Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


تەكەببۇرلۇق قىلىشتىن ساقلىنىڭ !

<<كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ،مەغرۇرلىق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ>>دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن دانالىرىمىز.قايسى بىر يازغۇچىمىز ئېيتقىنىدەك،بۇ سۆزلەر خۇددى ئېغىزدىن چىققان ھوردەكلا ئېيتىلماققا ئاسان بولغىنى بىلەن،كىشىلەرنىڭ ئۇنى ھەقىقىي تېگى-تەكتىدىن،ماھىتىدىن چۈشۈنۈپ،ئۆز تەبىئىتىگە ئايلاندۇرىشى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش ئوخشايدۇ.

بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەبىئىتىمىز ئەسلىدىنلا ئاق كۆڭۈل بولىدىكەنمىز.ئەمما ھازىر ئىنسانلار مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقىنى بىلەن،مۇھىت بەلگىلىك دەرىجىدە بىزنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.<<قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار>>دېگەندەك،جەمىئەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،كۆپلىگەن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن بىز ئۆزىمىزگە يات بولغان،قىلچىمۇ ماس كەلمەيدىغان يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالدۇق.شەخسەن مەن ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويسام:مېنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغىنىم،باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك،باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش.....
گەرچە قۇياش نۇرى ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن كەڭ زىمىنغا تەكشى تاراتقان بولسىمۇ ئەمما چۆللەردە تىكەن ۋە قامغاق،باغلاردا گۈلشەنلەردە بولسا سەرۋى-ناز،گۈل گىياھلار ئۆسىدىكەن.مانا شۇنىڭدەك يارىلىشىمىزدا بىز ھەممىمىز بابباراۋەر، ئوخشاش يارىتىلدۇق.ئەمما ياراتقۇچىمىز بىزگە شۇنداق بىر ھېكمەتنى قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن:يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن.شۇنىڭدەك يارىلىشىمىزدا تەڭ،ئوخشاش يارالغان بىزلەرنىڭ تەقدىرى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئىكەن!قانداق مىجەزلىك بولىشىمىزنىمۇ ئۆزىمىز بەلگىلەيدىكەنمىز.
بىزنىڭ دانالىرىمىز بىزگە يەنە مۇنداق بىر ھېكمەتنىمۇ قالدۇرغان:ئەسلى ۋەسلىڭنى ئۇنۇتما،شىر چورۇقىڭنى قۇرۇتما دەيدىغان.ئەمما ھازىر جەمىئىتىمىزدىكى بەزەن كىشىلەر بولسا تولىمۇ تىرىشىپ-تىرمىشىپ،غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدۇيۇ،ئەمما دەل شۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ دولىمىزدىكى شۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىگە كىرىپ كېتىپ بەزى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالىدۇ.
ئۇلۇغ بوۋامىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە بۇرۇن ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە تولىمۇ نامرات،كىشىلەر يۆلىمىسە ھەتتا ئۈچ ۋاخلىق تامىقىنىمۇ يېيەلمەيدىغان بىر ئادەم بار بولۇپ،بۇ ئادەم كېيىنچە ئۆزىنىڭ زور غەيرەت ،تىرىشچانلىقى،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپتۇ،شۇنداقلا شۇ مەھەللىدىكى ئابرويلۇق كىشىلەر قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئاپتۇ.ئەمما پۇل،مال-دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ شەيتان ئىكەن!ئۇ ئادەم شۇندىن كېيىن تولىمۇ تەكەببۇرلىشىپ،كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان،ئاددىيغىنىسى يۇرت چوڭلىرىغىمۇ سالام بەرمەيدىغان بىئەدەپ كىشى بولۇپ قاپتۇ!ئۇنىڭ شۇندىن كېيىن ئېرىشكىنى ئەل جامائەتنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئەمەس بەلكى بەد دۇئالار،لەنەت ۋە قارغىشلار بولۇپتۇ.دوسلىرى ۋە ئۈلپەتداشلىرى ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەر بولماستن بەلكى كىشىنى يولدىن چىقىرىدىغان ھاراق،تاماكا،قىمار سورۇنى بولۇپتۇ.بەلكىم شۇ سەۋەبتىندۇر،ئۇ ئادەم ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا پۈتۈن مال بېساتىدىن ئايرىلىپتۇ.بىر مەزگىل ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلەلمىگەن بۇ زات شۇندىن كېيىن مەھەللىگىمۇ خاتىرجەم چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.....
مەن بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم. پۇل،مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى،نام-ئەمەلنىڭ يۇقىرى بولىشى كىشىگە ھەرگىزمۇ شەرەپ كەلتۈرەلمەيدۇ.بۇلار پەقەت ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزگە قىلغان سىنىقى خالاس.
ياراتقۇچىمىز دەيدۇكى:تەكەببۇرلۇق،چوڭچىلىق ئەڭ چوڭ گۇناھ.چۈنكى بىز ھەممىمىز رەببىمىز ئالدىدا قانداقتۇر مال-دۇنيا،ۋە ياكى نام ئەمىلىمىز بىلەن ئەمەس بەلكى ئىمان ئىتىقادىمىز بىلەن ياخشى يامانلىقىمىز ئۆلچىنىدۇ.شۇ سەۋەپلىك مېنىڭ ئەمدى دەيدىغىنىم:ئويلىنايلى قېرىنداشلىرىم!يەر شارى دېگەن يۇمىلاق،قىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىز،باسقان ھەر بىرقەدىمىمىز مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن بىزنى ھامان بىر كۈنى ئىزدەپ كېلىدۇ.خاتالىقىمىزنىڭ جاۋاپكارى بولۇپ قالمايلى.ئۈمۈد ئۈستىگە يۈكلەنگەن قەدىمىمىز پۇشايماننىڭ قورام تاشلىرى ئۈستىدە قالمىسۇن!
         كۆرۈلۈشى:1079     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/4/8 15:28:49يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟
قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بول

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com