UID نۇمۇرى : 751
دەرىجە:
باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
4
يازما سانى: 119
ئۇنۋان:
3 دەرىجە
شۆھرەت: 690 نۇمۇر
پۇل: 3284 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 216 نۇمۇر
قوللاش: 188 نومۇر
ئالقىش: 183 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-28
ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى
ماتېماتىكا تىلشۇناسلىق _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى . 19- ئەسىردە كىشىلەر : تىلشۇناسلىق پەقەت تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا پەن ساھالىرى ئوتتۇرسىدا ، جۇملىدىن ماتېماتىكا بىلەن ھىچقانداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق - دەپ قاراپ كەلگنىدى . « تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارلىقى قارىماققا شۇنچە يىراق ، ئۇلار گويا ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنىڭ بىر - بىرىگە نىسپىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇبىنى ھاسىل قىلغاندەك تۇرىدۇ » ، ئەمەلىيەتتىمۇ ، « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى چەك - چېگرىسى شۇنداق ئىنىق ئايرىلىپ كەتكەنكى ، تەبىئى پەن ، سانائەت پەنلىرى ئوقۇيدىغانلار تىل - يېزىق جەھەتتە ئانچە كۇچ سەرىپ قىلمايتتى ؛ ئىجتىمائى پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىغا قاراپمۇ قويمايتتى . مەدەنىيەت تارىخىنى ئاقتۇردىغان بولساق ، ھەم ماتېماتىك ھەم تىلشۇناس بولغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ ئىككى پەننى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ بىر يېڭى ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇستىدە باش قاتۇرغانلار بولسا تىخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ » . 20- ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەەىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئۆستى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلمۇ ھاياتلىق ئىلمى ، ئىنتۇگراپىيە پەنلىرى ساھەلىرىگە بارا- بار ا سىڭىپ كىردى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئالدى بىلەن بىئولۇگىيەگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناشلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئارقا - ئارقىدىن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى . « ماتىماتىكا ھازىرقى زامان ئىلىم - پىنىنىڭ تىلى » بولۇپ قالدى . شۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكلارنىڭ دېققەت نەزىرى بارغانسىرى تىل ھادىسلىرىگە چۇشۇشكە باشلىدى . ئالايلۇق ، روسسىيىلىك بۇيۇك ماتېماتىك ماركوۋ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، پوشكىننىڭ « ئېۋگىنى ئۇنىگىن » داستانىنىدىكى روسچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىبىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، ماركوۋچە تاسادىبىي جەريان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا كەلگەندە ، تىلشۇناسلارمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقى يۇسۇندا تونۇشقا باشلىدى . شىۋېتسىيىلىك ئاتاقلىق تىلشۇناس سوشۇر تىلنى بىر خىل مۇكەممەل بەلگىلەر سىستېمىسى - دەپ قاراپ ، « تۇپ ئالاھىدىلىكتىن ئېيىتقاندا ، تىلدىكى سانلىق مىقدار بىلەن سانلىق مىقدار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى ماتېماتىكىلىق شەكىل بىلەن قائىدىلىك تۇردە تەسۋېرلەشكە بولىدۇ » غانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . تىلشۇناس چومىسكىي ئوتتۇرغا قويغان تىلنىڭ سېنتىتىك مودېلى ماتېماتىكىدىكى ماس چۇشەنچىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە « تىل __ تىلنىڭ سېنتېىك مودېلىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە تەرتىپلەنگەن توپلىمىدىن ئىبارەت » ئىكەن . چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ » دەپ ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بايان قىلسا ، ئامىركىلىق ئالىم بىلۇمفېلىد : « ماتېماتىكا تىل ئىرىشكەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدۇر ، خالاس » دەپ - جاكارلىدى . كونتۇرۇل ئىلمىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم ۋيېنىېر : « تىلشۇناسلىق ھازىرقى زامان ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى » دەپ كۆرسەتتى . ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شېننان تىل - يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سىناق تەجىربە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس بايان قىلدى . بۇ بايانلار ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ھۈلىنى قۇردى . تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ بىرلىشىشى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەرلىكى بولۇپ قالدى . يەنە بىر جەھەتتىن ، كومپېيوتىر ئىلمى تېز تەرەققىي قىلىپ كوردلاشقان تېز ھېسابلاش نى ئەمەلگە ئاشۇردى ، سانلىق قىممەت بولمىغان بەلگىلەرنى يەنى تەبىئى تىلنى بىر ياقلىق قىلالايدىغان بولدى . ئالىملار كومپېيوتىردا « سۇنئى ئەقىل » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ماشىنا تەرجىمان » لارنى لايىھىلەپ چىقتى . شۇ ئارقىلىق ئوىشاش بولمىغان تىللار ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇئىتىنى تېزلەشتۇردى . بارا - بارا « ئادەم - ماشىنا سۆزلىشىشى » نى ئەمەلگە ئاشۇردى .بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر يېڭى پەن تارمىقى « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى » نى بارلىققا كەلتۇردى . ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەسلى نىشانى _ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ، فورمىلالاشتۇرۇپ تەسۋېرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات مەزمۇنى مۇنداق ئۇچ نوقتىغا يىغىنچاقلانغان .(1) ئىستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، ھەر خىل تىل بىرلىكلىرىنىڭ تىلدىكى كۆرۇلۇش تەكرارلىقىنى ياكى ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش . (29ماتېماتىكىلىق لوگىكا قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، كومپېيوتىر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سېستىمىسىنىڭ « شىفېرلىق تىل » ۋە « ۋاستە تىل » ئىنى لايىھەلەش ھەمدە مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېنىقلاشنىڭ سىېفىر سېستىمىسىنى تۇزۇش . (3) ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەبىئى تىلنى مۇۋاپىق تىل مودېللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى نازۇك فورلىلالاشقان سېستىمىغا ئايلاندۇرۇش . ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى مۇشۇ ئۇچ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ، قىسقىغىنە 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. ___________________________________________________________- بۇ ماقالە شىنجاڭ پېدا گوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1999- يىلى 1- سانىغا بىسىلغان « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا » دېگەن ئىلمىي ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .
|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى: پۇل:+20(خۇرسەن) ياخشى ماقالە
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 19:27
|