Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ھېكمەت خاتىرەمدىن ئۈنچىلەر....

***تۇرمۇش ھەرخىل ئىدىيە بىلەن تولغان جەڭ مەيدانى.
***تارىخ ھەر قانچە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ ئۇنى ئەسلەش كېرەك.
***ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس،بەلكى تەقدىن قىلغىنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
***دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر،ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر ۋاز كەچكەن نەرسىلەردىن ۋاز كەچمىگەن كىشىلەردۇر.
***ئادەمنىڭ قىممىتى ئانىغا،خىسلىتى ئاتىغا باغلىق بولىدۇ.
***چاناققا پاتمىغان ياش،يۈرەككە قان بولۇپ تامىدۇ.
***چېپىلغاق دەشنالغا يېقىن،كۆڭۈلچەك پۇشايمانغا.
***دۇنيادىكى ئدڭ پەسكەشلىك ۋە نامەردلىك-باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە خۇشاللىققا ئېرىشىش.
***ئاڭلىغانغا ئىشىنىۋېرىش،كىشىنى كۆرگەنگىمۇ ئىشەنمەس قىلىۋېتىدۇ.
***بەش بارماق يۇمۇلمىغىچە مۇشقا ئايلانماس.
***ئادەم ھاياتى ياغاچ بۆشۈكتىن يەر بۆشۈكىگىچە.
***ئالا كۆڭۈلنىڭ كۆڭلى قىشتىكى قۇياشقا ئوخشايدۇ،ئۇ ھەر قانچە پارلاپ تۇرسىمۇ ساڭا بەرىبىر ھارارەت ئاتا قىلالمايدۇ.
***سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم سۆزنى باشقۇرىدۇ،ئېغىزدىن چىققاندىن كېيىن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ.
***دوستۇڭنىڭ ساداقەتسىزلىكى ھاياتىڭنى،سۆيگۈنىڭنىڭ ساداقەتسىزلىكى قەلنىڭنى ئۆلتۈرىدۇ.
***تۈنۈگۈن بۈگۈن ئۈچۈن جاۋاپ،بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن سوئال.
***باشقىلاردىن <<سەن كىم >> دېگەن سوئالنە سوراپ تۇرغىچە ئۆزۈڭدىن <<مەن كىم >>دېگەن سوئالنى سوراپ تۇر.
***ئاداۋەت ئانچە ئۇزاق داۋاملاشسا،قىساسى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.
***سەن سەل قارىغان ئىش بۇرنۇڭغا دەل تەگكەن مۇش.
***نادامەتتە قالماي دېسەڭ،نامەرتلەرنىڭ قولىغا سۇ بەرمە.
***ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ۋاقتىڭدا ئاللىقاچان سەپسەتە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن.
***تىلىمىز ئوخشاش بولغىنى بىلەن دىلىمىز ئوخشاش بولمىسا بىز يەنىلا ئىككى قۇتۇپتىكىلەر.
***تارىخ-ھېكمەت تەربىيە بەرگۈچى بوۋاي؛ھازىر-ئىشچان تىرىشچان،مەسھۇلىيەتچان دادا؛كەلگۈسى-بەخت،ئامەت،قۇت تەلەيگە ئىنتىزار بالا.
***تاغدەل خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپمۇ ئاناڭنىڭ ئادىغا بېرىپ قۇچىقىغا بېشىڭنى قويغىن،ئۇنىڭ يۈرۈكى شۇ تاپتا شۇررىدە ئېرىپ،سېنى چىن دىلىدىن كەچۈرىۋېتىدۇ.ئانا قەلبى ئەنە شۇنداق كەڭ ھەم ئىللىق.

         كۆرۈلۈشى:1053     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/4/8 15:26:44يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟
قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بول

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com