新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى دۇنيادىكى ئشلار --> دۇنيادىكى ئشلار شىنجاڭ كېزەر دىلشادجان-تىز كۆرۈڭ
    
 
شىنجاڭ كېزەر دىلشادجان-تىز كۆرۈڭ
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:1  كۆرۈلۈش سانى:318  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-18 21:30:59 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-17 9:57:44
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
شىنجاڭ كېزەر دىلشادجان-تىز كۆرۈڭ

شىنجاڭ كېزەر دىلشادجان-تىز كۆرۈڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پوتبول سۆيەر قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ! بىرقىسىم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ خەۋەر سەل كېچىكىپ قالدى ،تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن !  
      نۇرغۇن جەۋرى جاپالارنى  بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ  توپنى ھاۋادا ئوينىتىپ كېلىۋاتقان بۇ باتۇر ئىنىمىز  بۇگۈن يەنى 2011- يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت (شىنجاڭ ۋاقتى ) 6 لەردە  ئۇكىسى دېليارجاننىڭ  ھەمرالىقىدا بارلىق يۈكتاقلىرىنى دېليارجاننىڭ ۋېلسىپىتىگە ئارتىپ ئالدىدىكى 100 كېلومېتىرلىق تاغ يولىنى بېسىپ تۇقسۇن  دىيارىغا ئوت ماكانى ، بوران شەھرىگە قاراپ ئاتلاندى ، ئۇلارنىڭ غەيرىتى شۇنچىلىك زور ئىدىكى بۈگۈن كېچە مۇشۇ يولنى چوقۇم بېسىپ بولىمىز دېگەن نىيەتتە  سەپەرنى باشلىۋەتتى ، دىلشادجان بولسا توپنى پۇتىدا ئوينىتىپ گاھ ئىگىزگە گاھ  ئىككى يانغا ، كەينىگە، ئالدىغا ئويىتىپ مېڭىۋاتسا دىليارجان ۋېلسىپىتكە يۈكلەرنى ئارتقىنىچە  كىچىككىنە قوللىرى بىلەن رولنى باشقۇرغاچ  : ئاكا غەيرەت قىل ! بىز  دېگەن ئەڭ باتۇر !  ئۇچىمىزدا ھۇررانىڭ مايكىسى بار !  بۇ تاغدىن يولۋاس چىقىپ قالسىمۇ قوقماي ،خۇددى ۋۇسۇڭغا ئوخشاش يولۋاسنى بويسۇندۇرۇپ ماڭىمىز ، قانداق ؟!  دېگىنىچە  ئاكىسىغا مەدەت بېرىپ كېتىۋاتاتتى . نېمە دېگەن غەيرەت ،نېمە دېگەن باتۇرلۇق ! بىز سىلەرگە قانداقمۇ قايىل بولماي تۇرالايمىز ! سىلەردەك ئەركەكلەر بولغاچقىلا  بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىز پۈتۈن دۇنياغا تونۇلماقتا ، ھەر ساھە ، ھەر ساھەلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانماقتا   . كىچە  ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتا ، نىشانى بويىچە تاڭ ئېتىپ سەھەردە توقسۇنغا يېتىش .... مەنمۇ بۇ كېچىدە تۈزۈكرەك ئۇخلىماپتىمەن ،توقسۇن دىيارى ھاۋا كېلىماتى ئىسسىق بولغاچقا ياز كۈنلىرى بىز دائىم ئۆگزىدە ئۇخلايمىز ، مەن ئىگىز ئۆگزىدە بىردەم - بىردەم تاغ تەرەپكە قاراپ بۇ قەيسەر يىگىتلىرىمىزنىڭ قەيەرلەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ياتاتتىم  .

