Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


يۈرۈكۈم يىغلايدۇ

 يۈرۈكۈم يىغلايدۇ

(نەسىر)

شىرزاد ئادىلجان

 

ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مەنزىلىمنى نىشانلىماي قايغۇ ئىچىدە مېڭىپ ، كۆزۈمدىكى ياش ، قەلبمدىكى ئازابنى كىشىلەر نەزىرىدىن قاچۇرۇپ كېتىپ بارىمەن .
تۈنۈگۈنلا ئازاب قوينىدىن ئۆزىنى تارتىپ تەن ساقلىقىنى قايتۇرۇپ كەلگەن مومام مانا بۈگۈن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى . يۈرۈكۈم ھازىدار ! ئانامدەك كۆيۈنۈپ ، ئاتامدەك مېھرى – شەپقەت ئاتا قىلغان ، قەلبىمدە يۈكسەكلىكى ئېشىپ ئالىيجاناپ سانالغان مومامدىن ئايرىلدىم .
ھەي ، تاتلىق تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان سۈرەتتىن ئۆز ئازابىمغا داۋا ئىزدىدىم . ئەمما ئۇ شۇ كۈلگەنچە بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ قويمايىتتى . سۈرەتنى ئېلىپ يۈرۈكۈمگە ، يۈزۈمگە ياققىنىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق چىقارغان نەپەسلىرىگە قېتىلىپ مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرى يۈزۈمگە تەگمىدى . توپا – چاڭلار ئارىسىدا ئۇزاق يالداما بولغان سۈرەتنىڭ مۇزدەك يۈزى مېنى ئەندىكتۈردى . سۈرەت نېمە قىلىدۇ ؟ ئەلۋەتتە ، بىردەملىك ئازابنى تۈگىتىپ مەۋھۇم دۇنياسىكى ياراڭنى پەسەيتىدۇ . سېغىنىشتىن تامغان يېشىڭنى سۈرتۈپ ساڭا تەسەللىي بېرەلەمدۇ ؟ ياق ! سۈرەت يىغا ، خۇشاللىق ، ئازاب ئالدىدا يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدۇ . تاكى ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولغانغا قەدەر كۈلگىنىنى يوقاتمايدۇ .
1
ئۈچ كۈن ئاۋال . سەن بىلەن ھەممە يەردىن ئىسپىرىت پۇرىقى گۈپۈلدەپ ، ئاغرىق – سىلاقلارنىڭ ۋايساشلىرى بىلەن تولغان دوختۇرخانا ئىچىدە بىللە ئىدىم . سەن باشقىلاردىن روشەن پەرىقلىق ئىدىڭ . تېمەنلىكىڭ ، ساغلاملىقىڭ تېنىڭدە ئۆز كۈچ قۇۋىتىنى كۆرسەتتىمىكىن مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلەتكەن ، قەلبىڭدىكى غۇبارسىز مېھرىڭنى مېنىڭ قوينۇمغا تۆكۈپ بەرگەن ئىدىڭ .
ئىككى كۈن ئاۋال . قۇياش تاغ كەينىدىن قىزىل ئوتقاشتەك پارلاپ زېمىن يۈزىگە ئىللىق نۇرىنى تۆكۈپ سەن بىلەن ، مەن بىلەن يۈزلەشتى . ئانام سېنى داۋالاپ ساقايىتقان دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتىپ سېنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقتى . دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى دۇنيادىكى بەختكە ئېرىشتىم دەپ ئويلىدىڭمۇ ، خۇشاللىقىڭ چىرايىڭدا قۇياشتەك نۇر چاچتى . مەن ئۈچۈن ئەسكى ، ۋەيرانە كۆرىنىدىغان غېرىبانە كۆلبەڭ ، سەن ئۈچۈن جەننەت ئوردىسىدەك ، گۈلى – گۈلىستاندەك كۆرىنەتتى . نەزىرىڭدىكى بۇ بىباھا دۇنيارىڭ بۈگۈن كېچە خۇشاللىق ئىلكىدە قىزىڭ ، نەۋرىلىرىڭنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرىق قىلدى .
بىر كۈن ئاۋال . « جەننەت ئوردىسى » دىن ئانام كۆز ئېچىپ ناشتىلىقىمىزنى غەملىدى . موما شۇ كۈنى مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلىتىپ تاماق شېرەسى ئۈستىدە ماڭا تاماق يېگۈزدۈڭ . ئاق تاملىرى ئىستىن سارغىيىپ كەتكەن ئۆيۈڭدە تۇرغۇم بولمىسىمۇ سېنىڭ مېھرىڭ ، سوغۇق قاپلىغان ۋەيرانىچىلىقنى ياساپ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى . يېنىڭدىن نېرى بولماي بۈگۈننىمۇ كەچ قىلدىم . ئۇيقۇ لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا مېنى ئۆز قوينىڭغا ئېلىپ ياتتىڭ .
2
