ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى » ماقال - تەمسىللەر » ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى
«1 2 » Pages: ( 2/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 235 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار تۈمەن

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 159
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 140
UID نۇمۇرى : 4314
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 1491 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 138 نۇمۇر
قوللاش: 109 نومۇر
ئالقىش: 76 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-30

ھەممە ئىشنى موللا بىلەر،موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر.

ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.

تۆمۈرنى قىززىغىدا سوق.

ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس،تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا.

قارۇغىنىڭ شەھرىگە بارساڭ،بىر كۆزۆڭنى قىسىۋال.

شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.(نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنى)

ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا.

ئۆز ئىلىڭنىڭ نېنىنى يە ،كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

مېلىڭ كۆپ بولغۇچە،دوستۇڭ كوپ بولسۇن.

ئوسۇراقنىڭ پىس-پىسى يامان،گەپنىڭ كۇس-كۇسكۇسى.

سامان قاتماي لاي بولماس،ھارام قاتماي باي.

سەۋزىدىن خەۋەر يوق.گۈرۈچ دەم يەپتۇ.

كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە.ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

كۆزۇڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت،چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى.

موللامنىڭ دىگىنىنى قىل،قىلغىنىنى قىلما.

ئۆز يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش.

ئىت ئۇغۇچىغا ئامراق.

چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە،موشۇكنىڭ قۇيرۇغىنى چىشلەپتۇ.

يېنىدا بولسا،يالىغىنى ئەسقاتار.

يىراقتىكى موللا داموللا،يېقىندىكى موللا جا.

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە،ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.

ئىشەك ،ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.

تۈگمىنى دەپ ،تۆگىدىن قۇرۇق قېلىش.

چىراق تۈۋى قاراڭغۇ.

قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار،يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.

ئەگلەككە چىقىپ،ئەرگە تەگمەك.

ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ.

پالتا چۈشكىچە،كۆتەك دەم ئاپتۇ.
مەيلى دەيتتىم گەپمۇ قىلمايتتىم،
قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىغىم كىلىپ،
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 04:15
بۇ ئەزا توردا يوق تەكلىماكان

ئالىي ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1732
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 267
مەزھەپ:تەكلىماكان تەكلىماكان
UID نۇمۇرى : 2038
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1576
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1576دانە
شۆھرەت: 1213 نۇمۇر
پۇل: 327 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1786 نۇمۇر
قوللاش: 1623 نومۇر
ئالقىش: 909 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

نادانغا كۆڭۈل بەرگەنلىك، ئىشەككە مۇراببا بەرگەنلىككە باراۋەر.

تىلى ياتنىڭ دىلى يات.

دوسلارنىڭ كۆپلەپ ماقال-تەمسىللەرنى ئەۋەتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

تومپايغا نەسىھەت قىلغان قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.

نادانلار بىلەن تەڭ بولما،جاھىللاردىن قاچ.

پۇلى بارنىڭ غىمى جىق ،پۇلى يوقنىڭ گېپى...

تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.

گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلەر.

پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.

تامار - تامار كۆل تولار.

جەننەت ئانا ئايىغى ئاستىدا.

ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى.

ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.

ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ .

ئىسسىمىغان كاڭدىن كارۋات ياخشى، ئىزدەشمىگەن تۇققاندىن يات ياخشى.

خوشنا بولساڭ يۆلەك بول ، بولمىسا بۆلەك بول.

دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.

سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.

مۈشۈك مۈشۈكنى چىشلىسە، چاشقان چاۋاك چالار.

سۇغا سالساڭ سۇ ***ۈرەلمەس مىسقال تۈمۈرنى ،ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى .

ياخشىغا ئىشارەت، يامانغا جۇۋالدۇرۇز.

بىشىدا تۇرمىغان ئىشنىڭ قىشىدا تۇرما.

ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپۇر،

پالتا چۇشكىچە ، ***ەك ئارام ئاپتۇ.

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە .

سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس.

ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل-يۇرتۇم دەپ ئۆلەر.

ئانا تىلىڭ -ئىككىنجى ئېلىڭ.

ئەلدىن ئايرىلغىچە جاندىن ئايرىل.

ئەلنى سىغىنغان ئايغا باقار،

ئەلدىن كەچكەن لايغا پاتار.

ئەلنىڭ نۇمۇسى-ئەرنىڭ نۇمۇسى.

بىلىڭنى سۇندۇرغان ئىلىڭنى سۇندۇرالماس.

جاندىن كەچسەڭمۇ ماكاندىن كەچمە.

ۋەتەنسىز ئادەم---ھاياتى ماتەم.

ۋەتەنسىز ئادەم---ھوسولسىز يەر.

ۋەتەنسىز ئادەم---ناخشىسىز بۇلبۇل.

ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرتى ئالىم بولۇر.

كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.

ئالدىرىغان يولدا قاپتۇ.

ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.

قوي قوزىلار بىرە-بىرە،يۈرەر يايلاقتا گىرە-گىرە،
ئىت كۈچۈكلەر گىرە-گىرە،يۈرەر تالادا بىرە-بىرە.

ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا،
ياخشى ئىشقا پۇتلاش تولا.

ئامىتى كەلگەن كىشىنىڭ شىشىسى تاشنى چاقار،
ئامىتى قاچقان كىشىنىڭ ھالۋا يەپ چىشى سۇنار.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻳﻮﻏﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺳﯩﻨﺎ،
ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﻮﻏﺎﻧﻨﻰ -- ﺗﻮﻳﺪﺍ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻣﺎ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎﻥ،
ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺎﻕ ﺗﯧﺮﻩﺭ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﺵ ﻳﻪﻳﺪﯗ،
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺷﺎﻟﻼﻕ -- ﺗﺎﺵ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﯞﻟﻪﭖ ﺋﯩﭽﻪﺭ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ، ﺩﯨﻠﻰ ﻣﺎﻳﻤﺎﻕ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﮬﻪﺳﻪﻝ،  ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ،
ﻳﻮﻟﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ -- ﻛﻪﭺ.

ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻣﻮﺯﺍﻱ،
ﻗﻮﺵ ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺋﯧﻤﻪﺭ.

ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺩﯦﻤﻪ،
ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﻤﻪ.

ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ،
ﻳﺎﻗﺎﻣﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﻰ.

ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺗﯜﻛۈﺭﻣﻪ.

ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻝ،
ﭼﯩﺸﯩﯔ ﺳﯘﻧﻤﯩﺴﯘﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮىدىن
( ﺋﺎﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )

ﺋﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭼﺎﭺ ﺑﻮﻟﺴﯩﯘﻥ.

ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻱ،
ﻻﻳﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﺗﯟﺍﻱ.

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺭ.

ﺋﺎﻕ ﺋﯩﺖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯩﺖ ﺑﻪﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺖ.

ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ،
ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ.

ﺋﺎﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﮬﺎﺭﻣﺎﺱ،
ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺗﻮﺯﻣﺎﺱ.

ﺋﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﻮﻕ،
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ -- ﭼﺎﺭﻩ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ -ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
( ﺋﺎﻱ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )

ﺋﺎﻱ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺴﺎ،ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﻏﺎﺭ،
ﻛﯘﻥ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺴﺎ،ﻛﯜﻧﺪﻩ.

ﺋﺎﻱ ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯓ،
ﺗﺎﯞﯨﻐﯩﻨﯩﯔ -- ﺗﯧﺸﯩﻨﻰ.

ﺋﺎﻱ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ،
ﺋﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ -- ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ.

ﺋﺎﻱ -- ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ،
ﻳﯩﮕﯩﺖ -- ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ.

ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ،
ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.

ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ -- ﺋﺎﻳﺎﻕ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ -- ﺗﺎﻳﺎﻕ.

ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﭽﻰ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ.

ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.

ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ.

ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ،
ﺑﻪﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻕ.

ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ،
ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ.

ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ،
ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻝ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮىدىن
( ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﻮﻛﺎ ﺳﯘﻧﺴﯩﻤﯘ،
ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﻤﻪﺱ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﺮﯨﻤﺎﺱ،
ﺩﺍﯞﺍ ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﺱ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ،
ﺋﺎﺩﻩﻡ -- ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﻪ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪ،  ﮬﯜﻧﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻤﺎﺱ،
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻏﻼﻥ ﭼﯚﻟﺪﻩ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ -- ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﺗﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ،
ﭘﺎﺧﭙﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻝ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺸﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺴﻪﻥ

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ،
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ -- ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺌﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﯩﭽﻪ،
ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻗﺘﺎ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﭻ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯜﺯﯛﻛﻜﻪ -- ﻳﺎﻗﯘﺕ ﻛﯚﺯ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ،
ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﺋﺎﻝ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﯨﺮﻩﻙ --
ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺗﯩﻠﻪﻙ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،
ﺑﺎﺗﯘﺭ -- ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺗﻮﭘﺎ ﻳﯘﻗﻤﺎﺱ،
ﻧﺎﺩﺍﻧﻐﺎ -- ﺋﯩﻠﯩﻢ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺯﻩﺭﮔﻪﺭ ﺑﯩﻠﯘﺭ.

ئات ئايىغىدىن سەمرىيدۇ ،ئادەم قۇلىغىدىن.
ئاتقا مىنسەڭ ئاتاڭغا باقما .
ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلىتالادا.
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھالىغا يەتمەپتۇ .
ئاتمىش ياشلىقتىن سورىما، ئالتە ياشلىقتىن سۇرا .
ئاتنىنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە .
ئاتنى ساتساڭ يۇگەننى قالدۇر .
ئات كوتەر ئوبدان بىلەن، سۇ كۇتەر ئاپتۇۋا بىلەن
ئات مىنسەڭ دۆڭگە چاپ . +
ئاتنىڭ بىڭسىسىنى يولدا كۆر، خېچىرنىڭ بىڭسىسىنى سايدا .
ئادەم تىلىدىن كىتەر، ھايۋان مۇڭگىزىدىن . _
ئادەم قۇلاقتىن، ھايۋان تۇياقتىن .
ئادەمنىڭ تېشىغا باقما ، ئىچىگە باق
ئادەمنىڭ ئەقلى بولمىسا، كۆز دىگەن تام تۇشۇگى .
ئادەمنىڭ جېنى چىقسا، تازنىڭ كۇلكىسى .
ئادەمنىڭ كىچىگى بولغىچە، ئىتنىڭ كۇچىگى بول .
ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار
ئاچ قالمىغىنچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۇرمىگىنچە ئاتنىڭ .
ئاچ قۇساققا ئاچچىق سۇ، ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىغى يامان . \
ئاچچىق بىلەن تاتلىقنى تېتىيدىغان بىلۇر .
يىراق بىلەن يېقىننى يۇرگەن بىلۇر .
ئاچچىق ئېقىلنى كىسىدۇ، ئاچچىق يۇتۇش تاغ يۇتۇش .
ئاچچىقنى كۆرمەي تاتلىقنى بىلمەيسەن .
ئاچچىغىڭ كەلسە بارمىغىڭنى چىشلە .
ئاچ كۆزنىڭ قۇسىغى تويسىمۇ كۇزى تويماس .
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، پىيادىنىڭ ھالىنى ئاتلىق .
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى، توقلۇقتىمۇ ئۇنۇتما .
ئاخماقنىڭ دەستى كۆپ .
ئاخماقنىڭ ئەقلى چۇشتىن كىيىن .
ئاخماقنىڭ چوڭ كىچىگى يوق .
ئاخماقنىڭ ئۇڭى يوق، چاپىنىنىڭ يىڭى .
ئاسمان ئىگىز، يەر قاتتىق . |
ئاش بولسا ئىش بولمىسا، ياز بولسا قىش بولمىسا .
ئاش ئۆز ئىگىسى بىلەن تاتلىق .
ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ .
ئاش كەلسە يىگىن، سۆز كەلسە دىگىن .
ئاش يوق ئىشتەي يوق .
ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق .
ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا .
ئاۋال ئويلاپ كىيىن سۆزلە .
ئاياق يۇگرۇگى ئاشقا، ئېغىز يۇگرۇگى باشقا .
ئالتۇن چىرىماس.
ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا .

1.ئانا تىلىڭ-ئىككىنچى ئېلىڭ.

2.ئەل ئامان-شەھرىڭ ئامان.

3.ئەر دوستلۇقى ئېگىز،ئەل دوستلۇقى دېڭىز.

4.ئەلنى سېغىنغان ئايغا باقار،ئەلدىن كەچكەن لايغا پاتار.

5.ئىناق بولسا ئەل،ھەممە بولار تەل.

6.يۇرتۇڭنى ئاۋات قىل،بەختىڭنى ناۋات قىل.

7.كىشنىڭ يۇرتۇدا سولتان بولغۇچە،ئوزۇڭنىڭ يۇرتۇدا ئولتاڭ بول.

8.ئەمگەك قىلماي ھالاۋەت يوق،ئىناق بولماي سائادەت.

9.بىلىمسىز ياش- تام تۇۋىدىكى تاش.

10.ئەقىل- بىلىم بولىقى،بىلىم -ھۇنەر چىرىقى.

11.ئەقىل تاپايدىسەڭ ئوگەن،بەڭۋاشلىققا سالغىن يۈگەن.

12.بىلىملىك نۇرلىنىپ ئۆتەر،بىلىمسىز خورلىنىپ ئۆتەر.

13.ئاي تۇندە كېرەك، بىلىم كۇندە كېرەك.

14.گۇل تېرىساڭ بېغىڭغا، ھەسەل تامار تىلىڭغا.

15.تىكىۋەرسەڭ كۆچەتنى بىكار جايغا، ئايلىنىسەن بىر كۇنى كاتتا بايغا.

ئويناپ سۇزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۇزلە
پىيازنىڭ پوستى تولا ئەخمەقنىڭ دوستى
تاز جابدۇغۇچە توي تارقاپتۇ
تاما-تاماكۆل تولار.
تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە،تۇگمىدەك ئەقلىڭ بولسىچۇ.
قاچقاننى قوغلا،يىپىشقاندىن قاچ .
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۇزلە.

ئەلگەكىرسەڭ ئىلىڭچە،سۇغاكىرسەڭ بىلىڭچە.
يەكچەشمىنىڭ شەھرىگەبارساڭ بىركۆزۇڭنى قىسۋال .

1.ئارسىلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن، تايغاندەك ھۇشۇڭ(بولسۇن).
2.ئاسمان بىسىۋالسا،ئاستىدا تۇرۇپ مانتا يەر.
3. باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن.
4.بىر سىرلىق بول، سەككىز قىرلىق بول.
5.بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىندىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان
6.دەريا تىشىپ كەتسە،ئۆردەكنىڭ نىمە ئىشى.
7.دۈشمەندىن ھەزەر قىلغىن ،ھورۇندىن بىزار بولغىن.
8.ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئىيتما.
9.ئىت يىندا سۆڭەك ياتماس، سۆڭەك ياتسا بىكار ياتماس.
10.ئىت يەپتۇ چوتۇقنى ،ئۆزى يۈرۈپ چورۇقسىز.
11.كىشى ھاڭۋاقمايدۇ،سىنىڭ ئىزىڭغا باقىدۇ.
12.لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر.
13.سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن ،قىتىقنىمۇ پۈلەپ ئىچەر.
14.ئۇيانغا باق بۇيانغا باق،ئەتىگەن تۇرۇپ خوشناڭغا باق.
15.قۇش قىرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قىرىپ قولغا چۈشمەس.
16.ئەر يىڭىلىپ قولغا چۈشەر.قۇش يىڭىلىپ تورغا چۈشەر.
17.ئاسمان يىراق يەر قاتتىق، ئۆلەي دىسەم جان تاتلىق.
18.كىشىدىن ھايا كەتسە،ئورنىغا بالا كىلەر.
19.ئۇيات تۇرغان يەردە ئىمان تۇرار.
20.ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
21.ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئاچىغى كەلگەندە بىلنەر.
22.ئالدىرماڭ ئاستا كىلەر،تىڭىرقىماڭ تاڭمۇ كىلەر.

تاغ يېنىڭدا بولسا ،ئوتۇندىن غەم قىلما،
يار يېنىڭدا تۇرسا خوتۇندىن غەم قىلما.
قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،بولمىسا بۆلەك بول.
يارىنى كولىسا قان چىقار،يېغىرىنى كولىسا جان چىقار،
ھەق سۆزلىگەن ئالىمدۇر،خوشامەتچى زالىمدۇر،
سەپەردە ئۆزۈڭنى تۈز،سورۇندا سۆزۈڭنى تۈز،
پۇلۇڭ ئاز بولسىمۇ ،تىلىڭ ساز بولسۇن.

نادانغا  نەسھەت قىلغان ئۆزى ناداندۇر،

قازانغا يولۇقساڭ قارسى يۇقار،

يامانغا يولۇقساڭ يارسى يۇقار،

مىنىڭ بىلدىغىنىم  مۇشۇلار ئايغىنى سىللەر  يوللاڭلار  قىرىنداشلار؟

يوللىغۇچى تەستىقلىغۇچى دوسىتلۇق

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ ئېچىلار چىچەكلىرىڭ،
يامان بىلەن دوست بولساڭ يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.

يۇرتۇڭ باغ بولسا، ۇيۈڭ ساي بولماس.

بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش.

بىلىملىك نۇرلىنىپ ۇتەر،بىلىمسىز خارلىنىپ ۇتەر.

ئاي تۈندە كىرەك،ئەقىل كۈندە.

تۆگىگە تاقا ياراشماس ،
پوخاققا ياقا (ياراشماس)

ئورۇق ئېنەككە دىڭگىل بۇقا،
توكۇر ئاتقا تۈمۈر تاقا،
ماتا چاپانغا سۆسەر ياقا.

سىمىز كالا سۇغا كېردى ئورۇق كالا پىتىققا،
بۇغداي نىنى ياغقا كىردى قوناق نىنى  قىتىققا.

كاۋا قاپاققا چالما ،
بالىسى بار خوتۇننى ئالما .

تاشقا يامغۇر كار قىلماس،مەيلى قىرىق يىل ياغسىمۇ.
ئۇي كالىدىن سۈت چىقماس ،كۈندە قىرىق ئادەم ساغسىمۇ.

مەندە ماقال-تەمسىل كۆپ مەندە كۆپتى ھازىرچە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇۋەندىكىلەرنى يوللاي:
ۋاقىت ئەقلىي ئەمگەكچىنىڭ سەرمايىسى.
ئەدەپ ئەقىلنىڭ شەكلىدۇر.
دۇنيا دۇنيانى سۇيۇدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.
ئەقىل -پاراسەت كىشىلىك ھاياتنىڭ مايىكى.
ئىناۋەت ئالتۇندىمۇ قىممەت.
توغرا ئادەم سايىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قورقمايدۇ.
بىلىم نۇرلىنار،نادانلىق زۇلمەت.
بىلىمسىز تۇرمۇش پۇراقسىز ئەتىرگۇلگە ئوخشايدۇ.
نىشانسىز تۇرمۇش رولسىز كېمىگە ئوخشايدۇ.
ياخشى سۆز ئادەمنىڭ نۇرى.
ساپ ۋىجدان بىر ئۇمۇرلۇك تەنتەنە.
ئەمىلىيەت-------ئىلىم-پەن غەزىنىسىڭ ئاچقۇچى.
ئادەمگە شىپالىق دورا---ئادەم.
ئاتىلار سۆزى--ئەقىلنىڭ كۆزى.
كىتاپ پۇتۇن دۇنيانىڭ ئوزۇقى.
كەمتەرلىك بىلەن ئۇلۇغلۇق بىر تۇققان.
قىيىنچىلىق ئىنسانلار ئۇچۇن دەرىسلىك.
نەدە گۇل بولسا شۇ يەردە كىپىنەك بولىدۇ.
يىراق يول ھامان يېقىندىن باشلىنىدۇ.
قانۇن بىلەن ئەل روناق تاپىدۇ(يۇسۇپ خاس ھاجىپ).
ياخشى ئاتقا بىر قامچا،يامان ئاتقا مىڭ قامچا.
ئەقىللىق ئادەمگە بىر جۇملە سۆز كۇپايە.
ئىلىم -قۇش،ئەقىل قانات.
دۆلەت-زىمىن،خەلق-گۇل.
بىلىملىك بولۇش پادىشاھلىقتىن ئەۋزەل.
ياخشى تاۋار ئۆزىنى ئۆزى ماختار.
گەپ تولا يەردە ئەقىل ئاز بولىدۇ.