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى  تاڭ سەھەر  مەن تەييارلىقلارنى قىلىپلا  مەكتەپكە كىردىم  ئوقۇغۇچىلار ئاللىقاچان يىغىلىپ بوپتۇ ،مەن ئىشخانىدىكى كەسىپدىشىم رەشىدە مۇنبەردىكى wektoriya  ئىككىمىز  مەكتەپ  ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كاماندا ئەزالىرىنى ئېلىپ سەپەرگە ئاتلاندۇق ،بىز ئىككىمىز خېلى كۈنلەردىن دىلشادجاننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈرەتتۇق مانا ئاخىرى بۇ كۈنمۇ كەلدى ، يولدا  ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشقىلى تۇردى ،شۇ ئارىدا مەن تېلفوندا ھازىرققى ئەھۋالىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم  تېلفون ئېلىندى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھەدە  ياخشىمۇ سىز ؟ 
   - ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام ، قانداقراق ئەھۋالىڭلار ! ھازىرقى ئورنۇلار قەيەر ؟  
    _ تاغدىن چىقىشقا 15 كېلومېتىر قاپتىمىز ، بىراق ۋېلسىپىتنىڭ كامىرى تېشىلىپ كېتىپ ئالماشتۇردۇم يەنە بولمىدى ،شۇڭا ھازىر بىر ماشىنىنى تۇسۇپ سېلىپ قويدۇم ، ئۇكاممۇ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي بىللە سېلىپ قويدۇم .   


   - غەم قىلماڭ بىز ھازىر تاغدىن چىقىش ئېغىزىدا  سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز ، ماشىنا يېتىپ كەلسىلا دىليارجاننى ئېلىۋالايلى دەپ تېلفوننى بېسىۋەتتىم ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر كۇزۇپلۇق ئاق ماشىنا كەلدى ، دېگەندەك ماشىنىدا بىر شاكىچىك بار ئىدى ، ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۋېلىپ قارىسام بىچارە بالا بۇ سەپەردە قارىداپ كېتىپتۇ لېكىن شۇنداق روھلۇق كۆرۈندى ھەممىمىز قىزغىن كۆرۈشۈپ دىلشادجاننىڭ خەۋىرىنى سوراشتۇق ، ئاكىسىنىڭمۇ بىردە يۈگۈرۈپ بىردە توپ تېپىپ تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى بەردى ، بىز ھەممىمىز تاغ ئېغىزىدا تەقەززالىق بىلەن كۈتتۇق ،كۆرۈشۈش مىنۇتلىرىمۇ ئاخىرى كەلدى ،تاغنىڭ كەينىدىن مۈرىسىگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقان ھەم  بايراقنى قىستۇرغان بىر يىگىت توپنى ھاۋادا ئويناتقىنىچە كېلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ شي ھالەتلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ -ئىچىمدىن قايىل بولدۇم ، نېمە دېگەن قەيسەرلىك ھە ! شۇنچە مۇساپىنى بېسىپمۇ شۇنداق تېزلىكتە كېلىۋاتقىنىنى ، شۇ خىياللاردا كۆزلىرىم بىر نوقتىغا تىكىلدى ،بىر ئوقۇغۇچىم مۇئەللىم نىمە بولدىڭىز ؟ بۇ ئاۋاز بىلەن كۆزلىرىمدىكى ھاياجان ياشلىرىمنى سۈرتۈپ 20 مېتىر لا قالغا دىلشادجانغا قاراپ يۈگۈردۈم  ، بىز كۆرۈشتۇق ! مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان يولىغا ئىنتىزار بولغان ئوغلۇمنى قۇچاقلىغاندەك ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ   كۆرۈشتۈم . ئوقۇغۇچىلار تەرەپ- تەرەپتىن ئۇسسۇلۇقلارنى ئېلىپ كېلىپ دلشادقا تەڭلىدى ، ئەھۋالىنى سورىدى ،سەپەر داۋاملاشتى تاغ ئېغىزى بىلەن توقسۇن بازىرىنىڭ ئارىلىقى 20 كېلومېتىر كېلەتتى ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى توپلىرىنى ئېلىپ دىلشادجان بىلەن بىللە توپ ئوينىتىپ مېڭىشتى ...... بازارغا كىرىش ئېغىزىدا زورمۇ - زور ماشىنىغا سېلىپ ئۇدۇل توقسۇن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدۇق ، بىزنى ساقلاۋاتقانلار خېلى كۆپ بولۇپ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ۋە شەھەر قۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئابلىمىت ،ئابلېكىم ، ئەبەيدۇللا ، ھامۇتجان ھاكىمجان قاتارلىق ھۇرراچىلار تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ،قىزغىن كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن چۈشلۈك تاماققا چىقتۇق ،ھەممىمىز بىرلىكتە   تاماققا ئولتۇردۇق  مەن دىلشادجاندىن : ئۇكام توقسۇننىڭ لەغمىنى ئاغزىڭىزغا تېتىدىمۇ دەپ چاق-چاق ئارىلاش سورىدىم  ، ئۇ : 
   _ ھەدە بىر دېمەڭ توقسۇن لەغمىنى ھەقىقەتەن داڭ چىقارغانغا چۇشلۇقكەن ، مەن مانا ھازىر لەغمەنگە قېنىپتىمەن ، ماۋۇ گۆشمۇ بەك تاتلىك پىشىپتۇ ، بىزنىڭ كۈنەستىمۇ  بۇنچىلىك ئاغزىمغا تېتىماپتىكەن دېسە ... ھا ھا ھا ..  
   _ ئۇكام توقسۇننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بوپ قالماي مانا مۇشۇنداق ياخشى تائاملىرىمۇ بار جۇمۇ دەپ ئۆزەمچە ماختىنىۋالدىم .  بۈگۈن توقسۇن ھەقىقەتەنمۇ ئىسسىق ئىدى  ئېلان قىلىنغان گىرادۇس 47 بىراق ئۆلچەپ باقساق بىلىمىز 50 تىن ئېشىپ كەتكىنى ئېنىقلا ، چۈشلۈك دەم ئېلىشقا بىز ئورۇنلاشتۇرغۇچە شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىدىكى  ئابلىمىت قاتارلىق ھۇرراچىلار ئاللىقاچان ناھىيىلىك مېھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ ، بىزمۇ ئامال يوق يول قويدۇق ، چۈشلۈك ۋاقىت ئىسسىقتا يوللاردا مېڭىشمۇ تەس ئىدى ، كەچقۇرۇن بىز يەنە جەم بولدۇق ، ئابلىمىت ، ئابلېكىم ، ئەبەيدۇللا قاتارلىق يىگىتلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىچە مۇھىتى ۋە تاماقلىرى پاكىزە بولغان بىر ئارامگاھقا كىردۇق ، شۇ ئارىدا مەن توقسۇننىڭ كايماقلىرىنى ۋە ئۆزەم ئالاھىدە ئىشلەپ ياققان توقاچلار بىلەن دىلشاتجانغا  تېتىغۇدەك بىر ئەتكەن چاي قىلىپ بارەي دەپ ئويلىدىم دەرھاللا تەييار قىلدۇق  دىلشادجانمۇ ماختاپ يۈرۈپ ئەتكەن چاينى ئىشتىھا بىلەن ئىچتى ، ئارامگاھنىڭ ھەر خىل يەرلىك تائاملىرىدىن تەييار قىلدۇرۇپ ھەممىمىز گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇشتۇق ، دىلشاتجانمۇ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى ، كەچلىكى ھەممىمىزلا دىلشاتجاننى ئۆيلىرىمىزگە ئېلىپ بېرىشنى دېگەن بولساقمۇ ۇ يەنىلا مېھمانخانىغا قايتقۇسى بارلىقىنى دەپ تۇراۋالدى بىزمۇ ئامالسىز ئۇنىڭ تاللىشىغا بويسۇندۇق .   
