新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ھەقسىز ئۇچۇرلار --> ھەقسىز ئۇچۇرلار توپلىمى پۇللارنىڭ قىممىتىنى بىلىۋېلىڭ!
    
 
پۇللارنىڭ قىممىتىنى بىلىۋېلىڭ!
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:140  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 19:32:17 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-18 19:32:17
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
پۇللارنىڭ قىممىتىنى بىلىۋېلىڭ!

پۇللارنىڭ قىممىتىنى بىلىۋېلىڭ!

ھازىر جەمئىيىتىمىزنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم چەت دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرى بىلەن سودا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپەيمەكتە ... شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنداق سودا قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىللىرىمىزنىڭ قىممەت پىرۋۇتىدا ئالدىنىپ قالماسلىقى ھەم بىلمەي قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىنى يوللىدىم . تۆۋەندە تونۇشتۇردىغىم بىزگە بىر قەدەر يېقىن بولغان ياۋرۇ ، فونستىرلىڭ ، دوللار ، قاتارلىق پۇللار ...  
بۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان تەڭگىسىمۇ بىزگە كۆپ ئۇچرايدۇ . قازاقىستان تەڭگىسىنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغاندا 23كە بۆلۈپ بېرىش قائىدىسى بويىچە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ . يەنى 100تەڭگىنى 23كە بۆلسىڭىز تەخمىنەن 4 يۈەن چىقىدۇ . دىمەك 100تەڭگە تەخمىنەن 4يۈەنگە تەڭ . ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم : ئازراق تەڭگىنى شۇنداق ئالماشتۇرسىڭىز ئوشۇق پەرق چىقمايدۇ . 10مىڭدىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم ئەسلى قىممەت بىلەن ئالماشتۇرۇڭ . يەنى قانچىلىك تەڭگە بولسا شۇنى 0.0445 گە كۆپەيتىسىز . يەنە كىچىككىنە ئەسكەرتىش تەڭگە دېسەم ھېلىقى مىتال پۇلمىكىن دەپ قالماڭلار . ئۇمۇ قەغەز پۇل جۇمۇ ! تەڭگىنىڭ سۈرىتىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم . تاپالىغان تورداشلار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن .    
ئەمىسە باشقا پۇل بىرلىكىگە دىققەت قىلىڭلار :

بىر فونىستىرلىڭ 10.5499يۈنگە تەڭ (10يۈەن5مو4فۇڭ9لى9خو)  
فونىستىرلىڭ ھازىر دۇنيادىكى پىرۋۇنت قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پۇل بىرلىكى،شۇڭا مۇئامىلە قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئازراق بىر يېرى تۆشۈك، يىرتىلىپ كەتكەن فونستىرلىڭمۇ بانكىغا ئاپارسىڭىز ئۆتمەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بىر قىسىم شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىسىز.  
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : فونىستىرلىڭنىڭ پىرۋۇنت قىممىتىدە ئۆسۈش - چۈشۈش پەرقى ناھايىتى چوڭ ، قولىڭىزدا بولۇپ قالسا دەرھال خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۋىتىڭ.  
   
پۇل نامى : ياۋرۇ  
بىر ياۋرۇ : 8.6181يۈەنگە تەڭ   
ياۋرۇمۇ فونستىرلىڭغا ئوخشاش ناھايىتى يېڭىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . يىڭنىدەك يېرى تۆشۈك ، ئازراق يىرتىق ياۋرۇ ئۆتمەيدۇ.  
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ياۋرۇنىڭ قىممىتىدە چۈشۈش - ئۆسۈش پەرقى فونستىرلىڭنىڭكىدىنمۇ چوڭ . شۇڭا بۇنىمۇ ساقلىغاندا دىققەت قىلىش ، ئامال بار ئۇزۇن ساقلىماسلىق كېرەك.   
  
پۇل نامى : دوللار
بىر دوللار : 6.79يۈنگە تەڭ !
دوللار بىزگە خەلق پۇلىدىن قالسىلا ئەڭ يېقىن پۇل بىرلىكى بولغاچقا ، ياۋرۇدەك يېڭىلىقنى تەلەپ قىلمايدۇ . پەقەت ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپ چاپلاپ قويۇلغان ، بوشۇشۇپ يىرتىلىپ كەتكۈدەكلا بولۇپ قالغان ، خېلى چوڭ يېرى پۇچۇق بولۇپ قالغاندا ئاندىن ئۆتمەيدۇ . (بۇنداقلىرىنىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئازراق ئەرزان باھادا ساتسىڭىز بولىدۇ.)
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : چۈشۈش-ئۆسۈش پەرقى چوڭ ئەمەس. بەزىدە بىرەر يىلنىڭ بىرەر كۈنىدە پەرق چوڭ بولۇپ قالىدۇ.(يېقىندىن بېرى ئىلگىركىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ)

ۋاقتى : 2010-يىلى 8-ئاينىڭ31-كۈنى سائەت1:45

مۇشۇ ۋاقىتتىكى باھاسى يوللاندى. يەنە بىرەر ئايدىن كېيىن شۇ باھانىڭ كەينىدىكى پۇڭ ، مو لىرى ئۆزگۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن .  
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يۇقارقى پۇللارنى بىر كۈنلىرى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز(مەيلى شەخس مەيلى شىركەتكە) شۇ پۇلنىڭ ئۆز باھاسىدە ئالماشتۇرالمايسىز. ئۇنىڭدىن سەللا تۆۋەن باھادا(مەسىلەن0.001 ياكى 0.01 تۆۋەن باھادا) ئالماشتۇرالايسىز . سەۋەبى، مەيلى شىركەت مەيلى شەخس بولسۇن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسلى مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن قامچا يازمىسى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.03 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 17:54:04