新建网页 2

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى ئەدەبىيات گۈلزارى --> نەسرىي ئەسەرلەر ئاماننىسا خېنىم
    
 
ئاماننىسا خېنىم
تېما يوللىغۇچى:سەئىدىيە  ئىنكاس سانى:2  كۆرۈلۈش سانى:253  ئاخىرقى يېڭىلىنىش ۋاقتى:2010-7-25 20:42:15 by گۆگەرچىن

كۆرۈنۈش تاللاش تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش تەرتىپى:
2010-4-6 3:59:21
سەئىدىيە





يۇرت بىشى

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:154
تەجىربىسى:3010
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-3-30
ئاماننىسا خېنىم

ئاماننىسا خېنىم

 

ئاماننىسا خېنىم مىلادى  1533-يىلى يەركەننىڭ بەشكەنت يېزىسىدا مەخمۇت ئىسىملىك نامرات ئوتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەخمۇر ئاكا ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ، ئانىسىدىن يېتىم قالغان يالغۇز قىزى ئاماننىسانى ئۆزى ئوقۇتۇپ تەربىيىلىدى. ئاماننىساخېنىم كىچىگىدىنلا چېچەن، زېھنىلىك، ئەقىللىق قىز ئىدى. سازغا ھەۋەس قىلاتتى ھەم شائىرەلىكتە ئىزدىنەتتى. ئۇ يۈسۈپ سەككاكى، نەۋائى، لۇتفى... قاتارلىق مۇتەپپەككۈر ئالىم ۋە مۇزىكاشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنەتتى ھەم ئۆزى شېئىر يېزىپ ئاھاڭ ئىشلەپ چالاتتى...  
سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇرېشىتخان، بىر كۈنى پۇخراچە كىيىنىپ، يېنىغا ئەكرەم دېگەن مۇھاپىزەتچى يىگىتنى ئېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئۆز ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن پۇقرالارنىڭ پىكىر-باھالىرىنى بىلىش مەقسىتىدە شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر خارابە كەپە ئالدىدا توختاپ، مۇشۇ نامرات ئائىلىدىن ئەھۋال سوراشنى ئويلايدۇ. ئەسلىدە بۇ ئوتۇنچى مەخمۇت ئاكىنىڭ كەپىسى ئىدى. ئابدۇرېشىتخان مەخمۇت ئاكا بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تامغا يۆلەكىلك ساتارغا كۆزى چۈشىدۇ ۋە مەخمۇت ئاكىدىن ساتار چېلىپ بېرىشنى سورايدۇ. مەخمۇت ئاكا ساتارنى قىزىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى چالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇلۇڭدا تارتىنىپ ئولتۇرغان ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىزىنى كۆرسىتىدۇ. مېھمانلارنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغان ئاماننىسا، دەرھال قولىغا ساتارنى ئېلىپ ئۆزى نەزمە تۈزەپ  پەنجىگاھ  مۇقامىغا ماھىرلىقى بىلەن چېلىپ، ئابدۇرېشىتخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ.
قىزنىڭ: ساڭا يۈز شۈكرى، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،   پېقىر- مىسكىنلەرگە ئابدۇرېشىتخاننى پاناھ قىلدىڭ. نەفىسە كېچە يۆكۇندۇز دۇئا قىلدى تەڭرى قۇددۇسقا،      كى شاھ ئالدىدا قىلماس قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ.دەپ ئوقۇغان غەزەللىرىدىن مەڭدەپ قالغان سۇلتان ھاياجانلاغان ھالدا قىزدىن «نەفىسە» دېگەنىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ بۇ غەزەل، مۇقاملارنى كىمدىن ۋە قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەكچى بولىدۇ. قىز مېھمانغا قاراپ: «نەفىسە» مېنىڭ تەخەللۇسۇم، مەن نەۋائى، فۇزۇلى... قاتارلىق شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇيمەن، يۇقىرىدا ئوقۇغانلىرىم ئۆزۈمنىڭ غەزەللىرى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە سۇلتانغا ئۆزىنىڭ يازغان غەزەللىرىنى كۆرسىتىدۇ.   ئابدۇرېشىتخان يۇقىرى ماھارەتلىك بۇ قىزنىڭ غەزەللىرىگە چالغان سازىغا ئاپىرىن ئېيتىپ: مەن قاراپ تۇراي، سىز بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ، دەيدۇ. 
ئاماننىسا قولىغا دۈگەت، قەلىمىنى ئېلىپ شېئىر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۇپلىتى مۇنداق:      «... يارەپ پۇسەنت قىلدى ئەجەب سۇئى زەن ماڭا،      گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا»   دەپ يازىدۇ. ئابدۇرېشىتخان بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ: ئىشەندىم، شائىرە ھەجۋىي قىلمىسىلا... دەيدۇ.   ئاماننىسا خېنىمنىڭ خۇش خېتى ئۆزىنىڭ گۇزەل چېھرىسى بىلەن ھۆسىن تالاشماقتا ئىدى.   ياش سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئاماننىسا خېنىمغا ئاشىق-بېقارار بولۇپ، دەرھال ئوردىسىغا قايتىپ، مەخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار رازى بولغاندىن كېيىن، شاھانە توي مەرىكە قىلىپ، ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ.   ئابدۇرېشىتخان مەدەنىيەت سۆيەر، مۇزىكا خۇشتارى، ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئاماننىسا خېنىمنىڭ مۇزىكا ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشىغا زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاماننىسا خېنىم ئابدۇرېشىتخان بىلەن يىگىرمە يىل بىرگە ئۆتۈش جەريانىدا پۈتۈن ھاياتىنى مۇزىكا مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىش، رەتكە سېلىش، ئىجاد قىلىش، سىستېمىلاشتۇرۇش، مۇزىكا تالىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش...تەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلىدى ۋە « 12 مۇقام» قامۇسىنى يېزىپ جاھان مۇزىكا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قىلىپ قوشتى. 