    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بۈگۈنكى ھاۋارايى سەل تۈۋەن بىراق قاتتىق بوراندىن خەۋەر بار ئىدى ، ئاللاھ ئىگەم بۇ يۇرتلارنى شۇنداقمۇ يارىتىپتۇكى ھاۋاسى ئىسسىق  كىشىلىرىنىڭ مىھرى ئۇندىن ئىسسىق ، دائىملا شامال چىقىپ تۇرىدۇ باشقا يۇرتلاردىكىلەردەك قولىمىزغا يەلپۈگۈچنى ئالمايمىز ، تەبىئىي يەلپۈگۈچ بىز بىلەن بىللە ، ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن دىلشادجاننى يىگىتلىرىمىز بەكلا تۇتىۋالدى ، ئۇمۇ سالاغا بوشكەن ھە دەپلا تۇرۇپ قالدى ( سەل چاق -چاقمۇ ئارلىشىپ كەلسۇنچۇ دىلشادجان  غۇلجىلىق ئەمەسمۇ  ) كۈندۈزدە ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا كەچقۇرۇنلۇق سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆندۈردۇق ،شۇنىڭ بىلەن توقسۇن بازارلارنى ئانچە مۇنچە ئايلاندۇرۇپ چۈشلۈك تاماقلارنى بېرىپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق ، تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم بۇ ئۇكام نىمە دەپ قالغاندۇ  ؟ دەپ  يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى پەقەتلا يوق ،شۇنداق بولسىمۇ كەچقۇرۇن بوران ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشى ئېنىقلا شۇ ۋەجىدىن  كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا  ئۈزۈم ماكانى تۇرپانغا ئۇزۇتۇش يولىغا ئاتلاندۇق ، غول بويى يېزىسىنىڭ يېڭى ئاۋات دېگەن يېرىگە كېلە كەلمەيلا بوران چىقىشقا باشلىدى ، چىققاندىمۇ بار ئاچچىقى بىلەنلا كەلدى ، ھەممىڭلار بىلىسىلەر بىزنىڭ توقسۇندا بوراننىڭ كۈچلىكلىكىدىن بىر پويىزنىمۇ ئۆرىۋەتكەن ، ئەجىبا دىلشادجان پويىزدىنمۇ كۈچلىكتىمۇ ؟!  بىز ھەممىمىز نەسىھەت قىلدۇق ،بىرى بۈگۈن ئاخشاممۇ توقسۇندا قونۇپ قېلىش يەنە بىرى ماشىنا بىلەن تۇرپانغا يەتكۈزۈپ قويۇش ، ئابلىمىت قاتارلىق ھۇرراچى يىگىتلەر بىردەمدىلا نەچچە ماشىنىنى ئېلىپ كەلدى ،نۇرغۇن تالاش تارتىشلاردىن كېيىن يەنىلا ئامال قىلالماي دىلشادجاننىڭ تاللىشىنى لايىق تاپتۇق لېكىن دەككە -دۈككىدە بىزمۇ جىم تۇرالمىدۇق ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ بىللە ماشىنا بىلەن ماڭامدۇق ؟ ماشىنا مېڭىش مۇمكىن ئەمەس ،پويىزنى ئۆرىۋەتكەن بوران  ، ماشىنىنى ئەلۋەتتە ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ دە ... 
     بىراق دىلشادجان : مەن بۇ بورانغا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلەيمەن ،پويىزنى ئۆرىۋەتكەن بىلەن مېنى ئۆرەلمەيدۇ ، ھەم ئۇچۇرۇپمۇ كېتەلمەيدۇ دېدى . بىز ھەممىمىز بىر -بىرىمىزگە قاراشتۇق ،پەقەت ئامال قىلالمىدۇق ، ئاخىرى ئۇزاتتۇق ..... ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ھېچنىمە توغرا كەلمەيدقكەن ،مەن ئاسانلىقچە بىرەرسىگە قايىل بولمايتتىم مانا بۈگۈن بۇ باتۇر  بۈركۈتكە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ، بۈگۈن ئەتتىگەن مانا تۇرپانغا تېنىچ ئامان بارغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ ئاندىن بۇ تېمىنى سىلەرگە يوللاۋاتىمەن .. ئاللاھ ئىگەم بۇ يىگىتنىڭ بارلىق مۇراد مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇن ، باسقان قەدەملىرىنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن ! بۇ پائالىيەت بىر قىسىملار ئۈچۈن ئاددىلا بىر ئىش ، بىراق ئويلاپ بېقىڭ سىز بازارنى ئايلىنىپ كىرگۈچە قانچىلىك چارچايسىز ؟ بۇ ئىرادە كىشى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز   بىر ئىرادە ھاساپلىنىدۇ ،دىلشادجانغا ئوخشاش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۇيغۇر پوتبولچىلىقىمىزنىڭ تەرەقىي قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى ،كۆپلەپ مەبلەغ بىلەن تەرەقىي قىلدۇرىشىنى  ئۈمۈد قىلىمەن ..  ھەممىمىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ پوتبول ئۈچۈن ھۇررا !ھۇررا !  


             قەلەمدە : زاكىرە   ( رەيھانگۈل ئەبەيدۇللا   توقسۇن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى )
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://www.urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=3098

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

2011-7-18 21:30:59
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ماقالىنى ئاجايىپ ياخشى يىزىپسىز!تىلى راۋان،تەبىى چۈشۈنۈشلۈك بولۇپتۇ....ەسلى گەپكە كەلسەك ئىنىمىز دىلشاتجاننىڭ بۇ سەپىرىگە ئۇتۇقلار تىلەيمىز...غەيرەت قىلىڭ!!
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.06 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 16:59:11