تۇرپاندىكى مازارلار 2 سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى » ساياھەت نوقتىلىرى » تۇرپاندىكى مازارلار 2
بۇ بەتتىكى تېما: تۇرپاندىكى مازارلار 2 پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 212 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق ئالتۇن1984520

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 6553
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 689 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
قوللاش: 35 نومۇر
ئالقىش: 63 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

تۇرپاندىكى مازارلار 2

2.ئەلىپەتتاھ خان غوجام مازىرى
ئەلىپەتتاھ خان غوجام مازىرى تۇرپان شەھەر ئاستانە يىزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرىق ،غەرىپ ۋە شىمال تەرەپلېرى مەھەللىلەر بىلەن تۇتاش بولۇپ ،جەنۇپ تەرىپى ئېتىزلىقلار بىلەن تۇتىشىدۇ. ئورنى تەخمىنەن 100مو ئەتراپىداكېلىدۇ. چۈنكى بۇقەبرىستانلىق پۇتۇن ئاستانەيېزىسىنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئاستانە يېزىسىدىكى ۋە ئاستانىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۇپ، باشقايۇرتلاردا خىزمەت قىلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇ  قىلىدىغان بۇدۇنيادىكى ئاخېرقى ماكانى ھىساپلىنىدۇ .بۇمازاردا يەنە بىر چوڭ خانىقا بولۇپ،بۇ خانىقادا جۈمە ۋە ھېيت نامازلېرى ئوقۇلىدۇ.
بۇمازارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خەلىق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان. بۇرۇن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلېرى تېخى ئىسلامغا كىرمىگەن ۋاقىتلاردا ، ئەلىپەتتاھ ئىسىملىك بىر باھادىر قوشۇن باشلاپ كېلىپ، بۇيەردىكى كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزمەكچى بولۇپتۇ. شۇنۇڭ بىلەن ئىدىقۇت ۋە بۇقوشۇن ئارىسىدا دەھشەتلىك جەڭلەر باشلىنىپتۇ. ئىدىقۇت قوشۇنلېرى ئۈزلۈكسىز يىڭىلىشكە يۈزلىنىپتۇ. بۇنۇڭدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى ئەلىپەتتاھقا ھېچقانداق تىغ كار قىلمايدىكەن. بۇنىڭدىن چۆچىگەن ئىدىقۇت خاقانى ئاخىر دانىشمەنلېرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن،ھىيلە ئىشلىتىپ ئىككى قوشۇن ئارىسىدا سۈلھى تۈزەپتۇ ۋە بىر ئاي ئىچىدە پۈتۈن خەلقى بىلەن شەھەردىن چىقىپ،مۇسۇلمان بولماقچى بولۇپتۇ. ئىدىقۇت خاقانىنىڭ بىرقىزى بولۇپ، تەڭداشسىز گۈزەللەردىن ئىكەن. ئىدىقۇت خانى بۇقىزىنى كېپىل يۈزىسىدە ئەلىپەتتاھقا خوتۇنلۇققا سوۋغا قىلىپتۇ. ئەلىپەتتاھمۇ بۇقىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇتەرىقىدە 20كۈنلەر ئۆتكەندە خاننىڭ قىزى سوراپتۇ:
- ئى كىشىلەرنىڭ ئەزىزى ئەلىپەتتاھ! بىر ئىش مۇشۇ ۋاقىتقىچە مېنىڭ كاللامدا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا،شۇسىرنى ماڭا ئوچۇق قىلساڭ؟؟؟؟
- قېنى سورىغىن.
- ئى كىشىلەرنىڭ سەردارى ئەلى پەتتاھ ! ساڭا ھىچقانداق  تىغ ،زەھەر ئۆتمەيدىكەن،ساڭا تىغلار ئۆتىدىغان ۋاقىتلارمۇ بارمۇ؟
-ئەلۋەتتە باردەپتۇ ئەلى پەتتاھ -مەن نامازئوقۇپ، ئوقۇپ بولاي دىگەن ۋاقىتتا ئوڭغا سالام بېرىپ،سولغا سالام بەرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ماڭا تىغ ئۇرسا ئۆتىدۇ.
شۇنۇڭ بىلەن مەلىكە بۇسىرنى بىر قاپاققا خەت يېزىپ سېلىپ،كارىز ئارقىلىق شەھەر ئىچىگە كىزگۈزىۋىتىپتۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئىدىقۇت خانى 50نەپەر ئەڭ قابىل نەۋكەرنى تاللاپ، شەھەردىن يوشۇرۇنچە چىقىپ،ئەلىپەتتاھنىڭ چىدىرى تەرەپكە بېرىپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. ئەلىپەتتاھ ۋەقوشۇندىكىلەر ناماز بامداتقا تۇرغاندا قىزىنىڭ ئېيتقانلېرى بويىچە ئاۋۋال ئەلىپەتتاھقا زەھەرلىك ئوقيا ئۈزۈپتۇ، سەردارىنىڭ يېقىلغانلىقىنى كۆرگەن قوشۇن پاتپاراقچىلىققا چۇشۇپتۇ،شۇنۇڭ بىلەن ئىدىقۇت خانى پۇتۇن قوشونىنى باشلاپ چىقىپ ئىسلام قوشونىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىپتۇ. ئۇلار غەلبە تەنتەنىىسى بىلەن ھەزرىتى ئەلى پەتتاھنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرمەكچى بولغاندا،جەسەتنى زادىلا ئورنىدىن قوزغۇتالماپتۇ ۋە شەھەرسىرتىغا تاشلاپ كېتىپتۇ. قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان بىرقىسىم مۇسۇلمانلار جەسەتنى ئېلىپ، بىرتۆگىگە ئارتىپ مېڭىپتۇ.بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن تۆگە يېتىۋىلىپ زادىلا ماڭغىلى ئۇنىماپتۇۋە ھەزرىتى ئەلىپەتتاھ نىڭ بىر چىمچىلاق قولى چۈشۇپ قاپتۇ.شۇنۇڭ بىلەن قالغان كىشىلەر بۇ چىمچىلاق قولنى شۇيەردىلا قەبرە كولاپ دەپنەقىلىپتۇھەم گۈمبەز تۇرغۇزۇپتۇ.بۇگۈمبەز ھازىرمۇ باربولۇپ،سىنچىلاق گۈمبەز دەپ ئاتىلىدۇ.(تۇرپان ئاستانىدە چىمچىلاق قولنى،سىنچىلاق قول دەپ ئاتايدۇ.)تۆگە ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپتۇ.ھازىرقى مازار ئورنىغا كەلگەندە زادىلاتۇرغىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنۇڭ بىلەن جەسەتنى شۇيەردە يەرلىككە قويۇپ گۈمبەز قاتۇرۇپتۇ.
بۇرۇن بۇمازارلىق ھەم لۈكچۇن ۋاڭ جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقى ئىدى. بۇمازاردا يەنە لۈكچۇن ۋاڭلېرى دەپنە قىلىنغان بىر گۈمبەزلىك بولۇپ،يەرلىك تىل بۇيىچە گۈللۇك گۇمبەز دەپ ئاتىلىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي گۈل نەقىشلېرى ۋە ئۇلۇغ كىتاپلارنىڭ رەسىملېرى بىلەن بېزەلگەن.گۈمبەز ئىچىدە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىسىڭىز چىرايلىق سىزىلغان تاۋۇزلارنى كۆرىسىز . يەنە تېخى ئىنچىكىلەپ قارىسىڭىز 1881-يىلى دىگەن خەتلەرنى كۆرەلەيسىز. چۇڭلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ مازار ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەلىپەتتاھ غوجام ۋە گۈلۈك گۈمبەز گە بارىدىغان يوللار ئىلگىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زوز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ، يوللار ۋە گۈللۇك گۈمبەزنىڭ يېرىمى بۇزۇلۇپ،كېسەكلېرى ئېلىنىپ ھازىرقى ئاستانە يېزىسىنىڭ مەركىزى ھىساپلىنىدىغان تۆتكوچا ئېغىزىغا جايلاشقان بىر كۇلۇب سېلىنغان.
بۇ مازارغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان كىشىلەر ئاساسەن تۇڭگان قېرىنداشلار  بولۇپ ، ھەريىلى ماشىنا-ماشىنىدا كېلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، تاۋاپ قىلىپ كىتىدۇ. ئەمما  ئۇيغۇرلار ئاساسەن تاۋاپ قىلىشقا كىرمەيدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2007-10-27, 02:53
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 00:57
بۇ ئەزا توردا يوق پىستەك

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 778
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 21
مەزھەپ:قەشقەرلىك قەشقەرلىك
UID نۇمۇرى : 1154
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 757
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە757دانە
شۆھرەت: 585 نۇمۇر
پۇل: 605 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 751 نۇمۇر
قوللاش: 742 نومۇر
ئالقىش: 386 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-27

ئىلگىرى قايسى موللا شەيىخ بۇ زىمىنغا كىلىپتۇ . لىكىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرشەلمەپتۇ.
كىيىن ئۇزاق سەپەر داۋامدا مەلۇم يەرگە كەلگەندا چۇشكۇنلۇك ، بۇشاڭلىق ياكى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۇشبۇ دۇنيادىن ئايرىلغانكەن .
سىرىتتا قالغان جەسەتنى بىر مۆمىن بەندى كۆرۇپ قېلىپ مۇساپىرگە ئاتاپ گور كولاپ ماتەم تۇتۇپتۇ . توغ ئەلەملەرنى ئېسىپتۇ . كىيىنكىلەر ناتۇنۇش يەردىكى ناتۇنۇش قەبرە ئۇچۇن سەپەردىكى بەختىنى تىلەپ توغ ئەلەم ئېسىپتۇ .
بارا بارا توغ ئەلەم لەرنىڭ كۆپۇيشى بىلەن مانا بۇ زىمىن  مازار دەپ ئاتالغانكەن .
atlan
تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقان ئۇيغۇرۇم قېنى .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 12:25
بۇ ئەزا توردا يوق زابوي

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 7
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 92
UID نۇمۇرى : 6637
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 121 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 7 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

مىنىڭچا بۇ تىما ياخشى كەن
atlan
ۋۇسۇڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 18:21
بۇ ئەزا توردا يوق ئالتۇن1984520

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 6553
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 689 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
قوللاش: 35 نومۇر
ئالقىش: 63 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-29

رەخمەت.................
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-27 20:01
سەلكىن مۇنبىرى » ساياھەت نوقتىلىرى

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )