新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى دۇنيادىكى ئشلار --> دۇنيادىكى ئشلار پۇل بېرېپ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش
    
 
پۇل بېرېپ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش
تېما يوللىغۇچى:مۇختەر  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:251  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 12:51:13 by مۇختەر

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-18 12:48:51
مۇختەر





تەقۋادار ئادەم

ۋەزىپىسى:ئادەتتىكى ئەزا
يازما سانى:12
تەجىربىسى:160
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-7-16
پۇل بېرېپ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش

نامرات يىگىتنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى
      يىگىتلەر  ، سىلەر سەل نامرات بولۇپ قالساڭلار ھېچقىسى يوق ، مۇھىمى سىلەردە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتىلىش، ئىزدىنىش روھى بولىدۇ ، كۆڭلۈڭلەردە ئارزۇ -ئارمانلار بۆلىشى كېرەك . ئۆزۈڭلار قىز دوست تاپالماي مېنىڭ پۇلۇم يوق ، ھازىر قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇلنىلا ياخشى كۆرىدۇ دېسەڭلار بولمايدۇ . قىزلارنىڭ سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ سىلەر نامرات ياكى پۇلۇڭلار سەل ئازراق بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكىم ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار مەن نامرات ، مېنىڭ تۇرۇشۇم شۇ دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىڭلاردا . 
      ھېكايەت قىلىنىشىچە ، بۇرۇن شۇنداق بىر ئاشىق -مەشۇق ئۆتكەن بولۇپ ، يىگىتنىڭ ئائىلىسىدە ئازراق قىيىنچىلىق بولۇپ ئۆزى سەل نامراتكەن. ئەكسىچە قىزنىڭ ئائىلىسى راۋۇرۇس بايلاردىن ئىكەن . ئۇلار ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بولۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يىگىت خىزمەت تاپالماي دائىم دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ياكى تورخانىلاردا تور ئويۇنلىرى ئويناپ كۈنلىرىنى شۇنداق مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ . مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇ قىزمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ زادى قانچىلىك مال-دۇنياسىنىڭ بارلىقىنى يىگىتكە بىلدۈرمىگەنىكەن. ئۇ قىز پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن ، تويلاشماقچى بولغان ، ئۆزىنى مەڭگۈ تاپشۇرماقچى بولغان يىگىتنىڭ ھازىرقىدەك تۇرمۇش شارائىتىدا زادى قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى ئىكەن.
      قىزنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، قىز ھەر قېتىم يىگىتنى ئىلھاملاندۇرۇپ چىقىپ خىزمەت ئىزدەپ باقسىڭىز بولمامدۇ ، بىرەر خىزمەت چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېسە ، ياخشى كۆرگەن يىگىتتىن قايتىدىغىنى : ‹‹ مېنىڭ تەقدىرىم مۇشۇنداقكەن ، مەنمۇ خىزمەت تاپالماي ئاران تۇرىمەن ، مېنى جىلە قىلماي بىردەم ئارامىمدا قوي . ›› ۋارقىراشلىرى بولىدىكەن .
       ھەر قېتىم مۇشۇنداق بولغاندا قىزنىڭ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ يىغلاپ كېتىدىكەن ،  ئەمما ئۆزى ئۇ يىگىتنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكىمۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى يىگىتكە بىلدۈرمەكچى ، ئۇنىڭغا ياخشىراق خىزمەتمۇ تونۇشتۇرماقچى بوپتۇ - يۇ ، يىگىتىنىڭ ئىنتىلىش ، ئىزدىنىش روھنىڭ يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ يەنە بىر مەزگىل قاراپ باقماقچى بولۇپ توختاپ قاپتۇ .
      قىزمۇ داۋاملىق يىگىتىم بىر كۈنلەردە مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ۋە كۆڭلۈمنى چۈشىنەر دەپ ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەتلەر بېرىپ،ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ، كۆزىتىپ كەپتۇ. شۇنداق بىر كۈنلەردە يىگىت نامراتلىقتىنمۇ ياكى خىزمەت تاپالمىغان سەۋەبتىن بېسىم ھېس قىلغانمۇ قىزغا بەكلا چېچىلىپ، ۋارقىراپ كېتىپتۇ ھەم ئەڭ ئاخىردا : ‹‹ مەن بولۇشۇم شۇ ، شۇنداق نامرات ، ئەگەر سەن مەن بىلەن ئۆتۈشىنى خالىمىساڭ ئايرىلىپ كېتەيلى . ›› دەپتۇ .
      قىز قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ ، ئۆيگە قايتىپ يىگىتىگە بىر پارچە خەت يېزىپ ئەۋەپىتۇ ، يىگىت خەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزلىرى پارقىراپ ، باشلىرى ئايلىنىپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. قىز خەتتىن باشقا يەنە 50 مىڭ يۈەن پۇلمۇ ئەۋەتكەن بولۇپ خەتتە يېزىلىشىچە بۇ قىزنىڭ يىگىتكە بەرگەن ئايرىلىپ كېتىش ھەققىكەن .  شۇنىڭدىن كېيىن قىز تېلېفون نومۇرلىرىنى بىراقلا ئالماشتۇرۇپ يىگىتنىڭ كۆزدىن مەڭگۈ يوقاپتۇ .

