Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !

ئەسلى سەن ئۈچۈن ئىككىنجى قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالماسلىقنى نىيەت قىلغان ئىدىم ..........
بىلمىدىم ، بۈگۈن بىر كۈن ئولتۇرۇپ سېنى ئەسلەپ قالدىم ...........
ئىختىيارسىز ،ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈپ ، مەڭزىمدە قېتىپ قالدى .......
ئويلاپ قالىمەن ....مەن ، شۇنچە ئازاپلارنى تارتقۇدەك نىمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتىم-ھە؟...........
مېنىڭ بىردىنبىر گۇناھىم-سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئىدىغۇ ؟
ئەجىبا ، سەنچە بىرسىنى ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ ؟......
ئەپسۇس ...مەن پەقەت شۇ ئاڭكۈڭۈللۈكۈم بىلەن ساڭا ئاشىق بولۇپ ، ئالدىنىپ كەپتىمەن .......
مېنىڭ ساددا ، تۈز ،ئاقكۆڭۈل مىجەزىم ، سېنىڭ مېنى ئالدىشىڭنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى بولۇپ قاپتىكەن ................
كونىلار-ھەددىدىن زىيادە ساددىلىق....ئەقىلسىزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپتىكەن ....  
مەن ساددا تۇرمۇش ھەم مۇھەببەت قارىشىم بىلەن سېنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسسىياتىڭغا ھەمراھ بولغىنىمدا ، بەزىدە ئۆزۈمنى شىرىن خىياللار ئۈستىدە ئەللەيلىنىپ ، بەخىتتىن ھۇزۇر ئالغاندەك ھېس قىلسام ، بەزىدە تىگى يوق چۇڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك  سېزەتتىم ......
لېكىن مەن ئەزەلدىن ئۆزەمدىكى تۇيغۇنى ھەقىقىي دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن ، ساددا تۇرمۇش قارىشىم پېتى، سېنى سۆيۈپ ، ئالدىنىپ كېلىۋەردىم ........
بىلمىدىم ، سېنى نىمىشقا شۇنچە ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەن ؟  
مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق ،،،،دىگەن شۇمىكىن-يا ....؟
شۇنداق ئېنىق ئېىسمدە ، سېنىڭ سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن جېنىم ....سەن مېنىڭ ھاياتىم ، بەختىم ، ئۈمىدىم ........سەنسىز ياشىيالمايمەن ...............&t;دىگەنلىرىڭ قېنى ..............؟ 
توۋا ، شۇ چاغدا مەن دىگەنلىرىڭنى راس دەپ قالغان بولسام كېرەك-ھە ؟ 
ئۆزۈمچە ،مەندىن باشقا ئىككىنجى بىرسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مەۋجۇت ئەمەس دەپ ئويلاپتىكەنمەن ......
ساڭا ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگىنىم ئۈچۈن ، مەندە سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭدە قىلچە گۇمانمۇ پەيدا بولماپتىكەن ، شۇنچە يىل قوغلىشىپ، مېنىڭ مۇھەببتىمگە شۇنداق تەستە ئىرىشكەن ئىدىڭ ..   
سەن مېنى نەچچە يىل يۇشۇرۇن ياخشى كۆردۈڭ مەن بۇنى بىلەتتىم ، كىيىن قانداق جۈرئەتكە كەلدىنكىن تاڭ ماڭا ئېغىز ئاچتىڭ  .ساڭا << مەندە ھازىر ئۇنداق خىيال يوق بىز ياخشى ساۋاغداش  ، ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالايلى  &t; دىگىنىمدە ....سەن ئالدىمدا  يىغلاپ يالۋۇرغان ئىدىڭ .....ھەتتا ماقۇل بولمىسام بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزەڭنى بىلمەي  قانداق ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغانلىقىڭنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويغان ئىدىڭ.. مەن شۇ ۋاقىتتا سەندىن ئازراق تەسىرلەنگەن ئىدىم ، شۇنداقتىمۇ يەنە مېنىڭ ھازىرچە ئۇنداق ئۇيۇمنىڭ يوقلىقىنى ، ماڭا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىشىڭنى تەلەپ قىلغان ئىدىم ، سەنمۇ قۇشۇلدۇڭ. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىشلىرى بىلەن يۈرىۋەردىم ، سەنمۇ ئىزچىل مېنى قوغلىشىشنى ، ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىن توختاپ قالمىدىڭ .. كىيىن ساۋاغداشلىرىم ھەم دوستلىرىمنىڭ زورى بىلەن سېنىڭ تەلىۋىڭگە قۇشۇلدۇم ، چۈنكى مەن ئەمدى يەنە سېنى رەت قىلىشقا ھېچقانداق ئاساس تاپالمايتتىم . چۈنكى سەنمۇ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدىڭ .  شۇنداق قىلىپ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى باشلاندى ، بىز شۇنداق كۆڭۈللۈك، خۇشال ئۆتتۇق، ھەممە ئادەم بىزدىن سۆيۈنەتتى ، بىزگە ھەۋەس قىلاتتى ، مەنمۇ كىيىن سېنى بارا بارا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ياخشى كۆرگەندىمۇ شۇنداق ياخشى كۆردۈم .. چۈنكى مەندە ئۆزەمگە نىسبەتەن ھەرقانداق ئىشتا مەسئۇلىيەت دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشنى ئۇنتۇمايتتى . مېنىڭ نەزىرىمدە مۇھەببەت پەقەت بىر قېتىم بۇلىدۇ دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى، شۇڭا ساڭا ئەقىدە قىلدىم ، سېنى بارلىقىم بىلەن ياخشى كۆردۈم . سەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىڭ ، بەلكىم خۇشاللىق ، بەختلىك كۈنلىرىمىزمۇ داۋام ئەتكەن بۇلاتتى ، ئەمما نىمىشقىكىن كىيىن سەندە ئازراق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى ، ساڭا باشقا يالغان ساختا ئاشق- مەشۇقلارنىڭ غەيرىي مۇھەببەت سۆز- ھەرىكەتلىرى باشقىچە تەسىر بەرگەن ئىدى ، سەنمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى ، بىزنىڭمۇ مۇھەببىتىمىزنى شۇنداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭمۇ قانداق ، بۇرۇنقى مېنى ياخشى كۆرىدىغان ، مەن بارلىقىم دەپ كەلگەن ، قەلبىمدىكى بىردىنبىر ئادىمىم <<سەن&t;&t; گە ئوخشىماي قالغان ئىدىڭ ، مەن سېنىڭ ئۇ سۆز -ھەركەتلىرىڭنى ياقتۇرمىدىم ،، شۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى ،،كىيىن مەن سەندىن ، سەن مەندىن ئاستا- ئاستا يىراقلىىشىشقا باشلىدۇق ، ھەر ئىككىلىمىزگە ئايان ئىدى ، مۇھەببتىمىزگە ئاللىبۇرۇن چەك كەتكەن ئىدى ، پەقەت ئىككىمىزدىن بىرىمىزلا << بولدى، بۇنداق ئۆتۈۋەرمەيلى ، ئايرىلىپ كېتەيلى &t;&t; دېيىشنىلا كۈتىۋاتقان ئىدۇق .. ئەمما ھېچقايسىمىز ئېغىزدىن چىقارمىدۇق، چۈنكى ئېغىزدىن چىقارساق ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسېۋېتىگىمۇ تەسىر يېتىپ قالاتتى ، شۇنداق ئۆتۈۋەردۇق ،،، كۆڭۈللۈكمۇ ئەمەس ، كۆڭۈلسىزمۇ ئەمەس،،،،،،،
مەن سېنىڭ پەقەت بۇرۇنقى مەن سۆيگەن شۇ يىگىت بۇلۇشۇڭنىلا تەلەپ قىلدىم ، ئەمما سەن  مېنىڭ ئۇ سۆزلىرىمگە ھېچ پەرۋا قىلىدىغاندەك ئەمەس ، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرى بىلەن يۈرىۋەردىڭ ،، كىيىن مەن خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇقۇشقا كەتتىم ،،، سەنمۇ چاندۇرماي كۈندە بىرەر قېتىم مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن ماڭا تېلىفون قىلىپ قۇياتتىڭ ... تېلىفوندا شۇنداق قىسقىلا پاراڭلشاتتۇق ، كىيىن سەندىن كېلىدىغان تېلىفونمۇ ئازلاپ قالدى ،، ئەمما بىلسەڭ ئىدىڭ مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ شۇنداق قورقتۇم ، شۇ دەقىقىدە سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، خۇددى سەندىن ئايرىلسام ياشىيالمايدىغاندەك ھېس تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساڭا تېلىفون قىلىپ سەن بىلەن ياخشى پاراڭلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم سەنمۇ قۇشۇلدۇڭ، شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن پاراڭلىىششلاردىن كىيىن بىز ئەپلىشىپ قالغان بولدۇق ، شۇنداق بۇرۇنقى گۈزەل ۋاقىتلارغا قايتتۇق دېسەممۇ بۇلاتتى ، كۈندە نەچچە تېلىفوندا كۆرۈشۈپ بىر بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۇراپ تۇراتتۇق ... ئۇقۇشۇممۇ پۈتتى ... قايتىپ كېلىپ سەن بىلەن كۆرۈشتۈم .. ئەمما بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ، خۇددى بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم ، بۇرۇنقىدەك ئەركىن پاراڭلىشىش ئەمەس ، بىر خىل ساختىلىق يۇشۇرۇنغان ئىدى ، مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنىلا سېزىپ تۇراتتى ... ...