تاڭ سەھەر سۈبھى كۆتۈرۈلۈپ ئالتۇندەك قۇياش ھارارەتلىك نۇرىنى يۈزىمگە چۈشۈرگەندە سەگىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئانام ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى تەييار قىلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى . سەن تېخىچىلا شېرىن ئۇيقىدا ئىدىڭ . مەن لېۋىمنى يۈزۈڭگە ياققىنىمدا بۆلەكچىلا سوغۇق سېزىم پەيدا بولدى . سەن شۇ پېتى ئۇيقىدا ئىدىڭ . « چارچاپ قالغان بولساڭ ئۇخلىۋال ! » . قۇياش يەر يۈزىگە تىك چۈشكەندە ئانام قورسىقىڭنى ئويلاپ سېنى ئويغاتتى . سەن بىردەملىك ئۇيقىغا ئەمەس ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرىق بولۇپسەن ، ئانامنىڭ بېشىڭنى قۇچىقىغا قويۇپ « ئانا ، ئانا ئويغان ! » دېگەن سۆزلىرى يۈرۈكۈمگە بىر خىل تەشۋىشلىكنى سېلىپ يۈرەك سوقۇشۇمنى تېزلەشتۈرىۋەتتى . ئانامنىڭ كۆزىدىن تاراملىغان ياشتىن ئاخىرى ھاياتلىقنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئامانەتنى چوقۇم قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدىم . يىللارنىڭ رەھىمسىز ئۆتمۈشلىرىدە موما سەنمۇ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدىڭ .
3
يىللار شەپقەتسىز . شۇ يىللار يېڭىلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئامراق نەرسىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ كېتىپ ، ئىنساننى ھىجران ئازابىدا كۈل قىلىدۇ . سېغىنىشتا تۆككەن ياشلار تاراملاپ قۇرۇپ تۈگەپ كەتكۈچە يەنە قانچىلىغان نەرسىلەرنى بىزدىن ئايرىيدۇ ، بۇنى بىلىشكە ئاجىزمىز .
4
ئۇزاقتىن – ئۇزاققا سوزۇلغان جامائەت تاۋۇتۇڭ كەينىدىن تەۋرەپ كەلمەكتە . مىسلىسىز ئازاپ ئىچىدە يىغلاپ قالغان قىزلىرىڭ ساڭا مۇراجەت قىلماقتا : « جېنىم ئانا ! بىزنى تاشلاپ كەتمە ! » بۇ خىل ئازابلىق مۇراجەت يۈرۈكىڭنى تىرىلدۈرەلمىدىمۇ ؟ موما ! نېمە ئۈچۈن  تاۋۇتۇڭنى ئازاب ئىچىدە كۆتۈرۈپ ماڭغان ئوغۇللىرىڭنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئۆز مېھرىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئازاب تۇمانلىرىنى تارقىتىۋەتمەيسەن ؟! مەن ئويلايمەن ، قارلىق تۇتۇپ مېيىتىنى ئۇزۇتۇپ ، چىڭ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى يەر ئاستىدىن ئېچىپ يىغا – زار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇ ئادەم قولىنى پۇلاڭلىتىپ ھازىدارلارغا « خوش » دەپ قويمايدۇ .
مەنزىلگە كەلگەندە قەبرە قاراڭغۇلۇق ۋە سوغۇق تۇپراق بىلەن سېنى ئۆز قوينىغا تارتىپ كىرىپ كەتتى . موما ! ھايات كەچمىشلىرىڭنى ئۆز دۇنيارىڭدا قالدۇرۇپ كەتتىڭ .
X                            X                    X
 دۆۋىلەنگەن قارا تۇپراق بېشىدا تاشتىن ئويۇلغان قەبرە تېشى ئۆز سۈرىتىڭنى خاتىرلىمەكتە . ئانام ، دادام ، پۇشتۇڭ جەمەتى بولغان قېرىنداشلىرىڭ قەبرەڭ بېشىدا يۇم – يۇم يىغلاپ ، دۇئادا قول كۆتۈرۈپ ساڭا جەننەتتىن ئورۇن تىلىمەكتە .
سۆيۈملۈك نەۋرىلىرىڭ ساڭا ئەركىلىگەندەك قەبرەڭ تېشىغا گىرە سالماقتا .
X                            X                    X
موما !
تەقدىر تەققازاسى بىلەن ھامان بىر كۈن سەن بىلەن جەم بولىمىز . بەلكىم شۇ كۈنلەردە بىزنى يادلايدىغانلارمۇ شۇ كۈننى كۈتىدۇ . چۈنكى ھايات يىللار قوينىدا تۈگەيدۇ .
 
مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك تۇلۇق2- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
         كۆرۈلۈشى:1016     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/28 12:53:31يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com