       بايلىق ۋە نامراتلىق ، ئۇ پەقەتلا بىر جەريان
      كۆپىنچە ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنىڭ نامىراتلىقىنى ئاتا -ئانىلىرىدىن كۆرىدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئاتا-ئانىلىرى تىرىشماي، ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنى باللىرىغىچە سۆرەپ يۈرىدۇ. ئاخىردا باشقىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشەلمىگەنى ، قىزدوست تاپالمىغاننى تەغدىردىن كۆرىدۇ . ھەمدە ‹‹بىزنىڭ ئۆينىڭ ھالى شۇ ، نامىراتلىق پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن . ›› دەپ ئويلايدۇ.
      لېكىن ، مۇشۇنداق ئوي -پىكىردە بولغانلارنىڭ ھەممىسى يارىماس ، قولىدىن ئىشكەلمەسلەردۇر. چۈنكى ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ  ، ئۆزى يىمەي -ئىچمەي يىغىپ ساقلاپ قويغان پۇللىرىغا بىزنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتۇپ  قويسا ، بىز ئۇلار بەرگەن پۇللارغا يەپ ئىچىپ ، ئويناپ ئەمدى بولغاندا نامىراتلىقنى ئۇلاردىن كۆرسەك قانداق بولىدۇ ؟ 
      بىلىشىمىز كېرەككى ، نامىراتلىق ئۇ بىر خاتالىق ئەمەس ، يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا بىر جەريان . ھەرقانداق ئادەم باشتىن ئۆتكۈزدىغان جەريان.  مەيلى سىز نامىرات بولۇڭ ياكى باي بولۇڭ ئەگەر تىرىشمىسىڭىز، ئۆگەنمىسىڭىز نامىرات دېگەن نام سىزگە بىر ئۆمۈر چاپلىشىۋالىدۇ . نۇرغۇنلىغانلار بېلىدۇ، كىچىك بايۋەتچىلەر  تۇغۇلغاندا ھەممە نەرسىسى تەل بولىدۇ، قولنى سوزسىلا پۇل ، ئېغىزىنى ئاچسىلا ئاش كېلىدۇ . لېكىن كۆپنچىسىنىڭ مۇھاببەتلىك تۇرمۇشى ، تويلىرى مەلۇم مەقسەتكە ، پايدا - مەنپەئەتكە باغلاشقان بولىدۇ .
      دېمەككى ، ئۆزىمىزنىڭ نامىراتلىقىدىن ئاغىرىنىپ يۈرىۋەرمەي ، ئاز-ئازدىن تىرىشساق ، ئىزدەنسەك ، باشقىلار بىلەن ئارلاشقاندا سەمىمىي بولساق ، قىزلارغا كۆڭۈل بۆلسەك  ياخشى خىزمەت، ياخشى تۇرمۇش ۋە بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشىش تەس ئەمەس.

2011-7-18 12:51:13
مۇختەر





تەقۋادار ئادەم

ۋەزىپىسى:ئادەتتىكى ئەزا
يازما سانى:12
تەجىربىسى:160
تىزىملاتقان ۋاقتى:2011-7-16

ساراڭ قىزچاقكەن

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.06 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 2:29:13