ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 1000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » مائارىپ – ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى » ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى » ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 1000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
تېما: ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 1000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
بۇ تىما 279 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا يوق ئەرك

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 89
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 272 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 13 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 1000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

بۇ يازما سىرلىق.شائىر تەرپىدىن يورۇتۇلدى(2007-10-04)
2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﻼﻧﻰ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ» (ﺵ ﻙ ﺥ [2007] 271- ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 1000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.  ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ، ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺵ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ، ﺋﻪﻻﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻻﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ: 2007- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻳﯧﺸﻰ، ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ  ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ: 2007- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 30- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﻳﺪﯗ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ (ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ: http://www.htedu.gov.cn) ﺩﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. «2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ» ﯞﻩ 2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ» ﻧﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ: 1. ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭ: ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﯧﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻟﯘﺷﻴﻪﻥ، ﻓﺎﯕﺠﯧﻦ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﻪﺳﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ- ﻳﺎﻗﺎ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ، ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
2. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ: 1) ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯘﺭﯗﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ («ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ» ﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ) ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. 2) ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
3. ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ: ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻰ (HSK) ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ 3- ﯞﻩ 4- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻰ (HSK) ﺩﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ 6- ﯞﻩ 7- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. «ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ» ﯞﻩ «ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭ» ﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ 2- ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ B ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
4. ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ: (1) 35 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ (1972- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭ) ﻻﺭ.
(2) ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 150 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ 160 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 40 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 45 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻠﯩﺮﯨﺪﻩ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
5. ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ: ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻱ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 2007- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ (ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺭ) («ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ» ﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ: ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ «ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ» ﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ:
(1) ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ؛ (2) ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ؛ (3) ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻠﯩﺮﻯ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ؛ (4) ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ.
ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ: ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ (ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ)، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯦﻠﻮﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﯩﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ «2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ» ﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﺕ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻳﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 15.00 ﻳﯜﻩﻥ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 40.00 ﻳﯜﻩﻥ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 0.5 ﻳﯜﻩﻥ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻻﯕﺒﺎﺵ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ (http://www.htedu.gov.cn) ﺩﯨﻦ «2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ» ﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻰ (zpjsbm@163.com) ﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.          ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ 2007- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ 11- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ «2007- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﻪ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺭﻩﻟﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ: (1) ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ: 2007- ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24- ﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩ 25- ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﺎﺋﻪﺕ 9:00 ﺩﯨﻦ 11:00 ﮔﯩﭽﻪ، ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 2:00 ﺩﯨﻦ 4:00 ﻛﯩﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ). ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺗﯩﻞ- ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ (ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ) ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺗﯩﻞ- ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. (2) ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻦ- ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ (ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﭼﻪﻙ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ). ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﭼﻪﻙ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 1:3 ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯧﻜﻰ 5 ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻪﺳﯩﭙﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ. «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ («ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ). ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ: ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 2007- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ، 11- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﺩﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﺩﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ: (1) ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 14- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 40.00 ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ: 2007- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15- ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﺎﺋﻪﺕ 9:00 ? 11:00 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ).
ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. (2) ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ: «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 14- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 40.00 ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ: ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ.
ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 60 ﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗﺕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﺪﺍ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺘﯩﺶ: 2007- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ 2007- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 31- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺗﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، 90 ﻳﯜﻩﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ، 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ» ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ: (1) ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻡ ﯞﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﻮﻳﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﻮﺳﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﺑﻮﻳﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. (2) ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻪﻻﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. (3) ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺵ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻡ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (4) ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، «ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﺍﻕ» ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺰﻣﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻥ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ، ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. (5) ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯩﺠﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎﻻﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺵ، ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.(6) ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. (7) ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ: 2030457، ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ: 2023466 (ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ)، 2025164 (ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻡ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ)
ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﻯ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.  ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ: http://www.htedu.gov.cn
ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ: (ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ 245 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ 755 ﻧﻪﭘﻪﺭ).
ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ  ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ (http://www.htedu.gov.cn) ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﯔ.

