Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مۇھەببەتلىشىشتىكى 29 تېئورىمىنى بىلەمسىز؟

1-   تىئورما :
ئەگەر قىز /ئوغۇل دوستىڭىزنى دوستلىرىڭىزنىڭ كۆپى ياقتۇرمىسا ئۇنداقتا ئۇ چۇقۇم سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرى ئەمەس .

2 -  تىئورما :
ئايرىلىپ يارىشىپ ئايرىلىپ يارىشىپلا يۈرسەڭلار ، ئەڭ ئاخىرىدا ھامان ئايرىلىسىلەر .

3 -  تىئورما :
ئۈچ ئاي بىر داۋان .  مۇھەببەتنىڭ قىسقىغىنە ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىشىشىنى ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ ئايدىلا بىلگىلى بولىدۇ .

4 -  تىئورما :
ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە دەرھال دەۋېتىش كېرەك . بولمىسا كۆڭۈلدە قېلىپ كىيىن ئايرىلىپ كىتىشىڭلاردىكى بومبىغا پىلتە بوپ قالىدۇ .

5 -  تىئورما :
ئەگەر بىر ئايال ھىچقانداق نەرسىدىن ئۇتۇق قازىنالماي تۇرۇپ ناھايىتى ئىسىل ئوغۇل دوست تېپىۋالسا ، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس ھىساپلايدۇ ، ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇنى ناھايىتى قالتىس ھىساپلايدۇ .
ئەگەر بىر ئەر ھىچقانداق ئىشتىن ئۇتۇق قازىنالماي تۇرۇپ ناھايىتى قالتىس بىر قىز دوست كەلتۈرىۋالسا ، ئۇ ئۆزىنى يەنىلا ھىچقانداق ئىشتىن ئۇتۇق قازانمىغاندەك ھىس قىلىدۇ ، ئەتراپىدىكىلەرمۇ شۇنداق ھىساپلايدۇ .

6 -  تىئورما :
سىزگە داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلەيدىغان ئادەم ، سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم بولىشى ناتايىن . ( مەسىلەن سىز ئۈچۈن كەسپىدىن ۋاز كىچىدىغان ، ھەتتا جۈپتىدىن ۋاز كىچىدىغان ، مال مۈلكىدىن ۋاز كىچىدىغان ؛ ياكى خاتىرە كۈنۈڭلاردا 9999 تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدىغان ؛ ياكى تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئۈچۈن داڭلىق ماركىلىق ماشىنا سوۋغا قىلىدىغان ….دىگەندەكلەر .ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشى پەقەت بىر قېتىملىق ھاياجاندىن ، ياكى سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتىش ئۈچۈن ياكى كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىش ئۈچۈنلا  بولىشى مۇمكىن . نۇرغۇن ئاياللارنىڭ پاجىئەسى شۇكى  ئۇ ماڭا مۇشۇنداق داغدۇغىلىق ئىش قىلىپ بەرگەن ، دۇنيادا ئىككىنچى بىرسى بۇنچىلىك رومانتىك ئىش قىلالماسلىقى مۇمكىن ، ئۇ چۇقۇم مېنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاش  . ئويغىنىڭ ، ئۇ سىزگە بۇنچىۋالا رومانتىك بولسا باشقىلارغا قانچىلىك رومانتىك بولالايدۇ كىم بىلىدۇ ؟!
سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بەلكى ھىچقانداق داغدۇغىلىق ئىش قىپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن ، ئەممائۇ ئىزچىل ھالدا ھەر كۈنى سىزگە نۇرغۇن كىچىك ئىشلارنى قىلىپ بىرىۋاتىدۇ . ( ئەتىگىنى سىزگە سۈت قۇيۇپ بىرىش ، ھاۋا سوۋۇپ قالغاندا ئۆزى توڭلاپ تۇرسىمۇ چاپىنىنى سىزگە يېپىپ قويۇش ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا زىرىكمەي ئولتۇرۇپ دەردىڭىزگە قۇلاق سېلىش ، قاچىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى گۆشنى سىزگە يىگۈزۈش ، ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا سىزگە بۈگۈن ھەدىڭىزنى تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا سىزنىڭ راھەت ئۇخلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ياستۇق بولۇپ بىرىش . …بۇ ئىشلارنىڭ كىچىكلىكىدىن سىزمۇ ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ سىز ئۈچۈن جىمجىت قىپ بىرىۋاتقان ئىشلىرىنى سەزمەتىنلا بۇلار ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان بولىشى مۇمكىن . بۇنداق ھەر كىشى سىزگە ھەقىقىي كۈيىنىدىغان ئەر كىشى . ئەلۋەتتە ، ئالدىنقى شەرتى ، ئىككىڭلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرى بولىشى كىرەك .

7 -  تىئورما :
ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بىللە قانچىلىك بەىتلىك ئىكەنلىكىنى توختىماي كۆز – كۆز قىلىدىغان ئادەملەر ، مەسىلەن ئىككەيلەننىڭ بىللە چۈشكەن بەختلىك رەسىملىرىنى توختىماي تور دۇنياسىدا ئاشكارىلايدىغانلاردىن چۇقۇم ئايرىلىش كىرەك .
چۈنكى ھەقىقىي بەختنى كۆز – كۆز قىلىش كەتمەيدۇ ، خەقنى چۆرىسىتىپ تاماشا كۆرسىتىشمۇ كەتمەيدۇ ، پەقەت ئىككى ئادەم كۆڭلىدە بەخت سەزسىلا كۇپايە .

8 -  تىئورما :
بىر قۈپلەر ئايرىلىپ كىتىپ بىر تەرەپ باشقا بىرىنى تېپىۋالسا يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇنى قوغلىشىپ دەرھال يېنىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالغىسى كىلىدۇ ، گەرچە ئىككىسىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ .
( داۋاملاشما تىئورمىسى : ئەگەر ئالدىنقى ئوغۇل دوستىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىش نىيىتىڭىز بولسا يىغلاپ يالۋۇرىشىڭىز ئەڭ ئەسقاتمايدىغان يارىماس چارە .توغرا ئۇسۇل بولسا دەرھال قالتىس   سۈپەتلىك   يېڭى ئوغۇل دوست تېپىش .(يېڭى ئوغۇل دوستلا ئەمەس ، يېڭى ئۇچرىشىش ئوبىكتى بولسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئالدىنقى شەرتى چۇقۇم كىلىشكەن ، قالتىس بولىشى كىرەك ) ، كونا ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاقسا ، خۇشال كۆرۈنسىڭىز كونا ئوغۇل دوستىڭىز چۇقۇم دەرھال يارىشىۋېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىپ ئالدىڭىزغا ئۈنىدۇ .

9 -  تىئورما :
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بۇرۇن ئارىلاشقانلىرى يا بەك ئىسىل يە بەك ناچار بولسا ، بۇ ئادەم ئۆزىمۇ يا بەك ئىسىل يا بەك ناچار .

10 -  تىئورما :
بەزىدە بىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزگە ئازار بىرىشمىز ئۇلارغا ئازار بىرىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلمەيدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن .
ئەگەر بىر ئىشنى ئىسپاتلاش مەقسىتىڭىز بولماستىن پەقەتلا ئازار بىرىش مەقسىتىڭىزلا بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل : ئۇنىڭ ھەر قانداق قىلىپمۇ سىزگە ئازار بىرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ، يەنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىڭىز ، خىيالىڭىزغا كىرىپمۇ چىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش .

11 -  تىئورما :
بىر ئادەمنىڭ مۇلازىمەتچىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئارىلىشپ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن دەل سىزگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى .
(بۇ تىئورما بەك توغرا . ئەگەر بىر ئادەم مۇلازىمەتچىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا ئۆزىنىڭ لايىقىغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلالايدۇ ؛ ئەگەر مۇلازىمەتچىگە ۋارقىراپ – جارقىراپ ، پۇتاق چىقىرىپ يۈرسە ئۆزىنىڭ لايىقىغىمۇ كېيىن شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن . ( ئەلۋەتتە پوزىتسىيىسى بەكلا ناچار بولغان مۇلازىملارغا قىلىنغان مۇئامىلە بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس .)

12 -  تىئورما :
ئەگەر ئىككى ئادەم پەقەتلا بىر – بىرىگە قىزىقىپ ، ئەمما ئورتاق تۇرمۇش نىشانى بولمىسا ، بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ . (مەسىلەن سىزنىڭ ئۆي ئېلىپ تىنچ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىڭىز بولۇپ ، ئۇ ئەكسىچە ئۆي ئېلىش بەك پۇل ئىسراپ قىلىدۇ ، ئۇ پۇلغا دۇنيانى ساياھەت قىلغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلىسا . )

13 -  تىئورما :
يېڭى ئارىلاشقاندا كىم بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسە شۇ ئاسان يېڭىلىدۇ .

14 -  تىئورما :
توختىماي سىزنى ماختاپ – ئۇچۇرۇپ ، ئەمەلىيەتتە سىزگە ھىچ ئىش قىپ بەرمىگەن ئەردىن دەرھال ئايرىلىڭ . بىر ئادەمنىڭ سىزنى ياخشى كۈرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا سىزگە نېمىلەرنى دىگىنىگە قاراپ ئەمەس ، نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەرگىنىگە قاراپ باھا بىرىش كىرەك .

15 -  تىئورما :
ئىككى ئاجىز ئادەم بىللە بولسا ، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشى مۇمكىن ؛ بىر كۈچلۈك ، بىر ئاجىز بىللە بولسا مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشى يەنىلا مۇمكىن ؛ ئىككى كۈچلۈك بىللە بولسا ، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى چىقماسلىقى مۇقەررەر .

16 -  تىئورما :
سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر سىزگە ئاسانلىقچە كارىۋاتقا چىقىش تەكلىبىنى قويمايدۇ . چۈنكى ئۇ كۆڭلىڭىزدىكى ئوبرازىغا تەسىر يىتىشتىن قورقىدۇ .

17 -  تىئورما :
خوشال ئەمەس ئىككى ئادەم بىر يەرگە كەلسە ، تېخىمۇ خاپىغان بولۇپ كىتىدۇ . ( نۇرغۇن ھىكايە ، كىنولاردا ئىككى غاپىغان ئادەمنىڭ بىر يەرگە كىلىپ بىر – بىرىگە دەرت تۆكۈشۈپ كېيىن قانداق بەختلىك بىر جۈپلەرگە ئايلانغالىقى تەسۋىرلىنىدۇ . ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولسا بۇنداق بولمايدۇ ، خاپىغان ئادەملەر نورمالدا بىر ئاز چۈشكۈن كىلىدۇ ، ئىككى چۈشكۈن ئادەم بىر يەرگە كەلسە ، كەيپىياتلىرى بىر – بىرىگە تەسىر قىلىپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىدۇ .

18 -  تىئورما :
ئەگەر مۇھەببەت ياكى نىكاھ  قۇتقۇزۇش  باسقۇچىغا كەپ قالغان بولسا ئۇنداقتا بۇ مۇناسىۋەت ئايرىلىش باسقۇغىچىدىن يىراقتا ئەمەس .

19 -  تىئورما :
ئەگەر بىرسى سىزنى ئالدىغان بولسا ، ئۇ سىزنى يەنە ئالدايدۇ .

20 -  تىئورما :
ئەگەر سىز دائىم ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدىسىڭىز سىز قارشى تەرەپنى يېتەرلىك ياخشى كۆرمەيسىز ؛ ئەگەر سىز دائىم قارشى تەرەپ ئۈچۈن باھانە ئىزدىسىڭىز قارشى تەرەپ چوقۇم سىزنى يىتەرلىك ياخشى كۆرمەيدۇ . ( مەسىلەن ، مەن بۈگۈن بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ئۇنىڭ كىنو كۈرۈش تەكلىپىگە قۇشۇلالمىدىم . ئۇ تۆنۆگۈن خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالدى ….دېگەندەك .)

21 -  تىئورما :
ئەگەر سىز توختىماي ئۇنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى تىلغا ئالسىڭىز سىزمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىگە ئايلىنىپ قالىسىز .

22 -  تىئورما :
مۇھەببەت ئادەمگە دائىم  ئۇ بولمىسا ياشىيالمايمەن  دىگەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ ، ئەمما كىم كەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر سىز يەنىلا ياشىيالايسىز .

23 -  تىئورما :
ئەگەر ئۆزىڭىزنى تۆۋەن بىر ئورۇنغا قۇيىۋېلىپ مۇھەببەتنى تىلىسىڭىز ، ھەقىقىي مۇھەببەتكە چوقۇم ئىرىشەلمەيسىز .

24 -  تىئورما :
سىز لايىق تېپىشقا ھەقىقەتەن ئالدىراپ كەتسىڭىزمۇ يەنىلا باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويماڭ . “ سۈپىتى ياخشى “ لار سىزنىڭ بۇ خىل “ ئاچلىق “ ىڭىزدىن قورقۇپ قېچىپ كىتىدۇ .

25 -  تىئورما :
ئەرلەرنى پىشىپ – يىتىلمىگە دەپ ئەيىپلىمەڭ ، ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ پىشىپ – يىتىلمىگەن بالىلارچە تەرىپى بولىدۇ .

26 -  تىئورما :
بىر ئەر سىزگە بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلمىسلا ، مېنى ئەمدى ياخشى كۆرمەس بوپ قالدى دەپ ئويلىماڭ  . ( ئوغۇللار قىزلارنى قوغلاشقاندا ئېنىقلا ھەممە ئىشتا يول قويىدۇ ،  ئەمما قىزغىن مۇھەببەتلىشىش دەۋرى ئۆتكەندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك خوشامەت قىلمايدۇ ، بۇ نورمال ھادىسە . ئەمقا بەزى قىزلار بۇ خىل “ پەرق “ نى قۇبۇل قىلالماي ئايرىلىپ كېتىدۇ .)

27 -  تىئورما :
ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ئەر – ئاياللار مەۋجۇت ، ئۈچىنچى شەخس قانچە تىرىشسىمۇ بىكار .

28- تىئورما :
مۇھەببەت ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . ( ئەگەر ئەبلەخكە ئۇچراپ قالسىڭىز ، ئۆزگەرتىمەن دەپ خام خىيال قىلماي دەرھال ئايرىلىڭ !)

29- تىئورما :
ئايرىلغاندىن كېيىن ئەمدى ئالاقىلاشمايلى دەپ تەكلىپ بەرگەن تەرەپ ھامان تېخىچە ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ .

         كۆرۈلۈشى:2481     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/14 11:11:44يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com