەن مەنىدە.ھازىرقى نامى «بايات» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلى « بايادى» ئىدى. « بايادى» ئۆتكەن كۈننى ياد ئىتىش، يورۇقلۇقنى ئىزدەش دېگەن مەنىدە. 
(11) ئەجەم مۇقامى. ئەجەم دېگەن سۆز ئەرەب مىللىتىنىڭ غەيرى ئەرەب مىللەتلىرىگە (ئەرەب ئەمەس مىللەتلەرگە) بەرگەن نامى بولۇپ، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئېزىزلەش مەقسىتىدە، ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان بۇ سۆزىنى ئۆز ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ بىر نامى سۈپىتىدە قوللانغان.   
(12) سىگاھ مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى «پەسىللىك» مۇقامى بولۇپ، بۇ سۆز ئارسىلاننى ھەيران قالدۇرۇش دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. «سىگاھ» سۆزىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى «شىگاھ» بولۇپ، بۇ « غەپلەتتىن ئويغۇنۇش»، «غەيرەتلىنىش» دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى روھىمۇ قەھرىمانلىقنى، ئويغۇنۇشنى، غەيرەت جاسارەتنى ئىپادىلەيدۇ.  
يۇقارقىلاردىن بىز شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئاھاڭ ناخشا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە، راۋاجلىنىشقا، ئىنتىلىش؛ پاكلىق، گۈزەللىكنى قەدىرلەش؛ غەزەپ نەپرەت، دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش؛ قەھرىمانلىق، مەردانىلىقنى ئېزىزلەش؛ ئۆزلىكنى قەدىرلەش قاتارلىق ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مول مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگۈچى بۈيۈك قامستۇر.

پىقىر ئۇيغۇر 12 مۇقامىمىزنىڭ بارلىق تىكىستىنى ئنكاس شەكىلدە يوللاپ تۇرىمەن.قىرىنداشلارنىڭ ساقلىۋىلىپ پايدىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...شۇنداقلا 12 مۇقام م پ 3 شەكىلدىكى ناخشىلىرىنى يولاپ تۇرىمەن..نەزىرىڭىز داۋاملىق سەئىدىيەدىكى بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىدا بولسۇن........

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

2011-7-19 9:01:19
سەئىدىيەئەركىسى





تەقۋادار ئادەم

ۋەزىپىسى:ئادەتتىكى ئەزا
يازما سانى:6
تەجىربىسى:75
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-7-18

بۇنىغۇ بىلىۋالدۇق..مۇقام مىللىتىمىزنىڭ گۈلتاجى..بولسا ھەر بىر مۇقامنى سۈرەتلىك يوللاپ قويسىڭىز كاتتا ئش بولاتتى..

 

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.08 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 23:43:37