ئەمما ........ مەن تۇيۇقسىز بىر شۇم خەۋەر ئاڭلاپ قالدىم ...چۈنكى سېنىڭ ماڭا بولغان <ئاتالمىش سۆيگۈڭ&t; ئاللىقاچان  ئاستا -ئاستا سۇسلاشقا باشلاپتىكەن ئەمەسمۇ ؟ سەن ئەسلى ماڭا ، مېنىڭ مۇھەببىتىمگە خايىنلىق  قىلىپ باشقا بىر قىز بىلەن ئاللىقاچان مۇھەببەتنىڭ شىرىن پەيزىنى سۈرۈپ بوپتىكەنسەن ئەمەسمۇ ،،،
كۈنلىرىم..كىچە-كىچە ئۇيقۇسىز ، كۈندۈزلىرى تەنھا ئۆتتى  .....
ئىلگىرى سەن مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغانتىڭ .............ئاقىۋەتتە مەن ئالدىڭدا يىغلىدىم ...
سېنى تۇنجى سۆيگۈمىزنى قەدىرلەرمىكى ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلارمىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن  .....
بىراق سەن سۆيگۈمنى خارلىدىڭ ،،،،،تۇنجى سۆيگۈمنى خارلاپ تاشلىدىڭ .....
مانا سەندىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقىلىمۇ خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى  ....
سېنى  ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن .....ئىلگىرى سەندەك ۋاپاسىزدىن باشقىنى ياخشى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمەن،،،دەپتىكەنمەن ......ئەمما ئۇنداق بولمىدى ، مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا باشقا بىر يىگىت بۆسۈپ كىردى . ساڭىلا باغلانغان يۈرىكىمنى ئۇنىڭغا ئاتاپ باقتىم . ئەمما نەتىجىسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ..... بۈگۈن ساڭا شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن ..........
سېنى سۆيەلمەيمەن ھەم سۆيمەيمەن .......  
مەن قەلبىمدىكى <ئۇ&t;نى مەڭگۈ سۆيىمەن ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى قەدىرلەيمەن ...............مەڭگۈ.....
سەن ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىما......ئۇنىڭ پەقەت< مەن سۆيگەن يىگىت &t;ئىكەنلىكىنىلا بىلسەڭ ....شۇ سەن ئۈچۈن كۇپايە .........
ماڭا بەخت تىلە ....(تىلىمەيدىغىنىڭنى بىلىمەن ..چۈنكى سەن بەك شەخسىيەتچى)........ 
مەن چۇقۇم بەخىتلىك بولىمەن ........(ئاللاھ خالىسا ).............. 
شۇنىمۇ بىلىپ قالغىنكى: مەن ئەمدى سېنىڭ ئەمەس .....مەڭگۈ سېنىڭ ئەمەسمەن .....
پەقەتلا ماڭا بەخىت تىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن ......چۈنكى مەن كىچىكىپ ھېس قىلغان بەختىمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن ........
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنۈشۈم ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلما ، ساڭا ئەمدى قايتا كۆڭۈل بېرىىشم مۇمكىن ئەمەس ، سېنىڭ ئەمدى قانچىلىك پۇشايمان قىلغىنىڭنى ئاڭلىغۇممۇ يوق، ھازىر سېنى كۆرۈش ئەمەس ، سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇممۇ يوق..چۈنكى سەن ئالدى بىلەن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ، ئەمدى مەندىن قايتا مۇھەببەت كۈتمە ، سەن بۇنى مەڭگۈ ئېسىڭدە تۇت

         كۆرۈلۈشى:2168     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/15 19:57:00يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com