ئەسلى مەنبە:http://218.31.134.111:8261//1$001/1$001$002/5.jsp?articleid=2007-9-30-0008

تەستىقلىغۇچى: قەلىپداش

[ بۇ يازما قەلىپداش تەرپىدىن 2007-10-04 18:01 دە قاي ]
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 15:57
بۇ ئەزا توردا يوق سىرلىق.شائىر

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 482
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 317
مەزھەپ:ئۇيغۇر ئوغلى ئۇيغۇر ئوغلى
UID نۇمۇرى : 47
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 419
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە419دانە
شۆھرەت: 327 نۇمۇر
پۇل: 933 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 472 نۇمۇر
قوللاش: 425 نومۇر
ئالقىش: 142 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

رەھمەت سىزگە ،مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت ،ھېلىمۇ خۇتەندىن نۇرغۇن دوسىتلىرىم نەۋاخ مۇشۇ ئىمتاھاننى كۇتىۋاتقىلى ،مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار بولسا ۋاقتىدا يوللاپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن،
atlan
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 18:44
بۇ ئەزا توردا يوق پىستەك

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 604
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 195
مەزھەپ:قەشقەرلىك قەشقەرلىك
UID نۇمۇرى : 1154
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 583
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە583دانە
شۆھرەت: 410 نۇمۇر
پۇل: 1485 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 579 نۇمۇر
قوللاش: 570 نومۇر
ئالقىش: 214 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ۋاي ما خوتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ كىتىدىغان بولۇپتۇدە .
مۇبارەك بولسۇن خوتەنلىك دوستلار . كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەت سىلەرنىڭ زىممىڭلارغا چۇشۇپتۇ . كەلگۈسى مائارىپ ئۈچۇن قاتتىق تىرشىڭلار .
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 18:53
بۇ ئەزا توردا يوق hitman-x

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 517
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 282
UID نۇمۇرى : 151
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 426
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە426دانە
شۆھرەت: 329 نۇمۇر
پۇل: 303 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 542 نۇمۇر
قوللاش: 485 نومۇر
ئالقىش: 222 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مىنىڭچە ئالىدىغان ئۇيغۇرلار 200دىن ئاشمايدۇ ...... لېكىن ئىمتاھانغا تىزىملىتىدىغانلار 2000دىن ئېشىپ كېتىدۇ .....
ھەر بىر كىشىدىن  كېتىدىغان چىقىمنى 100 يۈەن دېسەك ...  تىزىملاتقانلارنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 كىشى دەپ قويساق ... ئىككى مىلىيۇن  يۇەن دېگەن گەپ ...  بۇ سودا بولغۇدەك جۇمۇ ..........
atlan
ھەممە ھاياتلىق ئۈچۈن !!!!!!!!
[img]http://img351.imageshack.us/img351/3456/shakl5bq.gif[/img]

[img]http://gameswelt.de/pc/previews/h/hitman/hitman-logo.gif[/img]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 19:26
بۇ ئەزا توردا يوق سىرلىق.شائىر

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 482
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 317
مەزھەپ:ئۇيغۇر ئوغلى ئۇيغۇر ئوغلى
UID نۇمۇرى : 47
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 419
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە419دانە
شۆھرەت: 327 نۇمۇر
پۇل: 933 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 472 نۇمۇر
قوللاش: 425 نومۇر
ئالقىش: 142 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

خەنزۇچە سەۋىيە سىناشتا دەرىجە كىنىشكىسى بولمىسا بولمايدىكەن جۇمۇ،.مىنىڭ يېقىنىم تىزىملىتىدىغان كەسىپكە ئالىدىغىنى 10غىمۇ يەتمەيدىكەنغۇ ؟ئىشقىلىپ يەنە ئۇنى بۇنى دەپ ھەي..........................
atlan
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 20:23
بۇ ئەزا توردا يوق تاشۋاي

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 16
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 83
UID نۇمۇرى : 4747
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 35 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
قوللاش: 11 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-04

ناھايتى ياخشى ئۇچۇر .... جاپا تارتىپسىز ....بۇ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر پۇرسەت ..
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-04 23:19
بۇ ئەزا توردا يوق ئوكو

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 700
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 99
مەزھەپ:پادىشاھ پادىشاھ
UID نۇمۇرى : 730
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 673
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە673دانە
شۆھرەت: 552 نۇمۇر
پۇل: 3677 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 684 نۇمۇر
قوللاش: 637 نومۇر
ئالقىش: 404 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى hitman-x نىڭ 2007-10-04 19:26 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مىنىڭچە ئالىدىغان ئۇيغۇرلار 200دىن ئاشمايدۇ ...... لېكىن ئىمتاھانغا تىزىملىتىدىغانلار 2000دىن ئېشىپ كېتىدۇ .....
ھەر بىر كىشىدىن  كېتىدىغان چىقىمنى 100 يۈەن دېسەك ...  تىزىملاتقانلارنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 كىشى دەپ قويساق ... ئىككى مىلىيۇن  يۇەن دېگەن گەپ ...  بۇ سودا بولغۇدەك جۇمۇ ..........

قاراڭ ھاجىم 2مىليۇن ئەمەس 200مىڭ بولىدۇ...
مىنىڭچە 500 دىن ئارتۇق مللى بولىدۇ...
نىمە  ئۇچۇنلىكىنى دىمىسەممۇ بولا...؟
بىر ئۈمۇدسىز كىشى بىلەن بىر ئۈمۇدۋار كىشى گۇگۇم پەيتىدە يولدا سەيلە قىلىپ كىېتۋاتاتتى:
-قۇياش چۆكۇپ كېتۋاتىدۇ ،-دېدى ئۇمۈدسىز كىشى ھەسرەت بىلەن.
-يۇلتۇزلار كۆتۇرلۋاتىدۇ،-دېدى ئۈمۇتۋار كىشى ھاياجان بىلەن.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-05 01:29
بۇ ئەزا توردا يوق پىستەك

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 604
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 195
مەزھەپ:قەشقەرلىك قەشقەرلىك
UID نۇمۇرى : 1154
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 583
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە583دانە
شۆھرەت: 410 نۇمۇر
پۇل: 1485 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 579 نۇمۇر
قوللاش: 570 نومۇر
ئالقىش: 214 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

Quote:
بۇ مەزمون 6 - قەۋەتتىكى ئوكو نىڭ 2007-10-05 01:29 دە يوللىغان يازمىسى“”:

قاراڭ ھاجىم 2مىليۇن ئەمەس 200مىڭ بولىدۇ...
مىنىڭچە 500 دىن ئارتۇق مللى بولىدۇ...

نىمە ئۈچۇن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-05 02:11
بۇ ئەزا توردا بار ﻛﯘﻟﻤﻪﺱ

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2092
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2907
UID نۇمۇرى : 689
دەرىجە: ئوت يۈرەك
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2035
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2035دانە
شۆھرەت: 1294 نۇمۇر
پۇل: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 2091 نۇمۇر
قوللاش: 1694 نومۇر
ئالقىش: 452 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

قانچىلىك ئۇيغۇر ئالىدىكەن
ئالدىراپ بىرسىگە ئىشەنمەڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-05 10:31
بۇ ئەزا توردا يوق تەكلىماكان

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1412
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 587
مەزھەپ:تەكلىماكان تەكلىماكان
UID نۇمۇرى : 2038
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1291
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1291دانە
شۆھرەت: 782 نۇمۇر
پۇل: 313 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1389 نۇمۇر
قوللاش: 1283 نومۇر
ئالقىش: 368 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

نىمىلا دىمەيلى بۇمۇ بىر ياخشى ئىشكەن. خوتەنلىك ساۋاقداشلېرىم ھەممىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېتەمدۇ نىمە.
ۋاقىت ئاتقان ئوق.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-05 14:20
بۇ ئەزا توردا يوق ئالماچېچىكى0999

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 88
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 11
UID نۇمۇرى : 3882
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 77
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 83 نۇمۇر
قوللاش: 77 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ناھايىتى ياخشى خەۋەركەن  ئامال بار تىزىملىتىپ سىناپ باققانغا يەتمەيدۇ
مەنمۇ نوپۇسۇمنى خوتەنگە يۆتكەيمىكىن داۋاتىمەن
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمۈرى بىراق
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىغى
ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلەر بىر ياپراق [img] - Open
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-10 16:02
بۇ ئەزا توردا يوق بەگزادە

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 150
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 149
UID نۇمۇرى : 2205
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 131
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە131دانە
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 259 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
قوللاش: 116 نومۇر
ئالقىش: 12 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

Quote:
بۇ مەزمون 10 - قەۋەتتىكى ئالماچېچىكى0999 نىڭ 2007-10-10 16:02 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ناھايىتى ياخشى خەۋەركەن  ئامال بار تىزىملىتىپ سىناپ باققانغا يەتمەيدۇ
مەنمۇ نوپۇسۇمنى خوتەنگە يۆتكەيمىكىن داۋاتىمەن

ئاۋارە  بولماڭ  رايۇن  چەكلىمىسى يۇقكەن ..

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-10 16:33
سەلكىن مۇنبىرى » ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )