Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;

جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ھاۋارايىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاياللار سىم - سىم يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئەرلەرلا ھەم ياغدۇرالايدۇ، ھەم توختىتالايدۇ.

  ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ۋەقەلىككە تويۇنغان بىر رومان، ئۇنى ئاياللارلا ئوقۇيالايدۇ. ئاياللار گۈزەل بىر شېئىر، ئەمما ئۇنى ئەرلەر يازىدۇ، ئاياللار ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ.

  پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر پالچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار سىزگە نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆپىنچە ھالدا خاتا چىقىدۇ. ئاياللارمۇ پالچىغا ئوخشايدۇ، ئەممە ئۇلار ئۆزلىرى پال سېلىپ، ئۆزلىرى ئىشىنىپ يۈرىدۇ.

  ئىقتىساد پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مال ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ياغلىما گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئاياللار مال سېتىۋالغۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار مال ساتقۇچىنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ ۋە مال سېتىۋالىدۇ.

  گېئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر يانار تاغقا ئوخشايدۇ، يىراقتىن تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ، ئەمما دائىم پارتلايدۇ. ئاياللار قاشتېشىغا ئوخشايدۇ، نۇرغۇن ئەرلەر كۆزى ئوچۇق تۇرۇپمۇ سۈزۈك قاشتېشىنى تاپالمايدۇ، يەنە نۇرغۇن ئەرلەر كۆزىنى ئېتىپ قويسىڭىزمۇ ئەڭ ياخشى قاشتېشىنى تاپالايدۇ، بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ياخشىسىنى تېپىۋالغان ئەرلەر ئەڭ ئىشەنچسىزدۇر.

  مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مەڭگۈلۈك ساز، ئۇنى ئاياللار چالىدۇ، ئەرلەر ئۆزلىرى ئاڭلايدۇ. ئاياللار لىرىك ناخشا، لېكىن ئۇنى ئەرلەر بۇزۇپ ئېيتىدۇ.

  تىل ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ئۇزۇن قۇلاق، ئەمما ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمايدۇ؛ ئاياللار پاڭ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ھېچكىم ئاڭلىيالمايدۇ، ئەمما ئەرلىرىنىڭ پىچىرلاپ قىلغان گېپىنى ئاڭلىۋالىدۇ.

  ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مۇرەككەپ تەڭلىمە، ئۇلار ئاياللارنىڭ يېشىۋېتىشىنى خالىمايدۇ، ئاياللار ئاددىي تەڭلىمە، ئەمما ئەرلەر ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى يېشەلمەيدۇ.

         كۆرۈلۈشى:1168     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/11/15 19:52:22يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com