UID نۇمۇرى : 3012
دەرىجە:
قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
2
يازما سانى: 137
ئۇنۋان:
3 دەرىجە
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 1608 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
قوللاش: 133 نومۇر
ئالقىش: 6 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10
<<ئەتەبەتۇلھەقايىق >> تىن پارچىلار
قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم يازما يادىكارلىقلاردىن ئەدىپ ئەخمەت بىننى يۈكنەكى تەرىپىدىن يېزىلغان << ئەتەبەتۇلھەقايىق >> (ھەقىقەت ئىشىگى) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . تۆۋەندە خەمىت تۆمۈر ئەپەندى ۋە تۇرسۇن ئايۇپ ئەپەندىنىڭ تەييارلىشىدا نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىدىن بەزى پارچىلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن . تېكست بىسمىللاھىرەھمانىررەھىم ئاللانىڭ مەدھىيىسى ھەققىدە 1.ئىلاھى ئوكۇش ھەمد ئايۇرمەن ساڭا سەنىڭ رەھمەتىڭدىن ئۇمارمەن ئوڭا
2.سەنامۇ ئايۇغاي سەزا بۇ تىلىم ئۇنارچا ئايايىن يارى بەر ماڭا
3.سەنىڭ بارلىقىڭغا تانۇقلۇق بەرۇر جەماد جانۋار ئوچغان يۈگۈرگەن نەڭا تەرجىمىسى بىسمىللاھىرەھمانىررەھىم ئاللانىڭ مەدھىيىسى ھەققىدە 1.خۇدا ساڭا كۆپلەپ مەدھىيە ئوقۇيمەن ، (دائىم )سېنىڭ رەھمىتىڭدىن ياخشىلىق كۈتىمەن .
2.(سېنى)لايىغىدا مەدھىيلەشكە مېنىڭ بۇ تىلىم يارارمۇ ، ئىقتىدارىمىنىڭ بارىچە سۆزلەي ، ماڭا يارى بەر .
3. جانلىق ، جانسىز ، ئۇچقان ، يۈگۈرگەن (ھەممە)نەرسىلەر ، سېنىڭ بارلىغىڭغا گۇۋالىق بېرىدۇ .
كەمتەرلىك ۋە تەكەببۇرلۇق ھەققىدە تېكست تاۋار بىرلە ئەرسە ئۇلۇقسىندۇڭ ئۇلۇغلۇق تاپارۇ ئەلىگ سۇندۇقۇڭ تاۋار ئاسغى نە ئول بارۇر سەن يالىڭ قالۇر مۇندا كىدىن سەپەد ساندۇقۇڭ تەرجىمىسى ئەگەر مۈلكۈڭگە تايىنىپ ئۇلۇغلۇق تالاشساڭ ، ۋە ئۇلۇغلۇققا قول ئۇزاتساڭ ، مۈلكىڭنىڭ نىمە پايدىسى بار ، ئۆزەڭ يالغۇز كېتىسەن ، سېۋەت - ساندۇغۇڭ مۇندا قالىدۇ .
ئاچكۆزلۈك ھەققىدە تېكست ھەرىسلىق ما ئەركە ياۋۇز خەسلەت ئول ھەرىسلىق سوڭى غەم ئۆكۈنچ ھەسرەت ئول بۇ بايلىق چىغايلىق ئىدى قىسمەتى ھەرىسلىق تەگ ئەركە قۇرۇغ زەھمەت ئول تەرجىمىسى ئاچكۆزلۈكمۇ كىشى ئۈچۈن ياۋۇز خىسلەتتۇر ، ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى غەم ، ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەتتۇر . بايلىق ۋە گادايلىق ئاللانىڭ قىسمىتىدۇر ، ئاچكۆزلۈك ئادەم ئۈچۈن پەقەتلا بىر قۇرۇق زەخمەتتۇر
|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى: شۆھرەت:+20(باغۋەن)
يارايسى
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-16 09:39
|