دوستنى دۈشمەن قىلغان پۇل.!!!! سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى » ئەمەلى دىلو مىساللىرى » دوستنى دۈشمەن قىلغان پۇل.!!!!
بۇ بەتتىكى تېما: دوستنى دۈشمەن قىلغان پۇل.!!!! پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 121 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق بۇدۇنيا

ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 108
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 191
UID نۇمۇرى : 2255
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 108
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە108دانە
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
پۇل: 3440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 303 نۇمۇر
قوللاش: 197 نومۇر
ئالقىش: 531 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-28

دوستنى دۈشمەن قىلغان پۇل.!!!!

بۇ يازمىنى گۈزەل-تارىم قانۇن ساۋاتلىرىدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2007-10-27)
چەرچەن ناھىيىسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىمىن ئىشچان كىشى ئىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئائىلە، ئېتىز ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، ئوغلى قەيسەر  (19 ياش) نى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن، دەپ موزدۇزلۇق، ياغاچچىلىق قىلىپ ئىقتىسادنىڭ غېمىنى قىلاتتى. بىراق  قەيسەر بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى. ئائىلىدىكى كېسەلچان خوتۇنى، مېيىپ ئىككى بالىسى قاتارلىق بەش جان ئىمىننىڭ بېقىشىغا قاراشلىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ قەيسەرگە يەنە بىر قېتىم تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بېقىشىنى ئېيتىۋىدى، قەيسەر رەت قىلىپ ئېتىز ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.

ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىش

بۇلتۇر 9 – ئايدا قەيسەر تاغقا  چىقىپ كانچىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى قايتىپ كەلدى.

- دادا، بۇ مېنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم، - دېدى قەيسەر ۋە 5000 يۈەننى دادىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.

ئاتا – ئانا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ تۇنجى ئەمگەك مېۋىسىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. ئىمىن پۇلنى كۆرۈپ خۇش بولغان بولسىمۇ ئوغلىنىڭ ئورۇقلاپ، قوللىرىنىڭ يېرىلىپ كەتكىنىگە قاراپ ئىچى سېرىلدى.

- دادا، بۇ پۇلغا ئانامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتايلى، - دېدى قەيسەر.

- بالام، ئاناڭنىڭ كېسىلىنى ئون يىلدىن بۇيان داۋالىتىۋاتىمەن، تاپقان – تەرگەننىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا كېتىۋاتىدۇ، كېسەلمۇ پىشىپ قالدى، ئاناڭنىڭ كېسىلىنى ئۆزۈم پۇل تېپىپ داۋالىتىمەن. بۇ پۇلغا ئۆزۈڭگە كېرەكلىك نەرسە ئېلىۋالغىن ، - دېدى دادا ئوغلىغا.

قەيسەر كىچىكىدىن مۇزىكىغا قىزىقاتتى، لېكىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، بىرەر چالغۇ ئەسۋابىنىمۇ ئالالمىغانىدى.ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر ئېلېكترون رويال سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ بىر رېستوراندا مۇزىكا چالىدىغان ئاغىنىسى روزى (19 ياش) نى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئېلېكترون رويال ئالىدىغانلىقىنى، دۇكانغا بېرىپ تاللىشىپ بېرىشنى ئېيتتى.

1 – ئاينىڭ 19 – كۈنى قەيسەر يانچۇقىغا 5000 يۈەننى سېلىپ روزىنىڭ ياتىقىغا كەلدى. ئۇ كەلگەندە ياتاقتا يەنە بىر ئاغىنىسى ئەيسا (19 ياش) مۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۆز ئارا سالاملاشقاندىن كېيىن قەيسەر:

- ئاغىنىلەر، مەن ئېلېكترون رويال سېتىۋالماقچىدىم، سىلەر كەسىپ ئەھلى بولغاندىكىن تاللىشىپ بېرىڭلار ، - دېدى.

- ئاغبنە، ئېلېكترون رويالنىڭ باھاسى بەك قىممەت، ئۇنى سېتىۋالغۇدەك پۇلۇڭ بارمۇ ؟ - دېدى روزى قەيسەرگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.

- پۇلۇم بولمىسا سېتىۋالىمەن، دەپ سىلەرنى ئىزدەپ كېلەمتىم ؟ - دېدى قەيسەر.

- بىز ئائىلەڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ؟ نەچچە پۇلۇڭ بار؟ ئالە، كۆرۈپ باقايلى، - دېدى ئەيسا.

ئۇ 100 يۈەنلىك بىر باغلام پۇلنى چىقىرىپ ئۇلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن يەنە يانچۇقىغا سالدى.

- ئاداش، بۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپتىڭ ؟ - دەپ سورىدى قەيسەر.

- ئارقا تاغدىكى ئالتۇن كاندا ئىشلەپ تاپتىم.

نىيىتى بۇزۇلغان ئاغىنىلەر

روزى، ئەيسا، قەيسەرلەر كىچىكىدىن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان، بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكىچە بىرگە ئوقۇغان جان – جىگەر ئاغىنىلەر ئىدى. ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن روزى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بىر رېستوراندا مۇزىكا چالىدىغان ئىش تاپتى. ئەيسا ساتىراچلىقنى ئۆگىنىپ ساتىراچخانا ئاچتى،

روزى قەيسەرنىڭ پۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى.

- قەيسەر، سەن ياتاقتا تېلېۋىزور كۆرۈپ تۇر، رېستوراندىكى ئېلېكترون رويالنى ساتماقچى ئىدۇق، بىز بېرىپ ئۇقۇشۇپ كېلەيلى ، - دېدى روزى ۋە ئەيسانى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. سىرتقا چىققاندىن كېيىن روزى ئەيساغا:

- ئاداش، قەيسەر بۇ پۇلنى ھالال تاپمىدى، كونىلاردا :«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭىدۇ، يالغۇز يېمىگەن يەرگە» دېگەن گەپ بار. ئۇ پۇلنىڭ شالتىقى بولغاندىن كېيىن سوقۇۋەتسەكمۇ ئەرز قىلالمايدۇ، قانداق ؟ - دېدى.

- يېقىن ئاغىنىلەردىن تۇرساق، قانداق قولىمىز بارىدۇ ؟ - دېدى ئەيسا قوشۇلماي.

- ئەخمەقكەنسەن، ھازىرقى جەمئىيەتتە يېقىن ئاغىنە يانچۇقتا ، - دېدى روزى.

- قانداق قىلاتتۇق، قەيسەرگە ھاراق ئىچكۈزۈپ مەست قىلىپ پۇلىنى ئېلىۋالايلى، شۇنداق قىلساق ھېچكىم بىزدىن گۇمانلانمايدۇ ، - دېدى روزى مەسلىھەت كۆرسىتىپ.

ئەيسا روزىنىڭ پىلانىغا قوشۇلدى. روزى بىلەن ئەيسا ياتاققا كىرگەندىن كېيىن :

- ئاداش، رېستوراندىكى ئېلېكترون رويالنى ساتمايدىكەن، بازارغا چىقىپ ئارىلاپ باقايلى ، - دېدى روزى قەيسەرگە.

ئەيسا روزىنىڭ پىلانىغا قوشۇلدى. روزى بىلەن ئەيسا ياتاققا كىرگەندىن كېيىن:

- ئاداش، رېستوراندىكى ئېلېكترون رويالنى ساتمايدىكەن، بازارغا چىقىپ ئارىلاپ باقايلى ، - دېدى روزى قەيسەرگە.

بازاردا قەيسەرگە يارىغۇدەك ئېلېكترون رويال ئۇچرىمىدى. قايتىدىغان چاغدا روزى:

- ئاداش، ئۈچىمىزنىڭ جەم بولمىقى تەس. بۈگۈن ياخشى دىدارلاشتۇق، بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرمايمىزمۇ ؟ - دېۋىدى. قەيسەر قوشۇلدى.

ئاغىنىغا قىلىنغان خىيانەت

ئۇلار ناھىيە بازىرىدىكى بىر قاۋاقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىردى. تاماقتىن كېيىن روزى بىلەن ئەيسا ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قەيسەرگە ھاراقنى كۆپ ئىچكۈزدى، لېكىن قەيسەر مەست بولمايۋاتاتتى.

- ئاداش، يەنە بىر بوتۇلكا ئىچەيلى ، - دېدى روزى ئەيساغا.

- ئىچسەك ئىچتۇق ، - دېدى ئەيسا ئۇنىڭ گېپىنى قوللاپ.

ئۈچەيلەن ئۈچ بوتۇلكىنى تۈگەتكەندىنكېيىن قەسيەرمۇ مەست بولدى. پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملىگەن روزى:

-پۇل قاپچۇقۇم ياتاقتا قاپتۇ، ھېساباتنى سەن قىلىەت ، - دېدى قەيسەرگە.

قەيسەر سورۇننىڭ 150 يۈەن پۇلىنى تۆلىدى. ئۇلار سىرتقا چىققاندىن كېيىن روزى قەيسەرگە:

-ئارال يېزىسىدا بىرەيلەننىڭ ئۆيىدە ئېلېكترون رويال بار ، - دېدى ئۇنى باشلاپ ماڭدى.

يېزا ئەتراپىدىكى كۆۋرۈك يېنىغا كەلگەندە روزى :«ئەمدى پۇرسەت كەلدى» دەپ ئويلاپ، ئەيساغا ئىشارەت قىلدى. ئەيسا قەيسەرنى كەينىدىن قۇچاقلاپ كۆتۈرۈشىگە قەيسەر:

-ئادىشىم، كۆۋرۈكتە ئويناشمايلى، كەيىپچىلىكتە دەرياغا چۈشۈپ كەتمەيلى يەنە ، - دېدى.

روزى قەيسەرنىڭ تېخىچە مەست بولمىغانلىقىنى سېزىپ ئەيسانى يېقىن ئەتراپتىكى بوتكىدىن ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇدى.

- ئاداش، دەريا بويىدا قىش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ھاراق ئىچىشمەمدۇق ؟ - دېدى روزى ئەيسا ھاراقنى ئەكەلگەندىن كېيىن قەيسەرگە.

ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان شۇملۇقتىن خەۋىرى يوق قەيسەر :

- ئىچسەك ئىچىشتۇق ، - دېدى.

شۇنداق قىلىپ روزى بىلەن ئەيسا يالغاندىن ئىچكەن بولۇپ ھاراقنى تۆكتى. قەيسەر راستتىنلا ئىچتى. روزى قەيسەت مەست بولدى، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ يانچۇقىغا قول ئۇزاتقاندا، قەيسەر تۇيۇپ قېلىپ:

- نېمە قىلىۋاتىسەن؟ قولۇڭنى تارت، - دەپ ۋارقىرىدى.

- قانداق زابۇي بۇ؟ شۇنچە ھاراق ئىچىپمۇ مەست بولمايدىغان، سەن چىدىغان بىلەن بىز چىدىمايۋاتىمىز، ئىززىتىڭنى بىلمىگەندىن كېيىن پېشانەڭدىن كۆر ، - دېدى روزى قەيسەرنىڭ گېلىنى بوغۇپ.

ئەيسا روزىغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ قورساق قاتارلىق جايلىرىغا تەپتى. قەيسەرنىڭ ئىككى دوستىغا كۈچى يەتمىدى، ئاخىر پۇل بار يانچۇقىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ تىزلىنىپ تۇرۇپ:

-باغرى تاشلىق قىلماڭلار، بىز ئاغىنىغۇ؟ نېمە قىلغىنىڭلارنى بۇ ؟ - دېدى يالۋۇرۇپ.

ئەيسا روزىدىن :

- قانداق قىلىمىز ؟ - دەپ سورىۋىدى، روزى:

- قانداق قىلاتتۇق، بولغۇلۇق بولدى. ئېشىپ قالغان ھاراقنى ئەكەل، ھەممىنى ئىچكۈزۈپ مەست قىلىۋېتىپ قىلىدىغىنىمىزنى قىلايلى ، - دېدى.

ئەيسا قەيسەرنىڭ پۇت – قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئوڭدىسىغا ياتقۇزدى. روزى ھاراق بوتۇلكىسىنى قەيسەرنىڭ ئاغزىغا تىقىپ، قالغان ھاراقنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ئىچكۈزدى.قەيسەر تاياق زەربىسىدىنمۇ ياكى ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ ھوشىدىن كەتتى.ئۇلار قەيسەرنىڭ يانچۇقىدىن 4850 يۈەن پۇلنى ئېلىپ، ئۇنى دەريا بويىدىكى بىر ئازگالغا تاشلىۋېتىپ قېچىپ كېتىشتى.

تورغا چۈشۈش

قەيسەر سەھەر سائەت ئىككىدە ھوشىغا كېلىپ ئۆزىنى ئازگالدا كۆردى. يېنىدىكى پۇلمۇ يوق ئىدى. ئۇ دەرھال چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلدى. ساقچىلار سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدا روزىنى ئائىلىسىدىن تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيسا بىلەن بىرلىشىپ قەيسەرنىڭ پۇلىنى بۇلىغانلىق قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى.

2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارى روزى بىلەن ئەيسانى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختاتتى. جىنايەت گۇماندارلىرى 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چەرچەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى.

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• پۇل:+10(خۇرسەن) قايىل قىلارل ..
• تېما تەستىقلىغۇچى : گۈزەل-تارىم
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2007-10-27, 05:14
ﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﻧﻪﭘﺴﯩﯔ ﺳﻮﻻﻗﺘﺎ ،
ﺩﻩﺭﺕ ﺗﺎﺭﺗﺎﺭ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﺳﻮﻻﻗﺘﺎ .
ﻗﯘﺭﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﺗﺮﯨﻤﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻗﺘﺎ ،
ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻝ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﺴﻪﻥ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 12:18
بۇ ئەزا توردا يوق داخان

سەھىپە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 211
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 88
مەزھەپ:قانخۇمار تىكەن قانخۇمار تىكەن
UID نۇمۇرى : 1564
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 187
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە187دانە
شۆھرەت: 340 نۇمۇر
پۇل: 1303 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
قوللاش: 176 نومۇر
ئالقىش: 36 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

پۇل  دىگەن ياخشى  نەرسە  ~ئەمما  بەزىدە دۇشمەنلىك بوپقالىدۇ
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بىتى راھەت ماڭا ،
مەيلى قايغۇ مەيلى شاتلىق ھەممىسى ئامەت  ماڭا .

گەر ئىشقا ئاشسا دىلدىكى ئارمان ،تونۇلمىسام نامەردكە بولماسمەن داخان~!

ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى خارابلاشتۇرمىغىچىلىك ،رەببېم خارابلاشتۇرمايدۇ~
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 13:21
بۇ ئەزا توردا يوق گۇلبەشىكەر

ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 212
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 2399
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 190
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە190دانە
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
پۇل: 2276 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 246 نۇمۇر
قوللاش: 216 نومۇر
ئالقىش: 218 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-28

ئىنكاسنى ئەستايىدىل  يېزىڭ !
ئەسكەرتكۈچى:خۇرسەن
ھەي پۇل ~~~~~~~~~~~!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 13:42
بۇ ئەزا توردا يوق يولباش

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 252
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 47
UID نۇمۇرى : 5736
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 249
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە249دانە
شۆھرەت: 252 نۇمۇر
پۇل: 2054 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 265 نۇمۇر
قوللاش: 257 نومۇر
ئالقىش: 252 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

دۇنيادا شۇنداق ھايۋان قىلىپىدىن چىققان دوسلارمۇ ئاز ئەمەس .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 15:19
بۇ ئەزا توردا يوق بۇدۇشقاق

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 363
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 436
UID نۇمۇرى : 138
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 276
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە276دانە
شۆھرەت: 309 نۇمۇر
پۇل: 2145 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 331 نۇمۇر
قوللاش: 301 نومۇر
ئالقىش: 289 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!
تېما ئېگىسىگە رەھمەت!!!
پۇل دېگەن ئاجايىپ نەرسە ھە.
مەن يازمىدىكى:«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭىدۇ، يالغۇز يېمىگەن يەرگە»دېگەن گەپنى خاتا بولۇپ قالدىمىكىن دەيمەن. توغرىسى<تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر،يالغۇز يېگەن يەرگە> دۇ؟؟؟
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 16:03
بۇ ئەزا توردا يوق قارىغاي

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 249
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 50
UID نۇمۇرى : 4662
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 241
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە241دانە
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
پۇل: 1358 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 241 نۇمۇر
قوللاش: 187 نومۇر
ئالقىش: 166 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-27

ھەي پۇل ھەي پۇل!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 20:50
سەلكىن مۇنبىرى » ئەمەلى دىلو مىساللىرى

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )