新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەقىل ئۈنچىلىرى --> كۆڭۈلدىكى سۆزلەر ياخشى كېلىننى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈڭ
    
 
ياخشى كېلىننى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈڭ
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:112  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-17 23:30:00 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-17 23:30:00
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ياخشى كېلىننى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈڭ

ئائىلە شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى، تەربىيلىنىش ئەھۋالى، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ناتۇنۇش كىشىنىڭ ئائىلە قۇرۇپ بىللە ياشىشى ئەسلىدىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. قېيىنئانىلار كۆپىنچە ھاللاردا بۇ نۇقتىلارغا سەل قاراپ، كېلىنـىنـىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ-دە، كېلىنىگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقــان پوزىتسىيەسى بويىچە تەلەپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبلىك قېينئانا بىلەن كېلىن ئارىسىدا جــېدەل قۇرىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كېلىنىڭىزنى ياقتۇرۇڭ-ياقتۇرماڭ، ئوغلىڭىز ئۇنى تاللىدى. ئوغلىڭىزنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرماي دەيدىكەنسىز، ئالدى بىلەن كېلىنىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن قوبۇل قىلىڭ، ئاندىن مۇنىلارنى قىلىپ بېقىڭ، بەلكىم ياخشى كېلىننى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈشىڭىز مۇمكىن

باشقىلارغا كېلىنىڭىزنى كۆپرەك ماختاپ بېرىڭكى، يامان گىپىنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، چۈنكى بۇ گەپلەرنى كېلىنىڭىزنى قۇلىقىغا يەتمەيدۇ دېيەلمەيسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ.
ئۇنىڭغا ئوغلىڭىزغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ. كېلىننى ئۆز قىزىڭىزدەك كۆرگەندىلا، ھەر قانداق ئادەۋەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كېلىنىڭىزگە قوپاللىق قىلماڭ. كېلىنىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغان ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ.
ئوغلىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىڭ. ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردىن تەسىرلىنىدۇ، كېلىنىڭىزمۇ مىننەتدار بولىدۇ-دە، سىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئاشىدۇ.
ئۆز تەجىربىڭىزنى كېلىنىڭىزگە تاڭماڭ، سىزگە ماس كەلگەننىڭ كېلىنىڭىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.
ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋالماڭ. ھازىرقى ياشلارنىڭ قارىشىسىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلاشسىڭىز، كېلىنىڭىزلا ئەمەس، ئوغلىڭىزمۇ بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.05 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 17:41:34