ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى » ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
تېما: ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
بۇ تىما 617 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا يوق پەرۋازىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 96
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 138
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە138دانە
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 555 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 168 نۇمۇر
قوللاش: 152 نومۇر
ئالقىش: 57 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-08

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

بۇ يازما باغۋەن تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-08-09)
ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﻣﻪ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺳﻮﺩﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯗﺭ، ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ، ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻧﺎﻏﺮﺍ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻧﻨﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯘﻧﺎﻳﭽﻰ، ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﻛﺎ (ﺑﺎﺷﻰ) ﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﺘﺘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﮔﯩﺰﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺴﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ، ﺭﻭﺯﻯ ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﮬﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻣﯘﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﻧﺴﺎ، ﺳﺎﻣﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻣﺎ ﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯓ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯦﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻧﺎﻏﺮﺍ- ﺳﯘﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯧﻴﺖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1442- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ- ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 944- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1558- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﯘﺑﯘﻝ ﮬﺎﺩﻯ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1787- ﻳﯩﻠﻰ (ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1201- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﯩﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﺌﯧﺮﯨﻖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ.
XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1224- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1809- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﺍﯓ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻝ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1235- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1820- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺱ- ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯩﺪﯨﺮ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﻪﺑﺮﯨﺸﯩﻤﻜﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1255- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1839- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﯧﮕﻰ ﺯﻭﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮒ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺳﻮﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﺎﻣﻪﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ (ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮒ) ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1290- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1872- ﻳﯩﻠﻰ) ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 24 ﻗﺎﺗﺎﺭ 72 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ، ﻣﯘﻧﺎﺭ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ، ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺩﻩﯞﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1320- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1903- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ① ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1322- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1905- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1352- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1934- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﮭﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1354- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1936- ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﮬﺌﯩﺴﻼﻣﻰ ﻣﻪﺩﺭﺳﯩﮭ- ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺮﯨﭗ- ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1355- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1937- ﻳﯩﻠﻰ) ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻜﻰ 24 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﺎ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﺎﻻﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻧﻮﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﺮﻻﭖ، ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. 1983- ﻳﯩﻠﻰ 100 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺟﺎﻣﻪﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺟﺎﻣﻪﮔﻪ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯘﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﻜﯘﺭﯨﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯘﮬﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯘ ﺟﺎﻣﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
مەنبەسى : ياشلار مۇنبىرى
[img]http://wpa.qq.com/pa?p=1:183082483:7[/img][url=tencent://message/?uin=183082483&Site=http://parvaz.ilghar.net&Menu=yes]بۇ يەرنى چېكىپ مەن بىلەن چ چ دا ئالاقىلىشىڭ [/url]

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-08 23:55
بۇ ئەزا توردا يوق تۈمۈرقان

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 201
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 98
UID نۇمۇرى : 3573
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 185
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە185دانە
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 297 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
قوللاش: 182 نومۇر
ئالقىش: 1 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-05

سىز ئېيتقاندەك ھېيتكاھ ھەقىقەت ئۇلۇغ جامئە جۇما لىكىن ئىشقىلپ بىر بېرىپ زىيارەت قىلسا
بۇلىدۇ كىشى .
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 00:01
بۇ ئەزا توردا يوق رۇسلان007

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 271
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 28
UID نۇمۇرى : 95
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 238
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە238دانە
شۆھرەت: 538 نۇمۇر
پۇل: 1107 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 355 نۇمۇر
قوللاش: 287 نومۇر
ئالقىش: 25 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-04

~~قەشقەرنىڭ كۆزيىشى~~~ مېنىڭ كۆز يىشىم~~~~
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 00:02
بۇ ئەزا توردا يوق نۇرئەلى

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 231
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 4286
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 194
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 304 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 214 نۇمۇر
قوللاش: 162 نومۇر
ئالقىش: 23 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

مەن قەشقەرلىك بولغىنىمدىن پەخرلىنىۋاتمەن ........................................
مەڭگۇ 620ئۇنتۇلماس
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 00:07
بۇ ئەزا توردا يوق رۇسلان007

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 271
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 28
UID نۇمۇرى : 95
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 238
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە238دانە
شۆھرەت: 538 نۇمۇر
پۇل: 1107 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 355 نۇمۇر
قوللاش: 287 نومۇر
ئالقىش: 25 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-04

ھىيتىگاھ نىڭ بۇ تارىخى  « ئۇنتۇلغان تارىخلار» دىگەن كىتاپتا بار .

بۇرۇن ناھايىتى مىھرى ئىسسىق ئىدى........

قەشقەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ  « شاپائىتى » بىلەن  بۈگۈنكىدەك ...خەلىق مەيدانىغا ئايلاندى.

بۇلۇپمۇ ھىلىقى سائەت مۇنارىنى بۇزۇۋەتكىنىگە ....ھازىرغىچە ئاچچىقىم بار.......... ئىلاھىم ئاشۇ سائەت مۇنارىنى بۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئەبلەخ نىڭ تىلىغا چىقان چىقسۇن.....

ھەراست...ھىيتگاھ مەسچىتىنىڭ كىرىش بىلىتى 10 يۈەن خەلق پۇلى...(ساياھەتچىلەرگە )

بەزى ئورگانلار بۇ مۇقەددەس جايدىن پايدىلنىپ....خىلى سەمىرۋالدى .....
يەنە قانچىلىك سەمىرىيدىكىن؟؟؟
~~قەشقەرنىڭ كۆزيىشى~~~ مېنىڭ كۆز يىشىم~~~~
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 00:08
بۇ ئەزا توردا يوق رۇسلان007

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 271
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 28
UID نۇمۇرى : 95
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 238
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە238دانە
شۆھرەت: 538 نۇمۇر
پۇل: 1107 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 355 نۇمۇر
قوللاش: 287 نومۇر
ئالقىش: 25 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-04

قەشقەر ------قاچانغىچە ئۈنسىز ياش تۆكەرسەن؟؟؟

كۈنلەرنىڭ بىرى  ئەسىرلەر بويى تۆككەن ياشلىرىڭ... سەل بولۇپ ..تاشارمۇ؟؟؟
~~قەشقەرنىڭ كۆزيىشى~~~ مېنىڭ كۆز يىشىم~~~~
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 00:11
بۇ ئەزا توردا يوق تېنچىلىق قۇشى

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1275
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 724
UID نۇمۇرى : 66
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1123
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1123دانە
شۆھرەت: 676 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1164 نۇمۇر
قوللاش: 1039 نومۇر
ئالقىش: 122 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

.jpghttp://www.9tour.cn/Uploadfile/Min14efd86744ffec96.jpg

http://images.blogcn.com/2007/3/19/1/hanxinchu,2007031911424.jpg
http://images.blogcn.com/2007/3/19/1/hanxinchu,2007031911623.jpg

مۇشۇ يەردە توختىتاي ~~ خوش ئامان بولۇڭلار ~
[move]ئەركىنلككە ئىنتىلۋاتقان تىنىچلىق قۇشى[/move]

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 01:03
بۇ ئەزا توردا يوق قورغان213

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 426
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 373
UID نۇمۇرى : 2361
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 356
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە356دانە
شۆھرەت: 234 نۇمۇر
پۇل: 710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 382 نۇمۇر
قوللاش: 339 نومۇر
ئالقىش: 92 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

سائەت بار گۈللۈكتە بۇرۇن يەنە بىر ھەيۋەتلىك تۇلپارمۇ بار ئىدى . ئۇ مۇنار قەشقەر مەركىزى ئىدى . نول قوزۇق دەپمۇ ئاتىلاتتغۇ دەيمەن.
جامەنىڭ تۇۋرىكى نەچچىتى مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن . 17 يىل بولدى ئەمەسمۇ مەن ئارىلغىلى. يوللاپ قويۇڭلار؟
atlan
قورغاننىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ تېشىغا چىققۇسى ، قورغاننىڭ تېشىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ ئىچىگە كىرگۇسى كېلىدۈ .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 01:18
بۇ ئەزا توردا يوق پەرۋازىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 96
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 138
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە138دانە
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 555 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 168 نۇمۇر
قوللاش: 152 نومۇر
ئالقىش: 57 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-08

رەسىمىنى يوللىغىنىڭلارغا رەھمەت.
[img]http://wpa.qq.com/pa?p=1:183082483:7[/img][url=tencent://message/?uin=183082483&Site=http://parvaz.ilghar.net&Menu=yes]بۇ يەرنى چېكىپ مەن بىلەن چ چ دا ئالاقىلىشىڭ [/url]

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 01:18
بۇ ئەزا توردا يوق جانئالغۇچى~ئەرزائىل

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 408
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 391
UID نۇمۇرى : 666
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 392
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە392دانە
شۆھرەت: 218 نۇمۇر
پۇل: 609 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 386 نۇمۇر
قوللاش: 281 نومۇر
ئالقىش: 29 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

نەدىكى ،قاچانقى ،قايسى دەۋىردە ياسالغان سائەت مۇنارتى؟نەچچە ئەسىر بولغانتى؟نىمىشقا بۇزدى ؟يولغا تۇغرا كەلگەنمىتى؟
مىنىڭمۇ ئىچىم قايناۋاتىدۇ؟
-كىروران يىگىتى،2007.6
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 01:37
بۇ ئەزا توردا يوق پەخرىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 255
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 44
UID نۇمۇرى : 3988
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 309 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 216 نۇمۇر
قوللاش: 112 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ھازىر يوغان بىر  .ئورنىتىپتۇ ،
ھازىرجامائەت نامار ۋاختىدا ناماز ئوقۇماي تىلۋىزوردا كىنو كۆردىكەن. ئاللا ئۇلارنىڭ دىلىغا ئىمان بەرسۇن.
atlan
بىز مىللەت دەپ ياشايلى!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 14:49
بۇ ئەزا توردا يوق پەخرىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 255
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 44
UID نۇمۇرى : 3988
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 309 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 216 نۇمۇر
قوللاش: 112 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ھازىر يوغان بىر  تىلۋىزورئورنىتىپتۇ ،
ھازىرجامائەت نامار ۋاختىدا ناماز ئوقۇماي تىلۋىزوردا كىنو كۆردىكەن. ئاللا ئۇلارنىڭ دىلىغا ئىمان بەرسۇن.
بىز مىللەت دەپ ياشايلى!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 14:51
بۇ ئەزا توردا يوق پەخرىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 255
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 44
UID نۇمۇرى : 3988
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 309 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 216 نۇمۇر
قوللاش: 112 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

شەمشەر،رۇسلان007 سىلەرنىڭ بۇ  رەسىملەرنى  يولىغىنىڭلارغا  رەخمەت .
ئاللا سىلەر گە ئامان-ئىسەنلىك ئاتا قىلغاي .
بىز مىللەت دەپ ياشايلى!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 15:07
بۇ ئەزا توردا يوق خىيالچان

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 493
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 306
UID نۇمۇرى : 2798
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 471
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە471دانە
شۆھرەت: 271 نۇمۇر
پۇل: 385 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 468 نۇمۇر
قوللاش: 409 نومۇر
ئالقىش: 65 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مەن بۇلتۇر  قەشقەردە  تۇرغان  ۋاختىمدا  نامازنى كۇندە  مۇشۇ مەسچىتتە  ئوقۇغان
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 16:05
بۇ ئەزا توردا يوق ئاق-ئەتىرگۈل

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 801
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1198
UID نۇمۇرى : 144
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 682
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە682دانە
شۆھرەت: 372 نۇمۇر
پۇل: 367 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 681 نۇمۇر
قوللاش: 637 نومۇر
ئالقىش: 44 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

بۇ قېتىم بارغان ۋاقتىمدا مەنمۇ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ چىقتىم.....لىكىن پۇل تۆلىمدىم....تارىخىنى تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرگەنلىكىمدىن خوشالمەن....شۇ ھېيىتكاھ ئالدىنىڭ «مەنزىرە»سى ماڭا تازا ياقمىدى....
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-08-09 20:36
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )