新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى تارىخقا نەزەر --> ئۇيغۇر تارىخى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى
    
 
يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:121  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 9:02:58 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-18 9:02:58
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى

يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە    ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :   بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرەەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .   

 ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .   ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .   تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋر ى بارلىققا كەلگەن .   بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن مۇقام مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر 12 مۇقام ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .  

 ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .  سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە   يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .  سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .  چاغاتاي خانلىقى ھەققىدە   چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .   خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .  چاغاتاي ھەققىدە   چاغاتاي ----- چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى ئوتتۇرا يىپەك يولى دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .  كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى   كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە كۆكتۈرك مەدىنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغان .

خانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :

1 . ئاشىنا تۈمەن ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە بومىن قاغان ، ئىلىگ قاغان ، ئېل قاغان ، تۈمەن قاغان دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .

2 . قارا قاغان قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە قالا ، ئەل ئىشىگ قاغان دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان

3 . ياندۇ ئېركىن ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا مۇقان قاغان دېگەن نام بىلەن ئاتالغان

.4 . تابار قاغان تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە تاسپار قاغان ، تابا قاغان ، تابامى قاغان دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان

.5 . ئىشبارا قاغان ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان ، ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .

 چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :1 . چاغاتاي . چاغاتاي ---- چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .2 .قارا ھېلاكۇ .قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .3 . يېسۇمۆڭكۇ .يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .4 . قارا ھېلاكۇ قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .5 . ئورفىنا ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .6 . ئارغۇ ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .7 . مۇبارەكشاھ مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .8 . بۇراق بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .9 . نىكباي نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .10 . دۇۋا دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .11 . كۈنجۈك كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .12 . تالقۇ تالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .13 . كەبەك كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .14 . ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا تارىختا ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .15 . كەبەك كەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى . 16 . تارماشىرى تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .17 . چىنگىش چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .18 . يەسۇن تېمۇر يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .19 . ئېمىل خوجا ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .20 . تۇغلۇق تېمۇر تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .21 . ئىلياس خوجا ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .22 . خىزىر جوجا خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .23 . شەمىئىي جاھان شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .24 . مۇھەممەد مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .25 . شىر مۇھەممەد شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .26 . نەقشى جاھان نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .27 . ئۇۋەيس ئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .28 . ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .29 . دوست مۇھەممەد دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .30 . كېپەك سۇلتان دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .31 . ئەھمەد ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .32 . مەنسۇر مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق خان قىلىپ تەيىنلىگەن .33 . شاھ سۇلتان شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .34 . سۇلتان مەسئۇد سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى . 1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . 2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان . 11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 18:03:41