ئۇيغۇر خەلقىىڭ تارىخىي ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى «12مۇقام»غا كىرگۈزۈلگەن ئاھاڭلار فورمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.12مۇقام «راك»، «چەببىيات»، «مۇشاۋرەك»، «چارىگاھ»، «پەنجىگاھ»، «ئۆزھال»، «ئەجەم»، «ئوششاق»، «بايات»، «ناۋا»، «سىگاھ»، «ئىراق»لاردىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن  12 مۇقام  170تىن ئارتۇق ئاھاڭ،   2 7 خىل نەغمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنى باشتىن ئاياغ بىر قېتىم ئوقۇش ئۈچۈن 20 نەچچە سائەتتىن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. ئاماننىسا خېنىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شىجائەت ۋە ئىجتىھات بىلەن12مۇقامنى رەتلەپ، ئىسلاھ قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغاندا مۇنۇ ئۈچ نۇقتىنى ئاساس قىلغان: 
بىرىنچى،  10 -  15-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ۋە ئىنتايىن كەڭ تېررىتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، بىراق ئۆزلەشمىگەن غەيرىي مۇقاملاردىكى ئېلىشاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئاھاڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە قايتا رەت سالغان.  
ئىككىنچى، «چوڭ نەغمە»، «داستان»، «مەشرەپ»تىن ئىبارەت مۇقام شەكىللىرىنى ھەرقايسى مۇقاملىق كۈي شەكلى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرگەن ۋە قېلىپلاشتۇرغان.  
ئۈچىنچى، مۇقام مۇزىكىلىرىنى خۇراپاتلىق ۋە بىرقەدەر چۈشىنىكسىز ئىبارىلەر بىلەن تولغان شېئىرىيەتتىن ئازاد قىلىپ،  ئوز دەۋرىدە كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر-تۈرك شېئىرىيىتى بىلەن تېكىسلەشتۈرگەن.»   ئاماننىسا خېنىم ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋانە نەفىسە»(«نەفىسە شېئىرلىرى»)، «ئەخلاقىي جەمىلە» («گۈزەل ئەخلاق») (بۇ ئەسەرلەردە ئاياللارغا قارىتا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىنغان). «شوروئىل قۇلۇپ» («قەلبلەر ھېكمىتى») ناملىق كىتابلارنى يازدى ۋە «ئىشرەت ئەڭگىز»(شادلىق قوزغىغۇچى كۈي)ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلدى.
ئۇ، مىلادىيە  1567-يىلى  34 يېشىدا تۇغۇتىدا ۋاپات بولدى.   ئاماننىسا خېنىمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى گۈللىنىۋاتقان سەئىدىيە سۇلتانلىقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. خۇسۇسەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىش بولۇپ، ئۇ، بۇ ئېغىر جۇدالىقنى كۆتۈرەلمەي سەۋدايى كېسىلىگە دۇچار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.   ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنى قانۇنلىرىدا دىنىي ئەقىدىلەردىن ھالقىپ كېتىدىغان بىرەر ئىلغار كۆز قاراش ۋە ئىلمىي مۇتالىئەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەتتا ئەرلەر ئىچىدىمۇ تەقىپ قىلىناتتى. مۇزىكا، ئۇسسۇل سەنئىتى بولسا ئاللىقاچان چەكلەنگەن بولۇپ، پەقەت مەخپىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلاتتى.   ئاياللار بۇ جەھەتتە ھوقۇقسىز دېگۈدەك بولۇپ، ئىلىم-سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنالمايتتى. ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق دىنىي خۇراپى ئىجتىمائىي تۇسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھنىسىدە نامايان بولدى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى سەھىپىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئورۇن ئالدى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

2010-7-25 20:42:15
گۆگەرچىن





ئەسكەر

ۋەزىپىسى:باشقۇرغۇچى
يازما سانى:11
تەجىربىسى:112
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-7-25
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن..
ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى

لىنىيىدىكىلەر ئۇچۇرى
نۆۋەتتە مەزكۇر يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار: 1 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار 0 نەپەر، مېھمانلار 1 نەپەر.


新建网页 1

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى،بىلىمنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور خىزمەت گۇرپىسىغا مەنسۇپ    QQ: 904530804

  • ئالاقىلىشىڭ - سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تور مۇلازىمىتى - ساقلىۋېلىش - چوققىغا قايتىش
    BBSXP 2008 ھەقىقى نۇسخسى © 2005-2011 بىزنىڭ ئۇيغۇر كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 0.08 سېكۇنت
    مۇلازىمېتىر ۋاقتى 2011-9-13 9:45:20