新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش --> مۇۋاپپىقىيەت دەرىسلىكلىرى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتا...
    
 
مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتا...
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:0  كۆرۈلۈش سانى:192  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2011-7-14 12:36:53 by سەئىدىيە

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2011-7-14 12:36:53
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:مۇنبەر باشلىقى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتا...

1.نىشان
ئىگىلىك تىكلەشتە بىر ئالىي جاناب چىقىش نۇقتىسى بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ باشقۇرۇشىدا، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئالغا باسالايسىز. ئەگەر سىز پەقەت پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاش ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئېھتىياجىڭىز كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن، ئىگىلىكىڭىز بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. شۇڭا سىز پۇل تېپىشنى ئىگىلىك تىكلەشتىكى نىشان قىلىۋالماسلىقىڭىز كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشتىكى چىقىش نۇقتىڭىز جەزمەن ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشى، سىزگە داۋاملىق ئالغا بېسىش، بۇ ئىشىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى سىز مەلۇم ئىشنى قىلىشتىكى غايە ۋە نىشان بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئىچكى كۈچنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم.
بۇ ھەقتە مايۈننىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار:« شىركەت غايە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلەشمىسىدىن شەكىللىنىشى كېرەك. ئەگەر غايە بولمىسا، سىز كەلگۈسىگە قاراپ ماڭالمايسىز، ئەگەر سىز ئەمەلىي بولمىسىڭىز، بۈگۈندە ياشىيالمايسىز.
2. ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز قوللىنىشى سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. سىز قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ۋە كۈلپەتكە ئۇچرىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇھىم يۆلەنچۈكلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولىسىز. شۇڭلاشقا، سىز ئالدى بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرنى قايىل قىلىشىڭىز، ئۆزىنىڭ بىر ئىشلارنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئارقا تېرىكىڭىزدۇر. ئەمدى دوستلىرىڭىزغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ يول بويىڭىزدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىمىزغا ئوخشايدۇ. ياكى ئۇلار سىز ماڭىدىغان ئۇزۇن يولدىكى مۇلازىمەت پونكىتىغا ئوخشايدۇ. دېمەك، سىزنىڭ ئۇلارغا ھاجىتىڭىز چۈشمەي قالمايدۇ. سىز ئۇلارنى قەدىرلىشىڭىز، ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىشىڭىز كېرەك.
3. ئەترەت
ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ كەتتى. شەخسنىڭ قەھرىمان بولىدىغان دەۋرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. شۇڭلاشقا، سىز بىر ئەترەتكە ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدە بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى باشقۇرالايدىغان، ئۇلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز بىر ئەترەت تەشكىللەپ، ئۇلارنى ياخشى ماسلاشتۇرالمىسىڭىز، ئۇنداقتا، سىز ئىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرەلمەيسىز. شۇڭلاشقا، سىز ئەترەت تەشكىللەشتە، ئالدى بىلەن ئوخشاش ۋە ئاكتىپ پىكرىدىكى كىشىلەرنى تاللىشىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ھەمدە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئاتا قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا سىز مۇھىم بىر قەدەمنى پۇختا باسقان بولىسىز.
4. تەجرىبە
«دەريانىڭ ئاستىدىكى تاشنى تۇتۇپ تۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈش» تولىمۇ خەتەرلىك ئۇسۇل. سىز بەلگە جىسىم قىلغان تاشلارنى ۋاقتى كەلگەندە بېشىڭىزغا تېگىپ، سىز ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. دېمەك، ئىگىلىك تىكلەش قېيىنلىق ۋە خەتەرلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان كەسىپتۇر. شۇڭا سىز بۇنىڭدا تۇيغۇڭىزغا ئاساسلانسىڭىز ياكى باشقىلار ماڭغان يول بىلەن نىشانىڭىزغا يەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا خاتالاشقان بولىسىز. شۇڭلاشقا سىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈشىڭىز، شۇ ئارقىلىق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇشىڭىز، ئۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا جانلىق ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
5. ئىجرا قىلىش كۈچى باشقۇرۇش ئىقتىدارى
بەلكىم سىز دەسلەپتە قۇرغان ئەترەت ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، سىز باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر تاپشۇرغان ئىشلار ئىجرا بولمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بىكار بولغان بولىدۇ. پەقەت ئىشلار ئىجرا بولغان ۋاقتىدىلا، ئاندىن سىز خىزمەت قىلغان بولىسىز، ئەترەت خىزمەت قىلغان بولىدۇ، سىزنىڭ ئىگىلىكىڭىز ئالغا قاراپ سىلجىيدۇ. مەيلى بىر ئەترەت بولسۇن ۋە ياكى بىر شىركەت بولسۇن، پەقەت كۈچلۈك باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يېتەرلىك ئىجرا قىلىش كۈچى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تاپشۇرۇلغان ئىشلار لايىقىدا، ئۆلچەملىك ئىجرا بولغان ۋاقىتتا، ئاندىن تەرەققىيات بولىدۇ.
6. مەبلەغ
مەبلەغ ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى پۇل تاپىدىغان بىر سۇپا بەرپا قىلىش. ئۇ سۇپا بەرپا بولغاندىن كېيىن، پۇل ئۆزى كىرىشكە باشلايدۇ. ئەمما، سىز بۇ سۇپىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سىزدە بەلگىلىك مەبلەغ بولۇشى كېرەك. سىز بۇ خىل مەبلەغنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ، باشقىلاردىن قەرز ئالسىڭىز ياكى بىر قانچە دوستلىرىڭىز بىلەن تەڭ مەبلەغ چىقىرىش ئارقىلىق بۇ مەبلەغگە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، بۇلارنى جەزمەن تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
7. چىدامچانلىق
ئەگەر سىزدە يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، چىدامچانلىق بولمىسا، سىز ئەڭ ياخشى ئىگىلىك تىكلەيمەن، دېمەي پوسمىڭىزغا ئاپتاپقا قاقلاپ قويۇپ، پادىڭىزنى بېقىڭ. ئەگەر سىزدە چىدامچانلىق بولمىسا، سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى پەقەت ۋە پەقەت سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قىلغان كۆپۈكتىن ئىبارەت. ئىگىلىك تىكلەيمەن، دەيدىكەنسىز ناھايىتى چىدامچان بولۇشىڭىز، غەيرەتلىك بولۇشىڭىز، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالايدىغان، نىشان يۆنىلىشىڭىزنى يوقىتىپ قويمايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ بېشىڭىزغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا يەنە سىز بەل قويۇۋەتمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىڭىز، تېرىشىشىڭىز كېرەك.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.03 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-12 5:13:21