------------مەنبە:كومپىيۇتېرىمدا يىغىپ قويغان .
atlan
ۋاقىت ئاتقان ئوق.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 11:12
بۇ ئەزا توردا يوق ھايات

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 12
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 2099
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 0 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
قوللاش: 13 نومۇر
ئالقىش: 8 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-28

ئاسمنىڭدا ئاي بارمۇ قويرۇقۇڭدا ماي
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 11:20
بۇ ئەزا توردا يوق ئىدىرىسجان

مۇنبەر قىززىقچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1192
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 807
UID نۇمۇرى : 2095
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1169
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1169دانە
شۆھرەت: 1065 نۇمۇر
پۇل: 391 سوم
تۆھپە: 200 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1153 نۇمۇر
قوللاش: 1054 نومۇر
ئالقىش: 1112 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

ئون خوتۇننىڭ بىر توخوچىلىك ئەقلى يوق،
توخۇنىڭ ئەقلى بولسا يەمتى پوق؟

ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئىشى،
يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى.

تاماققا قىيدىغا قوساقنىڭ توقى،
ئاتا-ئانىغا قىيدىغان ئەقىلنىڭ يوقى.

موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ،قىلغىنىنى قىلما.

بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە 7قىتىم بىرىپتۇ،

يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.

پىيازنىڭ پوستى تولا،
ئەخمەقنىڭ دوستى تولا،

قىزىم ساڭا دەي، كىلىنىم سەن ئاڭلا،

توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغىچە ،يولۋاستەك بىر يىل ياشا،

يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە كۆرەڭلەپتۇ.

قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار،
يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار.

سەۋزىدىن خەۋەر يوق،گۈرۈج دەم يەپتۇ.

نىنى كىچىك ناۋاي بەك تولاپتۇ.
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 12:03
بۇ ئەزا توردا يوق بارىسبەگ

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 167
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 132
UID نۇمۇرى : 1360
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 156
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە156دانە
شۆھرەت: 136 نۇمۇر
پۇل: 1585 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 168 نۇمۇر
قوللاش: 152 نومۇر
ئالقىش: 85 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-28

مەنمۇ بىر  ئىككىنى دەپباقاي

ئۆزەڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە

ئۆزىنى بىلگەن كىشى قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ

مۇساپىر بولماي مۇسۇلمان بولماس

جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق
يۇگۇرتىدۇ يالاڭ ئاياق
مۇھەممەد
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 12:41
بۇ ئەزا توردا يوق مەرىپەت

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 233
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 66
UID نۇمۇرى : 2103
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 185
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە185دانە
شۆھرەت: 201 نۇمۇر
پۇل: 206 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
قوللاش: 210 نومۇر
ئالقىش: 141 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

جىگدە تاپقاندا دوست ئىدۇق،
ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.

ئاتاڭ مىراپ بولغىچە
يىرىڭ ئۆستەڭ بۇيىدا بولسۇن.

چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكنى ئال،
خۇتۇن ئالساڭ.........نى    ئال

باي ئات مىنسە چىقمىغان دۈڭى قالماس،
گاداي ئات مىنسە كىرمىگەن ئۆيى  قالماس.

ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بۇلۇپتۇ.

چاقنى بۇزغان تانىسى،
قىزنى بۇزغان تانىسى.

ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىماس.

ئات ئايلىخانغا ،
يول سارخانغا.

سورغان بىلىم ئاپتۇ،
ئۇيۇلغان كىيىن قاپتۇ.

بىلەكلىك بىرنى يېڭەر،
بىلىملىك مىڭنى يېڭەر.

داستۇخان يوغان بىر نان يوق،
سەللە يوغان ئىمان يوق.

بېخىل پۇلنى دوست تۇتماس،
دوست تۇتسىمۇ بوش تۇتماس.

بۇغداي تېرىپ ئارپا ئاپتۇ،
شال تېرىپ تېرىق ئاپتۇ.

ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر دوغا يارماپتۇ.

بوياق بىلەن بويغىچە تېشىڭنى،
بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى.

دۆتنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن.

سۇ كەلگىچە توغان تۇت.

ئالدىرغان يولدا قاپتۇ،
ئايرىلغان چۆلدە

مەن كۆيەرمەن بالامغا ،
بالام كۆيەر بالسىغا.

ئاغزىدا كۈلكە چاق-چاق،
قوينىدا پالتا پىچاق.

ھىلگەر تۈلكە تۇمشۇغىدىن ئىلنار.

ئرماندا يولباس بولمىسا،
مايمۇن پادىشاھ بۇلۇپتۇ.

يالغانچىنىڭ قۇيرىغى بىر تۇتام.

چىدغان بۆرە ياغ يەپتۇ،
چىدمىغىنى ژۇڭ يەپتۇ.

كەتمەن چاپقان گىردە يەپتۇ،
ئوڭدا ياتقان جىگدە يەپتۇ.

نىيىتى ياماننىڭ قازنى تۈشۈك.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە.

تاز چىۋىننى قوندۇرماس،
چىۋىن تازنى تىندۇرماس.

ئەلگە كىرسەڭ ئىلىڭچە،
سۇغا كىرسەڭ بىلىڭچە.

ئاتا قاغىشى ئوق،
ئانا قاغىشى پوق.

سەھرادا ھاڭرىغان ئىشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،
تەقدىرىڭ شۇنداق بولدۇ.

ئىشگى يوق موللامنىڭ قۇلغى تىچ.

يېقىندىن خۇتۇن ئالما،
يىراقتىن ئىشەك ئالما.

خۇتۇن ئالمىسام تالادا قالدىم،
خۇتۇن ئالسام بالادا قالدىم.

يەنە  بارتى مەشەگىچە يازاي
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 13:26
بۇ ئەزا توردا يوق زەردارمەن

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 106
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 193
UID نۇمۇرى : 6575
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 101
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە101دانە
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
پۇل: 1248 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 122 نۇمۇر
قوللاش: 111 نومۇر
ئالقىش: 151 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

ئەركىشى قىرسا تۇڭغاق بۇلۇر.
خۇتۇن كىشى قىرسا دۇڭغاق بۇلۇر.

ئاش بەرگەن قازاننى چاقما .

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بۇلسا .
رەڭگى رۇيىڭ سامان بۇلماس.

بۇلمىساڭ ئللىق چىراي.
ئاچمىغىن دۇككان ساراي.

بار تاۋقىم.
يانتاۋقىم.

ھاڭگا ئىشەكنىڭ بۇرنى قىرماس .
خوتۇنبازنىڭ كۆزى. {قىرماس}

باشلىقىنى دۇكلات بىلەن ئاداپتۇ .
بالسىنى شاكلات بىلە. {ئالداپتۇ}

ھارۋىدا گۇنايۇق تانىسى بۇزۇق.
قىزداگۇنا يۇق ئانىسى بۇزۇق.

ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا .

ئەلدە يۈرگەن ئەر تۇنۇيدۇ .
كەتمەن چاپقان يەرتۇنۇيدۇ.

گاچا قىزنىڭ تىلنى ئانىسى بىلەر .

گاچىنىڭ ناخشىسى تۇلا .
تۇكۇرنىڭ مىڭشى تۇلا.

گاچا بۇلسىمۇ باي سۆزلىسۇن .

ئەقللق بالا يىشىدىن مەلۇم .
گالدا گۇلدۇڭ بىشىدىن{مەلۇم}

چىش ئاغرىقىغا ئۆلمەس .
كىشى كىلىپ كۆرمەس.

سەندە تۇرماس بۇ دۆلەت .
مەندە تۇرماس بۇمەينەت.

ئەلگەبىر نۆۋەت.
يەرگە بىر نۆۋەت .

ئاستاماڭغانمۇ ماڭغان.
توختاپ قالغان يامان .

ئات ئايلىنىپ ئوقورنى تاپار .

يۇت كۆرگەن ئېتىتىن قورىق.

بۇرۇت يىگىتنىڭ ياڭزىېس.
ساقال پوخاقنىڭ مەلەڭزىسى.

ياخسى ئاتقا قامچا كەتمەس.

ياخشى سۆز تاشنى يارار .يامان سۆزباشنى.{يارار}

بۇ ئالەم سەۋەپ ئالىمى .

ياخشىلىق يەردە قالماس .

ياخشىلىق قلماق مىڭ دەملىك .
يامانلىق قلماق بىر دەملىك .

ياخشى ئىش بۇسۇغىدىن چىققۇچە .
يامان ئىش داۋان ئاتلاپ كەپتۇ.

ئادەم ئۆلگەكنىڭ ئەۋلادى.

ئالادا ياپىر .
بىرەردە كاپى.

ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە،ئاناڭنى بەر.

كلېنىڭ يامان بۇلسا ئوغلۇڭدىن كۆر .

كۈندۈزى گەپ قلساڭ ئەتىراپىڭغا بىقىپ سۆزلە .
كىچىسى سۆزلىسەڭ .قۇلاققا،قۇلاقنى يىقىپ سۆزلە.

زەھەرنى زەھەر قايتۇرار.

قاننى قان بىلەن يۇغىلى بۇلماس.

ئادەمنىڭ ئالسى ئىچىدە .
ھايۋاننىڭ ئالسى تىشىدا.

يۇۋاشنىڭ ئىچىدە مۈڭگىزى بار.

تازنىڭ تازنى كۆرسە بىشى قىچىشار .
سازچىنىڭ سازنى كۆرسە قۇلى پىچىشار.

60ياشلىق بىلمىسە .
6ياشلىقتىن سۇرا .

دۇس يغلىتىپ ئيتۇر.
دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.{ئيتۇر}

ئالىم بۇلساڭ ئالەم سىنىڭكى .

بىلىملىك ئۇزار.
بىلىمسىز تۇزار.

ئەرنىڭ ئوبدىنى يىرنى تىرىيدۇ.
ئادەمنىڭ ئوبدېىنى يۇرتىدا قىرىيدۇ.

يامانغا يۇلۇقساڭ يارسى .
قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى .

ياغ يەپ يالڭاچ يات.

ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كلنىڭنى سال .
كۈزنىڭ ئاپتىپغا قىزىڭنى.{سال}

ئوغرلېق  كۈزىدىن مەلۇم .
تۇغرىلىق .سۆزىدىن {مەلۇم}

ياخسى ئاتقا قامچا كەتمەس.

كۇچانىڭ ئېشىىگى يۇرغا كىلۇر.
ئىرى خوتنىغا دۇرغا كىلۇر.

[ بۇ يازما زەردارمەن تەرپىدىن 2007-10-28 19:10 دە قا ]
زەردار
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-28 14:33
سەلكىن مۇنبىرى » ماقال - تەمسىللەر
«1 2 » Pages: ( 2/2 total )

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )