Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئۆز- ئارا مۇناسىۋەت توغرىسىدا ( ماقال - تەمسىل )

يامان ئات ئىگىسىنى يەرگە ئاتار ،
يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار .

ياخشى دوست ئۈلپەت ،
يامان دوست كۈلپەت .

تۇنىمايدىغان پەرىشتىدىن ،
تۇنۇيدىغان شەيتان ياخشى .

ئەقىلى يوق دوستىدىن يامانلار ،
قۇرسىقى توق تاماقتىن ( يامانلار ).

ھېسابلىق دوست ئايرىلماس .
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بەر .

دۈشمەنگە باش ئەگسەك دەسسەيدۇ ،
دوستۇڭغا قول سۇنساڭ ئەسلەيدۇ .

گۈلنىڭ تىكىنى بۇلىدۇ ،
دوستنىڭ ئەيىبى (بۇلىدۇ).

دوستىدىن ئەيىب ئىزدىگەن دوستسىز قالار .

مەسچىتكە كىرسىلا موللا دېمە ،
ماختاپ قويسىلا دوستۇم دېمە .

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ كۈندە بازار ،
يامان بىلەن دوست بولساڭ كۈندە ئازار .

ئۆز يۇرتۇڭدىن ئايرىلما چەت بولسىمۇ ،
قەدىناستىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ .

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ ئېچىلار چېچەكلىرىڭ ،
يامان بىلەن دوست بولساڭ يېرىلار يۈرەكلىرىڭ .

ياخشى بىلەن يۈرسەڭ يېتىسەن مۇراتقا ،
يامان بىلەن يۈرسەڭ قالىسەن ئۇياتقا .

تۈز يول ياخشى نېرى بولسىمۇ ،
قەدىناس ياخشى قېرى بولسىمۇ .

دوست يىغلىتىپ ئېيتار ،
دۈشمەن كۈلدۈرۈپ (ئېيتار).

گۈل -گۈل ئارىسىدا قەدىرلىك ،
ھۆرمەت دوستلار ئارىسىدا (قەدىرلىك)

چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى ،
دوستنىڭ كونىسى (ياخشى)

مەنبە : خەلق ماقال - تەمسىللىرى

         كۆرۈلۈشى:1070     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/4/8 15:59:06يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟
قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بول

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com